شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق قاتناش - تىرانسپورت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يەتتە ئايدا ئاپتونوم رايوندا تاشيول، تۆمۈريول، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى ۋە يۈك توشۇش مىقدارىدا بىردەك ئېشىش ۋەزىيىتى ساقلانغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللارنىڭ ئومۇمىي ئېقىم مىقدارى 136 مىليون ئاپتوموبىل قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 300 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىم كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.96 ئاشقان؛ تۆمۈريولدا توشۇلغان يولۇچى مىقدارى 32 مىليون 767 مىڭ 200 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 ئاشقان؛ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى 32 مىليون 721 مىڭ 900 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشقان.
ئالدىنقى يەتتە ئايدا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئادەتتىكى دۆلەت، ئۆلكە غول لىنىيەلىرىنىڭ ئومۇمىي ئېقىم مىقدارى 276 مىليون ئاپتوموبىل قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.59 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە يولۇچىلار ئاپتوموبىلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.73 ئاشتى؛ يۈك ئاپتوموبىلى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.61 ئاشتى. ئالدىنقى ئالتە ئايدا ئاپتونوم رايوندا يولۇچىلار ئاپتوموبىللىرىنىڭ قاتناش مىقدارى ئازراق ئېشىپ، 7 - ئايدا ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى بويىچە سەپەرگە چىقىش قىزغىنلىقىغا ئەگىشىپ تۆۋەنلىدى؛ 7 - ئايدا يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئېقىم مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.04 ئېشىپ، يۈك تىرانسپورتىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى.
تۆمۈريول يولۇچى ۋە يۈك توشۇش مىقدارى سىجىل ئاشتى. يولۇچىلار ئېقىمى قۇرۇلمىسى تەدرىجىي ھالدا شىنجاڭ ئىچىدە ئوتتۇرا، قىسقا مۇساپىلىك سەپەرگە چىقىشقا مايىللىشىپ، قىسقا مۇساپىلىك ساياھەت، ئەتراپ ساياھىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. شىنجاڭدىن چىقىدىغان ئۇزۇن يوللۇق كۆپ مىقدارلىق ماددىي ئەشيا تىرانسپورتىغا بولغان ئېھتىياج سىجىل قوزغىتىلىپ، تۆمۈريول غول لىنىيە يولىنىڭ ئەۋزەللىكى سىجىل جارى قىلدۇرۇلدى، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، تۆمۈريول يۈك توشۇش مىقدارى 154 مىليون توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6 ئاشتى.
خەلق ئاۋىياتسىيەسى جەھەتتە، تەتىل مەزگىلىدىكى ساياھەت، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش، تۇغقان يوقلاش قاتارلىق كۆپ خىل ئېھتىياج گىرەلەشكەنلىكتىن، پۈتۈن شىنجاڭدا خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچى توشۇش تىرانسپورت سىجىللىقى يەنىمۇ ئېشىپ، ئالدىنقى يەتتە ئايدا يولۇچى توشۇش مىقدارى 32 مىليون 721 مىڭ 900 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.9 ئاشتى. يۈك - پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى 231 مىڭ 600 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.4 ئېشىپ، ئېشىش ئەۋرىشىملىكى سىجىل گەۋدىلەندى.
خەلقئارا تىرانسپورتتا ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، جۇڭگو - قازاقىستان ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى پايدىسىنىڭ سىجىل قوزغىتىلىشىغا ئەگىشىپ، چېگرا سىرتىدا بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەر ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، يولۇچى توشۇش بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇدى، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، خەلقئارا يول يولۇچى توشۇش مىقدارى 807 مىڭ 300 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.8 ئاشتى. قۇرۇلۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تاۋار ئاپتوموبىل ئېكسپورتىنىڭ قوش چاقلىق قوزغىتىشى تەسىر كۆرسىتىش، پورتنىڭ قولايلىشىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇش قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن، ئالدىنقى يەتتە ئايدا، خەلقئارا يول يۈك توشۇش مىقدارى 10 مىليون 58 مىڭ 100 توننىغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %23 ئاشتى.






