ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ شياۋمى
توغراق شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلىدىكى ئەڭ ۋەكىللىك ساياھەت بايلىقىنىڭ بىرى. ھەر يىلى 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرلىرىدىن 11-ئايغىچە، شىمالىي شىنجاڭدىن جەنۇبىي شىنجاڭغىچە، توغراقلار تەرتىپ بويىچە ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىرىپ، شىنجاڭ ئەڭ گۈزەل ئالتۇن رەڭ پەسىلنى كۈتۈۋالىدۇ.
تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا توغراق باش تېما قىلىنغان كۆپلىگەن مەنزىرە رايونى، مەنزىرە نۇقتىلىرى تارقالغان، كۆپلىگەن ناھىيە، شەھەرلەر توغراقنى چۆرىدەپ يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، توغراق بىلەن قۇملۇق، كۆل، مۇسابىقە، يېزا-كەنت ساياھىتى قاتارلىق ئامىللارنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت بازىرىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇردى.
ئاراتۆرۈك توغراق مەنزىرە رايونىنىڭ ئالتۇن كۈز مەنزىرىسى. ئەي شياۋخۇي فوتوسى
بۇ يىل كۈزدە، شىنجاڭ ساياھەت جەمئىيىتى كۆپلىگەن ناھىيە، شەھەرلەر بىلەن بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، مۇزىكا كېچىلىكى، دالىدا قونۇش يىغىلىشى قاتارلىق خاس پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ ھەم تۇنجى قېتىم 10 كۈنلۈك توغراقنى ئايلىنىش ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى چوڭ لىنىيەسىنى يولغا قويىدۇ. بۇ لىنىيە توغراق باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، خوتەن ۋىلايىتى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت بايلىقىنى تۇتاشتۇرىدۇ. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى ھەۋەسكارلىرى توپلىنىۋاتىدۇ، 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا بىرتۇتاش ئۆمەك تەشكىللەپ يولغا چىقىش پىلانلاندى.
شەرقىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭدىكى توغراقلار ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى. ئاراتۆرۈك توغراق مەنزىرە رايونى تاراتقۇ بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئەي شياۋخۇي مۇنداق تونۇشتۇردى: «مەنزىرە رايونىدىكى ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا توغراقنىڭ سارغىيىش ۋاقتى ئوخشاش بولمايدۇ، مۆلچەرلىنىشىچە 9-ئاينىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرلىرىدىن 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى بولىدۇ». ئاراتۆرۈك توغراق مەنزىرە رايونىنىڭ ئالتۇن كۈز توغراق پەسلى پائالىيىتى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى باشلىنىپ، 10-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ، بۇ مەزگىلدە ئاراتۆرۈك توغراقلىقىنىڭ ئاجايىپ كېچىسى، ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا بايرىمى، گۈلخان كېچىلىكى قاتارلىق باش تېمىلىق پائالىيەتلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ يىل توغراق پەسلىدە تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى قاتنىشالايدىغان، ھېس قىلالايدىغان تۈرلەر — توغراق قوۋزىقىغا ئويما رەسىم سىزىش، پىيادە مېڭىش، ۋېلىسىپىت مىنىش، يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدا دالىدا قونۇش، قوغۇن شاھىغا جەڭ ئېلان قىلىش، توغراقلىقنى كېچىدە ساياھەت قىلىش قاتارلىقلار كۆپەيتىلىپ، ساياھەتچىلەرنى «توغراق كۆرۈش»تىن «توغراقلىقتا ئويناش» پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
مورى مىڭشاشەن قۇملۇق باغچىسى توغراقلىق، مىڭشاشەن، يايلاق كارىزى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى جىنپۇ پۈتۈن رايون مەدەنىيەت-ساياھەت چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ تۇڭ مۇنداق دېدى: «توغراقلىقتا 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىنىڭ ئالدى-كەينىدە دەرەخ يوپۇرماقلىرى سارغىيىدۇ، ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولىدۇ». بۇ يىل مەنزىرە رايونىدىكى توغراق روھى كۆرگەزمىخانىسىغا يېڭى مەزمۇن قوشۇلدى، ساياھەتچىلەر ئەۋرىشكە، سۈرەت-يېزىق ۋە سىن ماتېرىياللىرى سىستېمىسى ئارقىلىق توغراقنىڭ تارقىلىش ۋە ئۆسۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىيەلەيدۇ.
كۈز پەسلىنىڭ جەنۇبقا سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى توغراقلىقلارمۇ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل مەزگىلنى كۈتۈۋالىدۇ.
مارالبېشى ناھىيەسىدىكى گۈزەل توغراقلارنىڭ كۈزلۈك مەنزىرىسى. سۈرەتنى مارالبېشى ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى تەمىنلىگەن
لوپنۇر ناھىيەسى لوپنۇرلۇقلار كەنتى مەنزىرە رايونى تىجارەت بۆلۈمىنىڭ باش نازارەتچىسى جاۋ چېن مۇنداق دېدى: «مۆلچەرلىنىشىچە، مەنزىرە رايونىدىكى توغراق 10-ئاينىڭ 10-كۈنىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىرىدۇ، تەخمىنەن بىر ئاي داۋاملىشىدۇ». بۇ يىل مەنزىرە رايونى ئويۇن مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ساياھەتچىلەرنى چۆكۈش شەكلىدە شۇ جاينىڭ مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. سودا بازىرىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەر بېلىق كاۋىپى، كاۋاپ قاتارلىق خاس مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى تاللاپ سېتىۋالالايدۇ. سۇ ئۈستى كاتېرى، ۋۇدۇڭلى سۇ ئۈستى ۋېلىسىپىتى قاتارلىق سۇ ئۈستى تۈرلىرى يەنىمۇ بېيىتىلىپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ساياھەت تاللىشىغا ئىگە قىلدى.
مارالبېشى ناھىيەىسىدىكى توغراقلار 10-ئاينىڭ باشلىرىدىن باشلاپ سارغىيىشقا باشلايدۇ، ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولىدۇ. بۇ جاي ئىپتىدائىي توغراقلىق بايلىقىغا تايىنىپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 187 كىلومېتىر كېلىدىغان «خۇياڭ تيەنلۇ» ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى سەرخىل لىنىيەسىنى بەرپا قىلىپ، يول بويىدىكى مەنزىرە رايونلىرى، مەنزىرە نۇقتىلىرىنى تۇتاشتۇردى. ساياھەتچىلەر مەنزىرىلەر ئارا يۈرۈپ، قۇملۇق، چۆللۈك، دەريا ئېقىنى، تاغ گەۋدىسى قاتارلىق كۆپ خىل يەر شەكلىنى كۆرەلەيدۇ. بۇ يىل، لىنىيە بويىدىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى، ياغاچ كۆتۈرمە يول، كۆرسىتىش بەلگە تاختىسى، كۆچمە ھاجەتخانا قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەر سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتىنىڭ سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى.
مارالبېشى ناھىيەسى خۇڭخەي مەنزىرە رايونى ۋاڭخۇڭ داكا نۇقتىسى ۋە مەدەنىيەت ئىجادىيەت كۆرگەزمىسىنى ھېس قىلىش رايونى بەرپا قىلىپ، تولۇم قولۋاقتا سۇ ئۈستىدە ئويناش تۈرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىپ، ساياھەتچىلەرنى باشقا ئۇسۇلدا توغراق تاماشا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، مەنزىرە رايونى يەنە كىچىك تىپتىكى ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك ئويۇنلارنى كۆپەيتىپ، ساپال بۇيۇم ياساش، مىللىي چالغۇلارنى ياساش، سۆگەت تېلى توقۇمىچىلىقى قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەتنى ھېس قىلىش تۈرلىرىنى تەسىس قىلدى. «ساياھەتچىلەر توغراقنىڭ كۈز مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش بىلەن بىللە، خەلق ئۆرپ-ئادىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى»، دېدى مارالبېشى ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لياڭ باۋجۈن.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






