8-ئاينىڭ 30-كۈنى، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتى ئالتاي شەھىرى يېلكەلد چارۋىچىلىق مەيدانى، سۇ رايونى سۈپسۈزۈك ئىدى، ئاق قۇلار ئەركىن ئۈزۈپ يۈرەتتى، ئۇلار گاھ قاناتلىرىنى يايسا، گاھ ئاستا قەدەم بىلەن سەيلە قىلاتتى. سۈپسۈزۈك سۇ يۈزىدە ئۇلارنىڭ ئاپئاق سىيماسى ئەكس ئېتەتتى، ھەممە يەردە ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇراتتى. كۈن ئولتۇرغاندا ئەتراپنى شەپەق نۇرى قاپلىدى، يىراقتىكى تاغلار جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇچۇۋاتقان قۇشلار بىلەن ئالتۇن رەڭدىكى سۇ يۈزى بىرلىشىپ، ئۆزگىچە تاغ-دالا ئېكولوگىيە مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈرگەنىدى.
(ئاپتورلار: تۇنۇق نۇرزاخ، كۆپېن نىغمەت ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






