
شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىشكەكتە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جەي جيەنلەن فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىشكەكتە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جاپاروف يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىشكەك، 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خەن مو، خۇ خاۋ) شۇ جاي ۋاقتى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىشكەكتە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى يىغىن دىققەتنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رولىنى كۈچەيتىش، كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى دەۋر مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، زومىگەرلىك، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق ئېقىمغا قارشى ھەرىكەت قىلماقتا، لېكىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەر زوراۋانلىق سىياسىيسىنى ئېتىراپ قىلمايدۇ، توقۇنۇش، قارشىلىشىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ، بېكىنىۋېلىش، ئارقىدا قېلىشنى خالىمايدۇ، بەلكى ئۆز تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ئارقىلىق دۇنيا سەھنىسىدە باراۋەر بىر ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرشارىنىڭ جەنۇبى كۆرۈنەرلىك زورىيىپ، خەلقئارا كۈچ سېلىشتۇرمىسىنىڭ چوڭقۇر تەڭشىلىشىگە تۈرتكە بولدى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدۇ. دۇنيا قانداق كۆپ قۇتۇپلىشىشقا ئېھتىياجلىق؟ ھەرقايسى دۆلەتلەر كۆپ قۇتۇپلىشىشقا قانداق قاتنىشىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدۇ؟ خەلقئارا جەمئىيەت ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان توغرا تاللاشنى چىقىرىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى پائال تەشەببۇس قىلىدۇ، ئىگىلىك ھوقۇقتا باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەشنى تۈپ پىرىنسىپ، تەڭپۇڭ، تەرتىپلىك بولۇش، قانۇنچىللىققا رىئايە قىلىشنى مۇقەررەر تەلەپ، كۆپ تەرەپچىلىك، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىشنى ئاچقۇچلۇق يول، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇشنى تەرەققىيات يۆنىلىشى قىلىدۇ. ھەرقايسى دۆلەتلەر چوڭ ـ كىچىك، كۈچلۈك ـ ئاجىز، باي ـ نامرات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھوقۇق ـ مەنپەئەتتە باراۋەر بولۇش، پۇرسەتتە باراۋەر بولۇش، قائىدىدە باراۋەر بولۇش قاتارلىقلاردا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر كۆپ قۇتۇپلۇق ئەندىزىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شۇنداقلا كۆپ قۇتۇپلىشىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق كۈچ بولۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قوش ئۆلچەم، مۇستەسنالىق، ئارىلىشىۋېلىش ـ مۇشتۇمزورلۇق، ئورمان قائىدىسىنى چۆرۈپ تاشلاپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بولۇپمۇ چوڭ دۆلەتلەر باشلامچىلىق بىلەن قائىدىگە رىئايە قىلىپ، قانۇنچىللىققا ئەھمىيەت بېرىپ، دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەرگە ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. دۇنيادىكى ئىشلارنى ھەرقايسى دۆلەتلەر مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىش، خەلقئارا قائىدىنى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق تۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ھاياتىي كۈچىنى قايتا ئۇرغۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ، تۈرلۈك دۇنياۋى ۋە رايون كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمىنى تېخىمۇ ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دىققەتنى تەرەققىيات قارالمىلىرىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، رەقەم ۋە ئەقلىي ئىقتىدار ھاڭىنى تولدۇرۇپ، تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 25 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، چوڭ دۆلەتلەر ئارا، قوشنا دۆلەتلەر ئارا، چوڭ ـ كىچىك دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىكلەپ، پۈتۈن دۇنيادىكى يېرىمغا يېقىن نوپۇس ۋە تۆتتىن بىر قىسىم ئىقتىساد ھەجىم مىقدارىنىڭ تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك مۇجەسسەملىدى. تېخىمۇ ئىتتىپاقلاشقان، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تامامەن تېخىمۇ زور كۈچ قوشالايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر تارىخىي ئومۇمىي يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، مەۋقەنى ئادەمنى ئاساس قىلىشقا قويۇپ، ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئورتاق تەشەببۇس قىلىپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش توغرىسىدا ئۈچ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:
بىرىنچى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچى» ئارقىلىق ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى گۈللەندۈرۈپ ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئەۋزەللىكلەرنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، يوشۇرۇن ئىقتىدارنى قېزىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى كۆپ ئېشىش قۇتۇپىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزئارا كۈچ قوشۇپ، بىر ـ بىرىنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرۇپ، پۇرسەتنى ئورتاق يارىتىش، گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېرەك.
ئىككىنچى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەقىل ـ پاراسىتى» ئارقىلىق يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +»دىكى ھەمراھلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، بىرلىكتە تىنچلىق ئۈچۈن پوزىتسىيە بىلدۈرۈش، تەرەققىيات ئۈچۈن كۈچ مۇجەسسەملەش، ھەمكارلىق ئۈچۈن كۆۋرۈك بەرپا قىلىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈچۈن يول ئېچىش كېرەك.
ئۈچىنچى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەرىكىتى» ئارقىلىق دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. ھەمراھ بولۇش، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، سۆھبەتلىشىش، قارشىلاشماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا باراۋەر قاتنىشىشى، ئومۇميۈزلۈك نەپكە ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى قىرغىزىستاننىڭ زۇڭتۇڭى جاپاروف يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرىدىن بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، ھىندىستان زۇڭلىسى مودى، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف، موڭغۇلىيە، ئەزەربەيجان، ئەرمېنىيە، مىسىر، لائوس، تۈركىيە، ۋيېتنام، توگو قاتارلىق تەكلىپ قىلىنغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېرېس قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.
يىغىن باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جاپاروف يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن قارشى ئېلىش زىياپىتىگە قاتناشتى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.






