تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

مول ھوسۇلغا تولغان شىنجاڭغا نەزەر丨خوتەن شەھىرىدىكى 87 مىڭ مو ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى

      ئاپتورلار : جاڭ شۇخۇا، ئۆركەش ئۆتكۈر، شىياڭ تېڭتېڭ

    8-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا، شىنجاڭ خوتەن ۋىلايىتى خوتەن شەھىرىنىڭ 87 مىڭ مودىن ئارتۇق يېرىدىكى ياڭاقلار ئارقا-ئارقىدىن ھوسۇل يىغىش ئاۋات مەزگىلىگە كىردى. تۇساللا بازىرىنىڭ ياڭاقلىق باغلىرىدا ياڭاق شاخلارغا لىق تولغان بولۇپ، دېھقان ئائىلىلىرى دېھقانچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ياڭاق ئۈزۈپ، ياڭاقلارنى ئايرىپ قاچىلاۋاتاتتى، ئېتىز باشلىرىدا مول ھوسۇل ئېلىش ئالدىراش مەنزىرىسى نامايان بولغانىدى. تۇساللا بازىرى پوستىنى ھەقسىز ئاقلاش مۇلازىمەت نۇقتىسىدىن 21نى تەسىس قىلىپ، يىغىۋېلىش تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، ياڭاقنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. بۇ بازار كەسىپ زەنجىرىنى سىجىل ئۇزارتىپ، كەنت دەرىجىلىك دەسلەپكى پىششىقلاش نۇقتىسىنى جايلاشتۇردى. پۈتۈن بازاردا ھازىر ياڭاق شاكىلىنى چېقىپ پىششىقلاش نۇقتىسىدىن 30ى بار بولۇپ، ئەتراپتىكى ئاممىنى يېقىن ئەتراپتا ئىشلەشكە قوبۇل قىلىپ، جەمئىي 907 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىشى بېشى ئايلىق كىرىمىنى 1000 يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇردى.

    «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.