2026-يىللىق جۇڭگو مەدەنىيەت-ساياھەت داڭلىق شەھەرلىرىنى ۋېلىسىپىت مىنىپ ساياھەت قىلىش مۇسابىقىسى (شىنجاڭ باي بېكىتى) ۋە 2-نۆۋەتلىك قىزىل ۋېلىسىپىت مۇسابىقىسى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 8-ئاينىڭ 31-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقە 9-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن 27-كۈنىگىچە باي ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانى.
بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە «يىپەك يولىدا ۋېلىسىپىت مىنىش، بايدا بەيگىگە چۈشۈش» باش تېما قىلىنىپ، «ئۈچ سائەتلىك كەسپىي سۈرئەتتە مۇسابىقىلىشىش، ئۈچ كۈنلۈك پۈتۈن رايون شادلىقى ساياھىتى»دىن ئىبارەت يېڭىچە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش ئىدىيەسى ئىجادىي ھالدا ئەمەلدە كۆرسىتىلىپ، «ۋېلىسىپىت مىنىش ھەم ساياھەت قىلىش، مۇسابىقە يولى ھەم مەنزىرە، مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھەم ھېس قىلىش»نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىلىدىكەن. جۇڭگو مەدەنىيەت-ساياھەت داڭلىق شەھەرلىرىنى ۋېلىسىپىت مىنىپ ساياھەت قىلىش مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى ۋەن خەي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مۇسابىقە جۇڭگو ۋېلىسىپىت تەنھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ «جۇڭگو مەدەنىيەت-ساياھەت داڭلىق شەھەرلىرىنى ۋېلىسىپىت مىنىپ ساياھەت قىلىش مۇسابىقىسى» دۆلەت دەرىجىلىك مۇسابىقە سىستېمىسىغا رەسمىي كىرگۈزۈلدى، بۇ ھەم بۇ دۆلەت دەرىجىلىك تەنتەربىيە-مەدەنىيەت-ساياھەت يۇغۇرما IPنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىكى ناھىيە بازىرىغا ماكانلىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچىدىكى ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا باي مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا.
مۇسابىقىدە 67 كىلومېتىرلىق كەسپىي تېز سۈرئەتتە ۋېلىسىپىت مىنىش مۇسابىقە يولى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، قىزىل مىڭئۆي، خۇڭشىلىن، قاپسىلاڭ دەرياسى ئېكولوگىيەلىك سۇ قىرغىقى تۇتاشتۇرۇلغان، كەڭ ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارلىرى سۈرئەت ۋە چىدامچانلىق رىقابىتىدە باي ناھىيەسىنىڭ شەھەر-يېزىلىرىدىكى كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھچى بولالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مۇسابىقىگە قاتنىشىش شەرتى تۆۋەنلىتىلىپ، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان سەھنە ئېچىۋېتىلىپ، 16 كىلومېتىرلىق ئومۇمىي خەلق شادلىق ۋېلىسىپىت مىنىش لىنىيەسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئەر-ئاياللار، ياشانغانلار، ياشلارنىڭ ھەممىسى قاتنىشالايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 500 ئادەم بولۇپ، 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات تەسىس قىلىنغان، مۇسابىقە بەش چوڭ گۇرۇپپىغا ئايرىلغان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان ياش باسقۇچى، ئوخشاش بولمىغان تەنھەرىكەت ئاساسىدىكى ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارلىرىنى قاپلايدۇ، كەسپىي ماھارەت ۋە ئومۇمىي خەلق قاتنىشىشقا تەڭ ئېتىبار بېرىلىدۇ.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






