تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

ئىجادىي ئەقلىي ياسىمىچىلىقتىن شىنجاڭغا نەزەر | سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق ئېتىزلارنى چارلاش  سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق كېۋەز تېرىش  ماناس پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئاقىل يېزا ئىگىلىكىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتە ئۈلگە تىكلىدى

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ماناس ناھىيەسى دۆلەت رەقەملىك تېرىقچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش-ئەمەلىي قوللىنىش بازىسىغا جايلاشقان رەقەملىك ئېتىزغا ئېگىزدىن نەزەر.

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ خەۋىرى، فوتوسى) كۆز يەتكۈسىز رەقەملەشكەن كېۋەزلىكتە كېۋەزلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن سۇغىرىش سىستېمىسى نەملىك سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسەن ئاپتوماتىك دەل جايىدا مەشغۇلات قىلىۋاتاتتى، ئوغۇتلاش، سۇغىرىشتا مەخسۇس خادىم نۆۋەتچىلىك قىلمايدىغانلىقىنى بىلىپ، زىيارەت قىلغىلى كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ نەزەر دائىرىسى بىردىنلا كېڭەيدى. 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، «ئىجادىي ئەقلىي ياسىمىچىلىقتىن شىنجاڭغا نەزەر» پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت ئۆمىكى ماناس ناھىيەسى دۆلەت رەقەملىك تېرىقچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش-ئەمەلىي قوللىنىش بازىسىغا بېرىپ، رەقەملىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ قانداق قىلىپ پاختا كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشقانلىقىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىپ، رەقەملىك يېزا ئىگىلىكىنىڭ «بۇلۇت تېرمىنالى»دىن ئېتىزلارغىچە ئەمەلىيلىشىشتىكى ھەقىقىي ئۈنۈمىگە گۇۋاھ بولدى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ماناس ناھىيەسى دۆلەت رەقەملىك تېرىقچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش-ئەمەلىي قوللىنىش بازىسى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش، يىراقتىن ئۆلچەش تېخنىكىسىنى كىرگۈزۈش ئارقىلىق، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىغا بىرلەشتۈرۈپ، سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يىراقتىن سېزىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق سۇغىرىش، ئوغۇتلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، «تۆت ئەھۋال»نى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئاقىل يېزا ئىگىلىكى چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ھەم «خۇيفېڭشوۋ» APPسى بىر گەۋدىلەشكەن ئاقىل يېزا ئىگىلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ماناس ناھىيەسى دۆلەت رەقەملىك تېرىقچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش-ئەمەلىي قوللىنىش بازىسىدا، خىزمەتچى خادىملار رەقەملىك ئېتىزلاردىكى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى كۆزەتمەكتە.

  بۇ بازا رەقەملىك يېزا ئىگىلىكى تىزگىنلەش مەركىزىگە تايىنىپ، رەقەملىك قوش، ئادەمسىز ئۇچقۇ كۆپ سىپېكتىرلىق ئېتىز چارلاش قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، ئېتىز تۇپرىقى، زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىقلارغا ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى ھەر تەرەپلىمە توپلاپ، تەھلىل قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەدبىر بەلگىلەش ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق، دېھقان ئائىلىلىرىنى كېۋەز قاتارلىق زىرائەتلەرنى «تېرىش، پەرۋىش قىلىش، يىغىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىيلىكىگە ئائىت ئىلمىي تېرىش تەكلىپى بېرىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى تەجرىبە ئارقىلىق تېرىشتىن سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق قوزغىتىشقا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ماناس ناھىيەسى دۆلەت رەقەملىك تېرىقچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش-ئەمەلىي قوللىنىش بازىسىدا، خىزمەتچى خادىملار ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە بۇ بازىنىڭ يۈرۈشۈش-باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تونۇشتۇرماقتا.

   ماناس ناھىيەسى ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇلازىمىتى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ چىقتى، نۆۋەتتە 700 مىڭ مو رەقەملىك ئېتىز بەرپا قىلىپ، كېۋەز تېرىش، يىغىۋېلىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتىنى %99كە يەتكۈزدى. بۇ بازا كۆپەيتكىلى، كېڭەيتكىلى بولىدىغان رەقەملىك تېرىش، پەرۋىش قىلىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە سىجىل ئىزدىنىپ، رەقەملىك تېخنىكا ئارقىلىق پاختىچىلىق كەسپىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ زامانىۋى ئاقىل يېزا ئىگىلىكى قۇرۇلۇشىنى قىممەتلىك ئەمەلىيەت ئۆرنىكىگە ئىگە قىلدى.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ماناس ناھىيەسى دۆلەت رەقەملىك تېرىقچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش-ئەمەلىي قوللىنىش بازىسىغا جايلاشقان رەقەملىك ئېتىزغا ئېگىزدىن نەزەر. 

​8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ماناس ناھىيەسى دۆلەت رەقەملىك تېرىقچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش-ئەمەلىي قوللىنىش بازىسىدا، تاراتقۇ مۇخبىرلىرى كۆرگەزمە قىلىنغان پاختا ئەۋرىشكىسىنى سۈرەتكە تارتماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.