ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ دۇڭمېي خەۋەر قىلىدۇ) يېڭى ئاياقلاشقان ھەپتە ئاخىرىدا، ئۈرۈمچىدە «كۈز يولۋىسى»دەپ نام ئالغان تومۇز ئىسسىق كۆرۈلدى، لېكىن بۇنىڭدىن بۇرۇن كۆرۈلگەن ئوچۇق، ئىسسىق ھاۋا ئاخىرلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا، يېڭى بىر ھەپتە، ئۈرۈمچىدە بوران چىقىش، يامغۇر يېغىش، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەش قاتارلىق ھاۋا رايى جەريانى نۆۋەت بىلەن كۆرۈلىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولىدۇ.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچىدە ھاۋا ئوچۇق بولدى.
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ دۇڭمېي فوتوسى
8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مەخسۇس ھاۋا رايىغا ئائىت مۇھىم مەلۇماتنى ئېلان قىلدى، 9-ئاينىڭ 1-كۈنى كۈندۈزدىن 9-ئاينىڭ 2-كۈنى كېچىگىچە، ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا 5 بالدىن 6 بالغىچە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ، داۋانچېڭ رايونىدا ئارىلاپ قىيپاش غەرب بورىنى چىقىپ، S116 لىنىيەسىنىڭ K3 - K15 قاتارلىق يول بۆلەكلىرى، G30 لىنىيەسىنىڭ سەيۋوپۇ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن داۋانچېڭغىچە بولغان يول بۆلىكى، G312 لىنىيەسىنىڭ سەيۋوپۇ ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىدىن داۋانچېڭغىچە بولغان يول بۆلەكلىرىگە بىرقەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بورانلىق ھاۋا رايىدىن كېيىن، كۈچلۈك ھۆل-يېغىنلىق ھاۋا رايى كەينى-كەينىدىن كۆرۈلىدۇ. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى كېچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدۇ، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدۇ، نەنسەندىكى ئېگىز تاغ بەلبېغىدا يامغۇر يېغىپ كەينىدىن يامغۇر ئارلاش قار ياكى قارغا ئۆزگىرىدۇ، باشقا رايونلاردا ئازراق يامغۇر ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدۇ، كۆپ قىسىم رايونلاردا 5 بالدىن 6 بالغىچە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدۇ، داۋانچېڭ رايونىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە قىيپاش غەربىي ئۆتكۈنچى بورىنى چىقىدۇ.
بوران-چاپقۇنلۇق ھاۋا رايىدىن كېيىن، تېمپىراتۇرا شىددەت بىلەن تۆۋەنلەيدۇ. 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 3-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 6 سېلسىيە گىرادۇستىن 10 سېلسىيە گىرادۇسقىچە تۆۋەنلەيدۇ، شەھەر رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 10 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىغا تۆۋەنلەيدۇ، تاغلىق رايون ۋە داۋانچېڭ رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا 5 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






