تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش.يېڭى بايقاش | قاغىلىق ناھىيەسىدىكى كىچىك ياڭاق خەلقنى بېيىتىدىغان «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) ئالتۇن كۈز پەسلىدە، ئەزەلدىن «جۇڭگو ياڭاق ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار قاغىلىق ناھىيەسى ياڭاقتىن مول ھوسۇل ئېلىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى. نۆۋەتتە، پۈتۈن ناھىيەدىكى 640 مىڭ مو يەردىكى ياڭاقلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، ھەممە جايدا مول ھوسۇل ئېلىش بىلەن ئالدىراش بولۇشتەك خۇشاللىنارلىق مەنزىرە نامايان بولدى. 2026-يىلى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ياڭاق مەھسۇلات مىقدارى 140 مىڭ توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى، بۇلتۇرقى ئاساستا مۇقىم ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار بولۇپ، مۇقىم ھوسۇل ئېلىش ۋەزىيىتى سىجىل مۇستەھكەملەندى.

.

  8-ئاينىڭ 29-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسى ياڭاق سودا بازىرى ئىچىدىكى بىر دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، خىزمەتچىلەر ياڭاقلارنى ئاپتوموبىلدىن چۈشۈرمەكتە.

 كەسىپنىڭ گۈللىنىشى ئارقىسىدا، پۈتۈن زەنجىرنىڭ سىجىل كۈچىشى بار. نۆۋەتتە، ناھىيە بويىچە ياڭاق پىششىقلاش كارخانىسىدىن 16سى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن 415ى يېتىشتۈرۈلۈپ، ئۆستۈرۈشتىن پىششىقلاشقىچە، سېتىشتىن ماركا يارىتىشقىچە بولغان مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرى شەكىللەندى. كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق، ئۆلچەملەشكەن پىششىقلاش، كەسىپلەشكەن تىجارەتنىڭ ماس تەرەققىياتى كىچىك ياڭاقنى خەلقنى بېيىتىدىغان «ئالتۇن مېۋە»گە ئايلاندۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە سىجىل كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ياڭاق سودا بازىرى ئىچىدىكى بىر كارخانىدا، خىزمەتچىلەر ماشىنىدا ئاپتاپقا سېلىنغان ياڭاقلارنى تەكشى يېيىتماقتا.

  8-ئاينىڭ 29-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسى ياڭاق سودا بازىرىدىكى بىر دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، خىزمەتچىلەر ياڭاقلارنى ئايرىماقتا.

  8-ئاينىڭ 29-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسى ياڭاق سودا بازىرىدىكى بىر كارخانىنىڭ سېخىدا، خىزمەتچىلەر ياڭاق پىششىقلاش مەشغۇلاتى قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسى ياڭاق سودا بازىرى ئىچىدىكى بىر كارخانا سېخىدا، خىزمەتچىلەر ئوراپ قاچىلانغان ياڭاق مەھسۇلاتلىرىنى رەتلىمەكتە.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.