2026-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، «چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ يان تېلېفون قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال مەھسۇلاتلىرىنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرىشى ياكى مەكتەپ ئىچىدە ئىشلىتىشىنى چەكلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە تور ئىشلىتىش ھەرىكىتىنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
مۇخبىر چۇڭچىڭلا ئەمەس، فۇجيەن، گۇاڭجوۋ، جېڭجوۋ قاتارلىق جايلارنىڭ نىزام چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە يان تېلېفون ئېلىپ كىرىشىنى چەكلىگەنلىكىگە دىققەت قىلدى. 2022-يىلى، فۇجيەن نىزام چىقىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسخانىغا يان تېلېفون (تېلېفونلۇق قول سائىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئېلىپ كىرىشىنى چەكلىدى. 2024-يىلى، گۇاڭجوۋ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە يان تېلېفون ئېلىپ كىرىشىنى چەكلەش نىزامىنى ئېلان قىلدى. 2024-يىلى، خېنەن جېڭجوۋمۇ قارار چىقىرىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يان تېلېفون قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېرمىنال مەھسۇلاتلىرىنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرىشىنى قاتتىق چەكلىدى.


ئۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت قاتلىمىدا مائارىپ مىنىستىرلىقى 2021-يىلى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتە شەخسىي يان تېلېفونىنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرىشكە بولمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپلەرنىڭ يان تېلېفون ئارقىلىق تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ياكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يان تېلېفون ئارقىلىق تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. 2025-يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە بىر قېتىم تەدبىر چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە «يان تېلېفون قاتارلىق ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى دەرسخانىغا ئېلىپ كىرىشنى قاتتىق چەكلەش»نى تىلغا ئېلىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنى «ئېكران توختىتىش ھەرىكىتى»نى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈردى.
ئەلۋەتتە، چوقۇم نىزام چىقىرىش كېرەكمۇ-يوق، جايلار شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىشىشى كېرەك، ئەمما تۈرلۈك ئاماللار بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوننى دەرسخانىدىن يىراقلاشتۇرۇش ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كەڭ دائىرىلىك ئورتاق تونۇشىدۇر.
«ئۈرۈمچى شەھەرلىك نۆل ئارىلىق» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






