ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسى شەندۇڭ ئەشيا ئوبوروت رايونى ئامباردا ساقلاش سودا رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تېز سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتقان، خىزمەتچى خادىملار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىۋاتقان، ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولغانىدى.

8-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچى-خىزمەتچىلەر يۆتكەش-توشۇش ماشىنىسى بىلەن بۇغداي ئۇرۇقىنى توشۇماقتا.

8-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ سورت يېتىشتۈرۈش تەجرىبىخانىسىدا، بىر تېخنىك بۇغداي ئۇرۇقىنى تاللىماقتا.
بۇ شىركەت جەنۇبىي شىنجاڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىدىكى باشلامچى كارخانا بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت سۈپەتلىك ئۇرۇق تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە كېڭەيتىشنى قانات يايدۇرۇپ، كۆپ تەرەپ ھەمتۈرتكە بولىدىغان پەن-تېخنىكا كارخانىلىرى ھەمكارلىشىپ ئۇرۇق يېتىشتۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلدى. بۇ يىل، كارخانا شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىلەن بىرلىشىپ تاللاپ يېتىشتۈرگەن بالدۇر پىشىدىغان كۈزگى بۇغداي سورتى جەنۇبىي شىنجاڭدا يۇقىرى ھوسۇل رېكورتىنى ياراتتى، 100 مو يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە ئېتىزىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 826.22 كىلوگىرامغا يەتتى. كارخانىلار «كارخانا + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى» زاكاز ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، كۆلەملەشكەن ئۇرۇق يېتىشتۈرۈشنى راۋاجلاندۇرۇپ، شۇ جايدىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسىنىڭ قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مو بېشى كىرىمىنى 240 يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

شىنجاڭ جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى يېتىشتۈرگەن سورتلۇق قوناق ئۇرۇقى (8-ئاينىڭ 30-كۈنى تارتىلغان).

8-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ جيۇفېڭخې ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، بىر خىزمەتچى ئاپتوماتلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى مەشغۇلاتىنى تەكشۈرمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






