زۇمرەت ئوبۇل ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك
شىنجاڭ گېزىتى، غۇلجا، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غۇلجا شەھىرىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە پونكىتى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، يەرلىكنىڭ نىزام چىقىرىشقا دائىر پىكىر - تەكلىپلەرنى توپلاش، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ۋەكىللەر ئالاقە پونكىتى، ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى قاتارلىق «خەلق رايى راۋان يولى»نى ياخشى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن خەلق قۇرۇلتىيى كۈچىنى قوشۇش كېرەك.
زۇمرەت ئوبۇل خۇدىياريۈزى بازىرى دۆلەت دەرىجىلىك ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق ئۈچۈن نىزام چىقىرىش ئاساسىي مەقسىتىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەر، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى توسۇق نۇقتا، قىيىن نۇقتىلارنى چىڭ كۆزلەپ، نىزام چىقىرىشقا دائىر پىكىر - تەكلىپ ئېلىش خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، نىزام چىقىرىشقا دائىر ھەربىر تەكلىپنى ئاساسىي قاتلامنىڭ ئەمەلىيىتىگە ماسلاشتۇرۇش، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. خەلق رايىنى توپلاش، رەتلەش - يۇقىرىغا يوللاش، قوبۇل قىلىش - ئىنكاس قايتۇرۇشتىن ئىبارەت پۈتۈن يېپىق ھالقىلىق خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىشتا ئامما بىلەن ئالاقە باغلاش، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى ھەقىقىي راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. نىزام چىقىرىش خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن مۇتەخەسسىسلىرىنى پائال كىرگۈزۈپ، نىزام چىقىرىشقا دائىر پىكىر ئېلىش، نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە يۇقىرى ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىشنى پۇختا ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە پونكىتىنىڭ ئورگانىك يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش سۇپىسىغا تايىنىپ، نىزام چىقىرىش دائىرىسىنى ئۇزارتىپ، پىكىر ئېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ نىزام چىقىرىش بويىچە ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق خەلق رايىنى ئىگىلەش تورى بەرپا قىلىش كېرەك.
سايبويى كوچىسى خۇاچېڭلى مەھەللىسى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە پونكىتىدا، زۇمرەت ئوبۇل بازا قۇرۇلۇشى، ۋەكىللەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئالاقە پونكىتى پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشتىكى مۇھىم سۇپا. سىياسىي يېتەكچىلىكنى سىجىل كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش كېرەك. ۋەكىللەر ئالاقە پونكىتى بازىسىنى كۈچلۈك قۇرۇپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، خەلق رايىنى توپلاش، بېجىرىشكە تاپشۇرۇش، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، نەتىجىسىنى قايتما ئىنكاس قىلىش يېپىق ھالقىلىق مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
زۇمرەت ئوبۇل يەنە يىنخېگۇ ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈش شەھەرچىسىگە بېرىپ، تۈر قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ياشانغانلارنىڭ ھالىدىن كۈندىلىك خەۋەر ئېلىش، ساغلاملىق باشقۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە قويۇپ، داۋالىنىپ كۈتۈنۈش بىلەن ساغلاملىق بويىچە كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان قاتتىق ماتېرىياللارنى يۈرۈشلەشتۈرۈشنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ياخشى تۇتۇش كېرەك. كارخانىلار مۇلازىمەت سۈپىتى ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ياشانغاندا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنىڭ كەسىپلىشىش، قېلىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۆپ قاتلاملىق، كۆپ خىللاشقان ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇشى كېرەك.






