تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى) 9-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 15-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم 11-نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ لۇڭجوۋ قولۋىقى (مۇسابىقە) تۈرى قەشقەر شەھىرىنىڭ دۇڭخۇ كۆلى باغچىسىدا قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى.
چۈشتىن بۇرۇن، 400 مېتىرغا تېز سۈرئەتتە ھەيدەش مۇسابىقىسى ئالدى بىلەن باشلاندى. كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، ئاقسۇ ۋەكىللەر كوماندىسى ئەر، ئاياللار گۇرۇپپىسى بويىچە قوش چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. «تۇنجى قېتىم بۇنداق مۇسابىقىگە قاتنىشىشىم، شۇڭا ھەم جىددىيلەشتىم، ھەم ھاياجانلاندىم. كوماندىمىزدا خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق، تۇجيازۇ قاتارلىق يەتتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان ئەزالار بار. بىز ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ چېمپىيۇنلۇقنى قولغا كەلتۈردۇق» دېدى ئاقسۇ كوماندىسىنىڭ ئەزاسى رىسالەت.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى لۇڭجوۋ قولۋىقى (فېڭجوۋ قولۋىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مۇسابىقىسى تۇنجى قېتىم مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مۇسابىقە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدىكەن، ئەرلەرنىڭ 200 مېتىر، 400 مېتىر، ئاياللارنىڭ 200 مېتىر، 400 مېتىر ۋە ئەر-ئاياللار ئارىلاشما گۇرۇپپىسىدىن ئىبارەت ئالتە كىچىك مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىن كەلگەن 135 تەنھەرىكەتچى مۇسابىقىگە قاتنىشىدىكەن.

ئاياللار گۇرۇپپىسىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار جاسارەت بىلەن پالاق ئۇرۇپ ئىلگىرىلىمەكتە.

ئاياللار گۇرۇپپىسىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان ماھىرلار جاسارەت بىلەن پالاق ئۇرۇپ ئىلگىرىلىمەكتە.


ئاقسۇ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مۇسابىقىگە قاتنىشىشتىن بۇرۇن ئۆزلىرىگە مەدەت بەرمەكتە.

ئاقسۇ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

تاماشىبىنلار تەنھەرىكەتچىلەرگە مەدەت بېرىپ ئالقىشلىماقتا.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






