تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

ئاپتونوم رايونلۇق 15-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم 11-نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى | ئېگىز بوشلۇقتا قوڭغۇراق ئۇرۇش! ئالتاي ۋەكىللەر كوماندىسى ئىلەڭگۈچ تۈرىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن خەۋىرى، فوتوسى) 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 15-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم 11-نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئىلەڭگۈچ تۈرى قەشقەر كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ تەنتەربىيە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەر بىر سەھنىدە ماھارەت كۆرسەتتى. ئالتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسى كوماندا ئەزالىرى ئارىسىدىكى ياخشى ماسلىشىشقا تايىنىپ، ئىلەڭگۈچ تۈرىدە 55 كىلوگىرام ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرىلار قوش كىشىلىك قوڭغۇراق ئۇرۇش مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

  ئىلەڭگۈچ شىنجاڭنىڭ رايون خاسلىقىغا ئىگە ئەنئەنىۋى ئاياللار ماھارەت تۈرى بولۇپ، 2006-يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. ئېگىز بوشلۇقتا ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلەڭگۈچ تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بەدەن تەڭپۇڭلۇق ئىقتىدارى ھەمدە پىسخىك ساپاسىغا بىرقەدەر يۇقىرى تەلەپ قويىدۇ. ماھىرلار بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ ئۇچۇش، ئېگىز بوشلۇقتا قوڭغۇراق ئۇرۇشتىن ئىبارەت مۇسابىقە شەكلى ئارقىلىق ھەرىكەت ئىشلەيدۇ، بۇ تۈر ماھارەت كۆرسىتىش قىممىتى ۋە تاماشا قىلىش قىممىتىگە ئىگە، شۇنداقلا ھەر نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى خاسلىققا ئىگە مۇسابىقە تۈرى ھېسابلىنىدۇ.

  ئالتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تېرېنېرى، قوشۇمچە كوماندا ئەزاسى قۇندۇسقان دۇكېي مۇسابىقىدىن كېيىن مۇسابىقىگە قاتنىشىش تەسىراتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ مەيداندىكى ئىپادەم كۈندىلىك مەشىق ھالىتىمگە يەتمىسىمۇ، لېكىن كوماندا ئەزالىرى ناھايىتى ياخشى ماسلىشىپ، ئاخىرىدا بۇ تۈر بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتۇق.

    چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن كوماندا ئەزاسى ئالىداگۈل دۈيسەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى چېلىشىش تۈرى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، قۇندۇسقاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىلەڭگۈچ مەشىق قىلىشقا يۆتكەلگەنىدى. ئالىداگۈل مۇنداق بىلدۈردى: تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىپلا 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتىم، بۇ، تېرېنېرنىڭ كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلىشىدىن بولدى. مەن ئىلەڭگۈچ تۈرىگە داۋاملىق ئاتلىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ماھارەت سەۋىيەمنى ئۆستۈرىمەن.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مۇسابىقىدە.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مۇسابىقىدە.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تېرېنېرى، قوشۇمچە كوماندا ئەزاسى قۇندۇسقان دۇكېي (سولدىن 1-كىشى) مەيدانغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان كوماندا ئەزالىرىغا مەدەت بەرمەكتە.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار مەيدان ئۈسكۈنىلىرىنى تەكشۈرمەكتە.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.