تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولىغا ئائىت ئەڭ يېڭى خەۋەر

    S237 لىنىيەسى (غۇلجا-موڭغۇلكۈرە تاشيولى)دىكى 900+K54 ئورنىدا تاغ گەۋدىسىدىن تاش چۈشۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، يانتۇلۇقتا بوشاپ كەتكەن خەتەرلىك تاغ جىنىسلىرى ساقلىنىپ قالغان، تاش چۈشۈپ كېتىش خەۋپ-خەتىرى سىجىل مەۋجۇت بولغاچقا، بىخەتەر يول يۈرۈش شارائىتى ھازىرلانمىغان. گېئوئاپەت يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىپ، ئاممىنىڭ يول يۈرۈش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خەتەرلىك تاغ جىنىسلىرىنى مەخسۇس بىر تەرەپ قىلىش يولغا قويۇلدى، ھازىر قوش يۆنىلىشلىك تولۇق يېپىق ھالەتتە قاتناشقا چەك قويۇلىدۇ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تۆۋەندىكىچە:

    قاتناشقا چەك قويۇلىدىغان ۋاقىت:

   2026-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە   

   چەك قويۇلىدىغان يول بۆلىكى:  

   S237 لىنىيەسى  000+K35+000-K72

   چەك قويۇش تەلىپى

   يېپىق مەزگىلدە، بارلىق موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى، موتورسىز قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشى مەنئى قىلىنىدۇ.

     ئايلىنىپ ئۆتۈش لىنىيەسىنى ئالدىن پىلانلاڭ، دۆلەت يولى 219-لىنىيەسى ياكى دۆلەت يولى 577-لىنىيەسىنى ئايلىنىپ ئۆتۈشنى ئالدىن تاللاپ، يۈرۈش خەۋپ-خەتىرىدىن ساقلىنىڭ، باشقۇرۇش-تىزگىنلەش يول بۆلىكىگە ھەرگىز كىرمەڭ. يول يۈرۈش شارائىتىنى ھازىرلىغاندىن كېيىن، قاتناشقا چەك قويۇشنى بىكار قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئايرىم ئېلان قىلىنىدۇ، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان قولايسىزلىقلارنى چۈشىنىشىڭلارنى سورايمىز.

     «新疆是个好地方» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.