تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

2026 - يىللىق 2 - تۈركۈمدىكى «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى

​شىنجاڭدىن سەككىز كىشى تىزىملىككە كىردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لەنجوۋ، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى، «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى»نى ئېلان قىلىش مۇراسىمى گەنسۇ ئۆلكىسى پىڭلياڭ شەھىرىنىڭ جىڭنىڭ ناھىيەسىدىكى چېڭجى مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، نەق مەيداندا 2026 - يىللىق 2 - تۈركۈمدىكى «جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەر تىزىملىكى» ئېلان قىلىندى. ھەرقايسى جايلار كۆرسىتىش، تورداشلار باھا بېرىش ۋە مۇتەخەسسىسلەر باھالاش قاتارلىق ھالقىلار ئارقىلىق، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلگەن، ئادالەت يولىدا پىداكارلىق كۆرسەتكەن، سەمىمىي بولغان - لەۋزىدە تۇرغان، كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشقان، چوڭلارغا ۋاپادار بولغان - ئۇرۇق - تۇغقانلىرىغا كۆيۈنگەن ئەتراپىمىزدىكى جەمئىي 150 ياخشى كىشى شەرەپ بىلەن تىزىملىككە كىردى. شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن سەككىز كىشى تىزىملىككە كىردى.

تىزىملىككە كىرگەن ياخشى كىشىلەر ئىچىدە، ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا بەختكە قارشى قۇربان بولغان، ھاياتى ئارقىلىق لېي فېڭ روھىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەن لەنتيەن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن يەنشوۋ بار؛ 11 يىلدا 11 قېتىم دېڭىزغا سەكرەپ چۈشۈپ يەتتە ئادەمنى قۇتقۇزغان، يېشى 60تىن ئاشقان مۇھىت تازىلىقى ئىشچىسى جۇڭ گېڭپىڭ بار؛ بىر ئائىلىدىكى بەش ئەۋلاد كىشى 92 يىل داۋاملاشتۇرۇپ قىزىل ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ قەبرىسىنى قوغدىغان جياڭ شىلىن بار؛ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ دېھقانلارغا ياردەم بەرگەن، ھاياتى ئارقىلىق خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بۇرچىنى ئەمەلدە كۆرسەتكەن ئاساسىي قاتلام كادىرى خې جياۋلۇڭ بار؛ ئاغرىنماي، ئۆكۈنمەي ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغان، ئاجىز گەۋدىسى بىلەن پۈتۈن ئائىلىدىكى ئۈچ ئەۋلاد كىشىنىڭ خاتىرجەملىكى ۋە سالامەتلىكىنى قوغدىغان پېنسىيەگە چىققان ئوقۇتقۇچى دۇڭ خەيشيۇ قاتارلىقلار بار. ئۇلار ئاددىي ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما يەر - جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان ياخشى ئىشلار ئارقىلىق قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە يۇقىرى ئۆرلەيدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان دەۋر كەيپىياتى ياراتتى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا، جۇڭگودىكى ياخشى كىشىلەردىن ماۋ گوۋېي، جاڭ جىيۇڭ، گۇ يەنلىڭ، ۋېي خۇەييىن، پېڭ زىۋېن تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى ھەمبەھرىلىدى، مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن گو ۋەنگاڭ، جاڭ يۈنشيا، ۋاڭ دۇڭمېي، لېڭ مۇ، لياڭ چيەنجۈەن، دوۋ لەنيىڭ ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

شىنجاڭدىن تىزىملىككە كىرگەن سەككىز كىشى ئىچىدە، ئەيساجان نىزامىدىن، تيەن يې، ما لىڭلىڭ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان ياخشى كىشىلەر تىزىملىكىگە كىردى؛ خې جياۋلۇڭ، دىلنۇر تۇرسۇنجان، خاۋ شياڭلى، لى چۇاڭيې، تاڭ پېيكې كەسىپنى قەدىرلەپ تۆھپە قوشقان ياخشى كىشىلەر تىزىملىكىگە كىردى.

بۇ قېتىمقى ئېلان قىلىش مۇراسىمىنى مەركەز مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، جۇڭگو مەنىۋى مەدەنىيلىك تورى، كىنو قانىلى پىروگرامما مەركىزى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى گەنسۇ ئۆلكىلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى(گەنسۇ ئۆلكىلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى) ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پىڭلياڭ شەھەرلىك كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى (پىڭلياڭ شەھەرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى) ئۆتكۈزۈشكە ھەمكارلاشقان.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.