تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئىجادىي ئەقلىي ياسىمىچىلىقتىن شىنجاڭغا نەزەر . سىن | سورتلۇق ئۇرۇق يېتىشتۈرۈپ، ئاشلىقنى ئامبارغا لىق تولدۇرۇش

مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى

   8-ئاينىڭ 30-كۈنى، «ئىجادىي ئەقلىي ياسىمىچىلىقتىن شىنجاڭغا نەزەر» پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت ئۆمىكى شىنجاڭ جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە كەلدى. شىنجاڭ جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى جەنۇبىي شىنجاڭدا 10 سورت يېتىشتۈرۈش پونكىتى، 6500 مو ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى ۋە ئەقلىيلەشتۈرۈلگەن ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، جەنۇبىي شىنجاڭنى ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق، كېۋەز سورتى بىلەن تەمىنلەشتىكى كەمتۈكلۈكنى تولۇقلىدى. بۇ شىركەت تاللاپ يېتىشتۈرۈپ ئىشلەپچىقارغان «شىندۇڭ 60-نومۇر» قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك سورتلارنىڭ يىللىق كېڭەيتىلىش كۆلىمى 3 مىليون 500 مىڭ مودىن ئېشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %60ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ «بىر يىلدا ئىككى قېتىم ھوسۇل ئېلىش»تەك خاس تېرىقچىلىق ئەندىزىسىگە دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇلدى.

مۇخبىر: گاۋ شۈ

نازارەتچى: شۆ جىڭ، ۋاڭ چىمىڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.