تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان «ئالتۇن ھەرىكەت»! بەك ئاددىي، ھەر كۈنى پەقەت بەش مىنۇت قىلسىڭىزلا بولىدۇ

   بىر خىل ھەرىكەت بار، تەنھەرىكەت كىيىمى كىيمىسىمۇ، چېنىقىش ئۆيىگە بارمىسىمۇ بولىدۇ، ھەتتا كارىۋاتتا يېتىپلا، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپلا قىلغىلى بولىدۇ، سىزنىڭ قان نۆكچىسى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئۇ دەل ئوشۇق پومپىسى ھەرىكىتى!

   ئۇزاق ئولتۇرۇش، ئۇزاق ئۆرە تۇرۇش، ئۇزاق يېتىش ئاسانلا قان نۆكچىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ

  قان نۆكچىسى قان تومۇردا بولماسلىققا تېگىشلىك «ئۇيۇشۇپ قالغان قان»دۇر. كىچىك بولغاندا قاننىڭ ئېقىش مىقدارى ۋە سۈرئىتىگە تەسىر يېتىشى، چوڭ بولغاندا قان تومۇرلارنى توسۇۋېلىپ، قاننىڭ ئېقىشىنىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  بۇنىڭ ئىچىدە، ۋېنادا پەيدا بولغان قان نۆكچىسى «يوشۇرۇن قاتىل» دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇنىڭ شەكىللىنىشىدە كۆپىنچە روشەن كېسەللىك ئالامىتى بولمايدۇ، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن ھامان ناھايىتى ئېغىر بولۇشى، ھەتتا ئاغرىقنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن.

  ئۇزاق ئولتۇرۇش، ئۇزاق ئۆرە تۇرۇش، ئۇزاق يېتىشنىڭ ھەممىسى ئىككى پۇت ۋېناسىدا قان نۆكچىسى پەيدا بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇۋېتىدۇ. پاقالچاق مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىشى كەمچىل بولغاچقا، ۋېنادىكى قاننىڭ قايتىش سۈرئىتى كۆرۈنەرلىك ئاستىلاپ، پۇتتا ئاسانلا قان ئۇيۇپ قالىدۇ. بۇ، قاندىكى قان ئۇيۇتقۇچى ماددىلارنى تېخىمۇ ئاسان توپلاپ، تەدرىجىي ھالدا قان نۆكچىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

  قان نۆكچىسى چۈشۈپ كەتسە، قان ئايلىنىش ئارقىلىق ئۆپكىدىكى قان تومۇرلارنى توسۇۋېلىپ، جانغا زامىن بولىدىغان ئۆپكە كەپلەشمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، «ئۈچ ئۇزاق» (ئۇزاق ئولتۇرۇش، ئۇزاق ئۆرە تۇرۇش، ئۇزاق يېتىش) ھالىتىدىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنتايىن مۇھىم.

  ئوشۇق پومپىسى ھەرىكىتىنىڭ قان ئايلىنىشنى ئۈنۈملۈك «جانلاندۇرۇش» رولى بار

    بىر كىچىك ھەرىكەتنى دائىم قىلغاندا، قان ئايلىنىشنى ئۈنۈملۈك «جانلاندۇرۇپ»، قان نۆكچىسى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ پۇتنى ئېگىش بولۇپ، ئۇنىڭ ئىلمىي نامى «ئوشۇق پومپىسى ھەرىكىتى».

    پۇتنى ئېگىش، پۇتنى كېرىش ھەرىكىتىدە، ئوشۇق خۇددى بىر كىچىك تىپتىكى «قان پومپىسى»غا ئوخشاپ قالىدىغان بولۇپ، مۇسكۇلنىڭ قىسقىرىشى ۋە كېڭىيىشى جەريانىدا، پۇت ۋېناسىدىكى قاننىڭ تېز سۈرئەتتە يۈرەككە قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

    بۇ جەريان ئۇزاق ئولتۇرۇش، ئۇزاق ئۆرە تۇرۇش، ئۇزاق يېتىشتىن كېلىپ چىقىدىغان قاننىڭ ئۇيۇپ قېلىشىنى ئازايتىپلا قالماي، يەنە مىكرو قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ، ۋېنادا قان نۆكچىسى ھاسىل بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

جياڭشى جىئەن ئەنفۇ ناھىيەلىك جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن.

   مارافون يۈگۈرۈشنىلا چېنىقىش دەپ قالماڭ، بۇ كىچىككىنە ئوشۇق پومپىسى ھەرىكىتىنىڭ «ئىقتىدار-باھا نىسبىتى» ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، پايدىسى سىز ئويلاپ يېتەلمىگۈدەك دەرىجىدە كۆپ:

  پاقالچاققا «قان بېسىمىنى ئاشۇرۇش پومپىسى» ئورناتقانغا باراۋەر

  پاقالچاق مۇسكۇللىرى ئادەم بەدىنىدىكى «ئىككىنچى يۈرەك» دەپ ئاتىلىدۇ. پۇتنى ئېگىش، پۇتنى كېرىش ھەرىكىتىدە، مۇسكۇللار يىغىلىپ سۇ پومپىسى سۇ تارتقانغا ئوخشاش پۇتتىكى قاننى يۈرەككە قايتۇرىدۇ، قاننىڭ پۇتتا «توسۇلۇپ» قېلىشىدىن ئەمدى قورقمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  قان نۆكچىسىمۇ «ئەگىپ ئاقىدۇ»

   ئۇزاق ئولتۇرغاندا، ئۇزاق ئۆرە تۇرغاندا، ئۇزاق ياتقاندا، قاننىڭ پۇتتا ئېقىشى ئاستىلاپ، ئاسانلا قان نۆكچىسى (چوڭقۇر ۋېنادا قان نۆكچىسى ھاسىل بولۇش) شەكىللىنىدۇ. ئوشۇق پومپىسى ھەرىكىتى خۇددى قان تومۇردىكى «يۇندى يولى»نى راۋانلاشتۇرغانغا ئوخشاش، قاننى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قان نۆكچىسىغا يوشۇرۇنىدىغان جاي قالدۇرمايدۇ.

   سۇلۇق ئىششىپ كەتكەن «پىل پۇت» بىلەن خوشلىشالايسىز

   پۇتىڭىز خۇددى قوغۇشۇن قۇيغاندەك ئىششىپ كەتتىمۇ؟ پۇتنى ئېگىش، پۇتنى كېرىش لىمفا سۇيۇقلۇقىنىڭ قايتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەدەندىكى ئارتۇق سۇنى چىقىرىپ تاشلاپ، ئىككى پۇتنى قايتىدىن يەڭگىل قىلىدۇ.

   «قېتىپ قالغان ئوشۇق»نى قۇتقۇزۇش رولى بار

   ئادەم ئۇزاق مۇددەت ھەرىكەت قىلمىغاندا، پۇت ئوشۇقى ئاسانلا قېتىپ قالىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى قەتئىي داۋاملاشتۇرغاندا، ئوشۇقنىڭ جانلىقلىقىنى ساقلىغىلى، پەلەمپەيدىن چىققاندا، يول ماڭغاندا تېخىمۇ مۇقىم ماڭغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلارغا ماس كېلىدۇ.

  ئوشۇق پومپىسى ھەرىكىتىنى داۋاملىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق پۇت مۇسكۇلى ۋە سىزىقلىرىنى ھاسىل قىلىشقا بولىدۇ

   تۆمۈرنى كۆتۈرگەندىلا مۇسكۇللارنى چېنىقتۇرغىلى بولىدۇ دەپ قالماڭ، پۇتنى ئېگىش، پۇتنى كېرىش ھەرىكىتىدە، پاقالچاقنىڭ ئالدى-كەينىدىكى مۇسكۇللار ئوغرىلىقچە كۈچەيدىغان بولۇپ، مۇسكۇللارنىڭ يىگىلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئىككى پۇتنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرگىلى بولىدۇ.

   ئوشۇق پومپىسى ھەرىكىتىنى قانداق قىلغاندا توغرا قىلغىلى بولىدۇ؟

   قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن رولى زور بولغان بۇ ھەرىكەتنى قانداق قىلىش كېرەك؟ كونكرېت قەدەم باسقۇچلىرى تۆۋەندىكىچە:

   پۇتنى ئېگىش

   پۇتنىڭ ئۇچىنى بۇرنىڭىز يۆنىلىشىگە قارىتىپ ئاستا-ئاستا ئېگىسىز، پاقالچاقنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى مۇسكۇللار چىڭ تارتىلغاندەك ھېس قىلغاندا، تاپىنىڭىزنى كارىۋات ياكى يەردىن سەل-پەل يىراقلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. مۇشۇ ھالەتنى 10-5 سېكۇنت ساقلاش كېرەك.

جياڭشى جىئەن ئەنفۇ ناھىيەلىك جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن.

   پۇتنى ئالدىغا تارتىش

    پۇتنىڭ ئۇچىدا كۈچەپ تۆۋەنگە دەسسەيمىز، خۇددى ماي كىلاپانىنى دەسسىگەنگە ئوخشاش، پاقالچاقنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى مۇسكۇللار چىڭ تارتىلغاندەك ھېس قىلىمىز. مۇشۇ ھالەتنى 10-5 سېكۇنت ساقلاش كېرەك.

جياڭشى جىئەن ئەنفۇ ناھىيەلىك جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن سۈرەت.

  ئايلاندۇرۇش

   ئوشۇق بوغۇمىنى مەركەز قىلىپ، پۇتنى 360 گىرادۇس ئايلاندۇرۇش، بەرداشلىق بېرىش دائىرىسى ئىچىدە ھەرىكەت دائىرىسى ئەڭ چوڭ ھالەتتە بولۇشى كېرەك.

جياڭشى جىئەن ئەنفۇ ناھىيەلىك جۇڭيى تېبابىتى دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن.

   ئوشۇق پومپىسى ھەرىكىتىدە، تۆۋەندىكى ئۈچ نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك:

  1. ھەرىكەت ئاستا بولۇشى كېرەك: مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى ۋە بوشىشىنى ھېس قىلالىغاندا، ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

  2. ئامپلىتۇدىسى چوڭ بولۇش كېرەك: ئاغرىمىغان دائىرىدە ئىمكانقەدەر ئەڭ چوڭ بۇلۇڭ ھاسىل قىلىش كېرەك.

  3. چاستوتا يېتەرلىك بولۇشى كېرەك: ھەر سائەتتە 10-5 مىنۇت، ياكى ھەربىر گۇرۇپپا ھەرىكەت (پۇتنى ئېگىش + پۇتنى كېرىش بىر قېتىم)نى 30-20 قېتىم ئىشلەش، ھەر كۈنى كۆپ قېتىم ئىشلەش كېرەك.

   تۇنجى قېتىم مەشىق قىلغاندا قېتىم سانىنى ئازايتىپ، كۆنۈۋالغاندىن كېيىن تەدرىجىي كۆپەيتىش كېرەك. بۇ ھەرىكەتنى ھەر كۈنى بىرنەچچە مىنۇت ۋاقىت چىقىرىپ، خىزمەت قىلغاچ، كىنو كۆرگەچ ئىشلىسىڭىز بولىدۇ.

   قان نۆكچىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئوشۇق پومپىسى ھەرىكىتىدىن باشقا يەنە تۆۋەندىكىلەرنى ياخشى ئىشلەش كېرەك:

  «ئۈچ ئۇزاق»تىن ساقلىنىش

   ئۇزاق ئولتۇرۇش، ئۇزاق ئۆرە تۇرۇش، ئۇزاق يېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ئۇزاق ۋاقىت كومپيۇتېر ئىشلىتىش، تېلېۋىزور كۆرۈش ياكى يان تېلېفون ئوينىغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ ھەرىكەت قىلىش، پۇتنى ھەرىكەتلەندۈرۈش، ئۆيدىمۇ مېڭىپ بېرىش كېرەك.

   يېتەرلىك سۇ ئىچىش

   سۇنى كۆپ ئىچكەندە قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، قاننىڭ قويۇقلۇقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، شۇڭا يېتەرلىك سۇ ئىچىشكە كاپالەتلىك قىلغاندا قان نۆكچىسىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

   قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ كۈندىلىك نورمال سۇ ئىچىش مىقدارى تەخمىنەن 2000 مىللىلىتىر، لېكىن يۈرەك قان تومۇر ياكى بۆرەك ئاساسىي كېسىلى بار، چوڭ ياشتىكىلەر سۇنى كۆپ ئىچسە بولمايدۇ، بولمىسا يۈرەك ۋە بۆرەكنىڭ يۈكى ئېشىپ كېتىدۇ.

   تاماكا تاشلاش، ئورۇقلاش

   تۇرمۇش ئادىتىنى ياخشىلاش كېرەك، تاماكا چېكىش قان تومۇر ئىچكى تېرىسىنى زەخىملەندۈرۈپ، قان نۆكچىسى ھاسىل بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. شۇڭا تاماكا تاشلاش، بەدەن ئېغىرلىقىنى تىزگىنلەش، كۆكتات، مېۋىلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك.

 «中国妇女» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.