تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

قۇشلار ئۇچۇپ ئوينىماقتا

   

    8-ئاينىڭ 29-كۈنى، توپ-توپ سۇ قۇشلىرى 6-شى ۋۇجياچۈ شەھىرىدىكى چىڭگېدا كۆلى سۇلۇق يېرىدە ماكانلاشتى. نۆۋەتتە، 6-شى ۋۇجياچۈ شەھىرى چىڭگېدا كۆلى سۇلۇق يېرىنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %80كە يەتكەن بولۇپ، بۇ يەردە ماكانلاشقان سۇ قۇشلىرى 180 خىلدىن ئاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 6-شى ۋۇجياچۈ شەھىرى ئېكولوگىيەنى قوغداش سالمىقىنى زورايتىپ، جەمئىي نەچچە يۈز مىليون يۈەن ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەبلىغى سېلىپ، 5000 مودىن ئارتۇق سۇلۇق يەر يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تاماملاپ، 500 سۈنئىي قۇش چاڭگىسى ياسىدى، سۇ سۈپىتى Ⅳ تۈردىن Ⅲ تۈرگە ئۆستى. ئېكولوگىيە-مۇھىت ياخشىلىنىپ، تۈرلۈك قۇشلار كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى. كۈمۈش ئاق تېرەك، چاتقالسىمان سۆگەتلەر چىڭگېدا كۆلى بويىدا يىلتىز تارتتى، تاغىل سېسىق كۈزەن، بورسۇق تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا كۆپىيىپ ياشىماقتا. چىڭگېدا كۆلى ساياھەت مەنزىرە رايونى ھەر يىلى 1 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ساياھەتچىنى جەلپ قىلماقتا.  ۋېي شىنجياڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.