تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەڭگۈلۈك دوستانە يېقىن قوشنا، سەمىمىي ھەمكارلىق ھەمراھى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ما جويەن، دۇڭ شۆ، جاڭ جىيې

شۇ جاي ۋاقتى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان رەئىس شى جىنپىڭ بىشكەك ئىناقلىق سارىيىدا قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ كامېراسى جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى يەنە بىر تارىخىي پەيتنى خاتىرىلىدى −

رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ جاپاروف بىلەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما خىتابنامىسى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نى ئورتاق ئىمزالىدى، نەق مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. بۇ ئىككى ھۆججەت رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىم زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئىككى تەرەپ ھاسىل قىلغان مۇھىم نەتىجە.

بۇ، چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقنىڭ يەنىمۇ مۇستەھكەملىنىشى، چوڭقۇرلىشىشى −

جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ھەيۋەتلىك تىيانشان تېغى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۇزاق يىلنى ھالقىغان دوستانە ئالاقە تارىخىغا گۇۋاھ بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ راۋاجلاندى، ئىككى دۆلەت ئىسمى - جىسمىغا لايىق چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن ياخشى قوشنا، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولىدىغان ياخشى ھەمراھ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدىغان ياخشى دوست.

ئۇرۇق - تۇغقان، قوشنا - قولۇملار بىر - بىرىنىڭ ئىناق، بەختلىك ئۆتۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، ئۆزى ئايروپورتقا بېرىپ قارشى ئالغاندا «سىز بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ ئەزاسى» دەپ قىزغىن ئەھۋال سوراشتىن جۇڭگو شىزاڭ جىلۇڭنىڭ لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا سەمىمىي ھال سوراشقىچە... زۇڭتۇڭ جاپاروفنىڭ بىر قاتار كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە قەلبنى ئىللىتىدىغان سۆزلىرى قىرغىزىستان تەرەپنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقنى ئالغا سىلجىتىش ۋە قىرغىزىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى سەمىمىي ئارزۇسىنى نامايان قىلدى.

2023 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ جاپاروف بىلەن سۆھبەتلەشكەندە «قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتىدىغان، گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات نىشانىنى بېكىتتى. بۇ قېتىم ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - قىرغىزىستان مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى ئورتاق ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشى، بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىشىنى مۇھىم قانۇن ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىپ بەردى.

بۇ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەشنى قەتئىي جاكارلاش −

بۇ يىل جۇڭگونىڭ «15 - بەش يىل»ىنىڭ باشلىنىش يىلى، قىرغىزىستان تەرەپمۇ «2030 - يىلىدىن ئىلگىرىكى دۆلەت تەرەققىيات پىروگراممىسى»نى پۈتۈن كۈچى بىلەن يولغا قويۇۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكى بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى قەتئىي سەپەرداشلاردىن.

2025 - يىلى جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتىنى ئىمزالاشتىن بۈگۈنكى كۈندە قوشما خىتابنامە ئىمزالاپ «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات»نى يەنىمۇ تەكىتلەشكىچە، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈۋاتقان ئەمەلىي ھەمكارلىق ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولماقتا.

8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپنىڭ سېلىنما، قاتناش، تاموژنا، دوست شەھەر قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا گۇۋاھ بولدى. زىيارەت مەزگىلىدە، جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى تەرەپ يەنە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججىتىدىن 20 پارچىدىن ئارتۇقنى ئىمزالىدى.

«رەقەملىك سودا، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى كېڭەيتىش» «جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىدىن ئىبارەت رايون خەلقىنىڭ تەرەققىيات ئۈمىدى يۈكلەنگەن بۇ <قاتناش چوڭ تومۇرى>نى يۇقىرى سۈپەتلىك ياخشى قۇرۇش» «پورتنى زامانىۋىلاشتۇرۇپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇش»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو - قىرغىزىستان ئەمەلىي ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى پىلانى ئىككى تەرەپنىڭ مەڭگۈلۈك ئىناق قوشنىدارچىلىق - دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ خەلققە ھەقىقىي بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولدى.

بۇ، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى ئورتاق ئارزۇ −

ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلدە كۆرسىتىش قاتارلىقلار قوشما خىتابنامە ۋە شەرتنامىگە كىرگۈزۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، زۇڭتۇڭ جاپاروف مۇنداق بىلدۈردى: قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى، دۇنيا سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلار بىلەن زىچ ماسلىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، جاھاننى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، داغدام يولدا ئورتاق ماڭىدىغان جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو تەشەببۇسى، جۇڭگو لايىھەسى كۈنسېرى كەڭ ھەم چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلماقتا.

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆت چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، زومىگەرلىككە ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى مەردانە - جاراڭلىق بولدى.

ياخشى قوشنىلار ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە قولغا كەلتۈرگەن بىر قاتار مۇھىم نەتىجىلەر تارىخىي دوستلۇققا ۋارىسلىق قىلغانلىق، كەلگۈسى ھەمكارلىقنى پىلانلىغانلىق بولۇپ، مۇقەررەر ھالدا جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.