ئۈرۈمچى شەھىرى ھەم شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە پۈتۈن شىنجاڭدا كۆپ قېتىم سوغۇق ھاۋا ھەرىكىتى كۆرۈلۈپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چاڭ-توزان، كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەش ھەم تاغلىق رايونلاردا قار يېغىش قاتارلىق مۇرەككەپ ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. 8-ئاينىڭ 31-كۈنى كەچتىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە بوران چىقىپ، چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى كېچىدىن 3-كۈنى سەھەرگىچە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى يۇقىرى رايونلاردا يامغۇر ئارىلاش قار ياغىدىكەن، تېمپېراتۇرا ℃6تىن ℃10قىچە تۆۋەنلەيدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭدا مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە شىمالىي شىنجاڭدا بوران، چاڭ-توزان كۆپ بولىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا داۋاملىشىدىكەن، كېيىنكى مەزگىلدە نۇرغۇن جايلاردا يەنىلا ھۆل-يېغىن ۋە بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بۇ نۆۋەتلىك ھاۋارايىنىڭ جەريانى مۇرەككەپ، ئاپەت خەۋپى يۇقىرى بولۇپ، قاتناش، شەھەر قاتنىشى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا بولغان تەسىرى بىر قەدەر چوڭ، شۇڭا خەتەردىن ئالدىن ساقلىنىپ، سوغۇقتىن ساقلىنىپ ئىسسىق ساقلاش كېرەك.
ئۈرۈمچىدە: ئاۋۋال بوران، چاڭ-توزان كۆرۈلىدۇ، ئارقىدىن يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى مۇھىم ھاۋارايى مەخسۇس دوكلاتىنى ئېلان قىلدى، 9-ئاينىڭ 2-كۈنى كېچىدە ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، نەنسەندىكى ئېگىز تاغ بەلبېغىدا يامغۇر يېغىپ يامغۇر ئارىلاش قارغا ياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن، باشقا رايونلاردا ئاز ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن، كۆپ قىسىم رايونلاردا بەش بالدىن ئالتە بالغىچە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، داۋانچىڭ رايونىدا توققۇز بالدىن ئون بالغىچە قىيپاش غەرب ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن؛ ھەرقايسى رايونلاردا تېمپېراتۇرا ℃6تىن ℃10قىچە تۆۋەنلەيدىكەن.
بوران، چاڭ-توزان ئاۋۋال «مەيدانغا چىقىدىكەن»، شامالنىڭ كۈچىگە سەل قاراشقا بولمايدىكەن. 8-ئاينىڭ 31-كۈنى كېچىدە (9-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 3تىن گىچە) ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا 7 بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن جايلاردا چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن؛ 9-ئاينىڭ 1-كۈنى كۈندۈزدىن 9-ئاينىڭ 2-كۈنى كېچىگىچە، ئۈرۈمچىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا 5 بالدىن 6 بالغىچە غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، داۋانچىڭ رايونىدا 9 بالدىن 10 بالغىچە قىيپاش غەربىي ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن.
بوران چىققاندىن كېيىن، كۈچلۈك ھۆل-يېغىن جەريانى ئەگىشىپلا يېتىپ كېلىدىكەن. بۇ قېتىمقى ھۆل-يېغىننىڭ باشلىنىش-ئاخىرلىشىش ۋاقتى: 9-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 20دىن 9-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 8گىچە بولىدىكەن. بۇ جەرياندىكى ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى: ئاساسلىق شەھەر رايونى، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى ۋە تاغلىق رايونلاردا قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، ھۆل-يېغىن مىقدارى 12 مىللىمېتىردىن 22 مىللىمېتىرغىچە بولىدىكەن، شۇيموگوۋ رايونىدىكى تاغلىق رايونلار ۋە مىدۇڭ رايونىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، ھۆل-يېغىن مىقدارى 24 مىللىمېتىردىن 35 مىللىمېتىرغىچە بولىدىكەن؛ مىدۇڭ رايونى ۋە داۋانچىڭ رايونىدا ئازراق ياكى ئوتتۇراھال يامغۇر ياغىدىكەن، نەنسەندىكى ئېگىز تاغ بەلبېغىدا ئازراق يامغۇر يېغىپ يامغۇر ئارىلاش قارغا ياكى قارغا ئۆزگىرىدىكەن. ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى 3 مىللىمېتىردىن 8 مىللىمېتىرغىچە بولىدىكەن.
بوران-يامغۇردىن كېيىن، تېمپىراتۇرا «تىك قىيا» شەكلىدە تۆۋەنلەيدىكەن. 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 3-كۈنىگىچە، ئۈرۈمچىدىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃6تىن ℃10قىچە تۆۋەنلەيدىكەن، شەھەر رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃10 ئەتراپىغا چۈشىدىكەن، تاغلىق رايونلار ۋە داۋانچىڭ رايونىدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا بولىدىكەن.
مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى: غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى بىلەن بىللە قوشۇلۇپ كېلىدۇ، ھاۋا سۈپىتىگە ۋە كىشىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، بوران قاتناش-تىرانسپورت، ئېلېكتىر كۈچى، شەھەر قاتنىشى قاتارلىقلارغا پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش تەكلىپىنى بېرىمىز.
ھازىر يەنىلا ساياھەتچىلىكنىڭ ئاۋات مەزگىلى، بۇ قېتىمقى ھاۋارايى جەريانىدا قىسمەن رايونلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران قاتارلىق كۈچلۈك تەتۈر ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇڭا قىسمەن جايلاردا لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، سىيرىلىپ چۈشۈش، كەلكۈن قاتارلىق گېئوئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ھۆل-يېغىن بولغاندا كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش، يول تېيىلغاق بولۇش، ئويمان جايلارغا سۇ يىغىلىپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ، يول قاتنىشى، شەھەر قاتنىشى، ئاممىنىڭ سەپەرگە چىقىشى قاتارلىقلارغا بىر قەدەر چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.
بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى ھاۋارايىدا تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى، ئاممىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا مۇددەتتىن بۇرۇن ئىسسىق ساقلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.
پۈتۈن شىنجاڭدا: كۆپ قېتىم سوغۇق ھاۋا ئېقىمى ھۇجۇم قىلىدۇ، بوران، يامغۇر، چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدۇ
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ئېلان قىلغان بىر ھەپتىلىك ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا (2026-يىلى 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە)، بۇ ھەپتىنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە شىمالىي شىنجاڭدا بىر قېتىم ئوتتۇراھال سوغۇق ھاۋا ئېقىمى جەريانى بولىدىكەن (جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا 2-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن)؛ كېيىنكى مەزگىلدە جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ قىيپاش غەربى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە ئىككى يېقىدا بىر قېتىم ھۆل-يېغىن جەريانى بولىدىكەن.
9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 3-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ جايلار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، بۇنىڭ ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ياكى قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ غەربى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ شىمالى، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلاردىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران، مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك تەتۈر ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بىر قەدەر چوڭ ئىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلار، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىمالى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەتتە بال غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 11 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن، شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزلىرىدا ئۆتكۈنچى شامال 13 بالدىن 14 بالغىچە بولىدىكەن، يۇقىرىدا تىلغان ئېلىنغان قىسمەن رايونلاردا قىسقا ۋاقىتلىق قۇم ئۇچۇش ياكى چاڭ-توزان كۆرۈلىدىكەن.
9-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىندىن 9-ئاينىڭ 3-كۈنى كۈندۈزگىچە، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا، شەرقىي قىسمىدا يەتتە بالدىن سەككىز بالغىچە قىيپاش شەرق ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، ئويمانلىقنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزان كۆرۈلىدىكەن. شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدا تېمپېراتۇرا ℃5تىن ℃8قىچە تۆۋەنلەيدىكەن.
9-ئاينىڭ 3-كۈنى كېچىدىن 9-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە، شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، تىيانشاننىڭ تاغلىق رايونلىرى ۋە ئىككى يېقى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى، بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى دەرياسى ۋادىسى، تىيانشان تاغلىق رايونى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شىمالىي ئېتىكى، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، تاغلىق رايونلاردىكى قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر ياغىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى توققۇز بالدىن ئون بالغىچە بولىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدە بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، ئۆتكۈنچى شامال يەتتە بالدىن سەككىز بالغىچە بولىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭ، شەرقىي شىنجاڭدىكى قىسمەن رايونلاردا قۇم ئۇچۇش ياكى چاڭ-توزان كۆرۈلىدىكەن.
مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى مۇنداق ئەسكەرتتى: قىسمەن جايلاردا قارا يامغۇر، كۈچلۈك تەتۈر ئېقىملىق ھاۋارايى، كەلكۈن ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن، سىيرىلىپ چۈشۈش قاتارلىق گېئوئاپەت ۋە چاڭ-توزاننىڭ قاتناش، ساياھەت، شەھەر قاتنىشى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىقلارغا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىدىن نۇقتىلىق ساقلىنىش كېرەك.
مەنبە: ئۈرۈمچى رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
«ئۈرۈمچى شەھىرى نۆل ئارىلىق»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






