ھازىرقى زامان كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قەھۋە بارا-بارا مودا ئىچىملىككە ئايلاندى، تېخىمۇ مۇھىمى نۇرغۇن خىزمەتچىنىڭ ھەر كۈنلۈك زۆرۈر «سىرلىق روھلىنىش قورالى» بولۇپ قالدى.
نۆۋەتتە نۇرغۇن تەتقىقاتلاردا دائىم قەھۋە ئىچىپ بېرىشنىڭ سالامەتلىككە پايدىلىق ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىندى، مەسىلەن، مېڭىنى سەگەكلەشتۈرۈپ، ھارغىنلىقنى پەسەيتىش، ئىككىلەمچى تىپلىق دىئابېت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بەزى راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار. قەھۋە ئىچىش يەنە ئۇزاق ئولتۇرۇشنىڭ زىيىنىنى تۈگىتەلەيدىكەن. شۇنداق بولسىمۇ، قەھۋە ھەممە ئادەمگە ماس كەلمەيدۇ، سەككىز خىل كىشىلەر قارىغۇلارچە قەھۋە ئىچسە بولمايدۇ، چوقۇم ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
1. ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەسلەر
قەھۋە تەركىبىدە كوففېئىن بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بەلگىلىك روھلاندۇرۇش ئۈنۈمىگە ئىگە. كوففېئىن چارچاش ۋە ئۇيقۇ سىگنالىنى قوبۇل قىلغۇچى تەنچىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئويغىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھارغىنلىقنى ياخشىلايدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا، نۇرغۇن خىزمەتچىلەر قەھۋەگە تايىنىپ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، يەنىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيدۇ.
بىراق، ئوخشاش بولمىغان كىشىلەرنىڭ كوففېئىنغا بەرداشلىق بېرىش دەرىجىسىدە پەرق بولىدۇ، ئەسلىدىنلا ئۇيقۇسى ياخشى بولمىغان، ئۇيقۇسىزلىق كۆرۈلگەن، ئۇيقۇسى توسالغۇغا ئۇچرىغان كىشىلەر يەنىلا ئىمكانقەدەر قەھۋەنى ئاز ئىچىشى ياكى ئىچمەسلىكى كېرەك.
2. يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىز بولغانلار
گەرچە قەھۋە ئىچكەندىن كېيىن يۈرەك سوقۇشىنىڭ تېزلىشىشى نورمال ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، بولۇپمۇ ئەسلىدىنلا يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىز بولغان كىشىلەر توپىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىز بولۇش ئاساسلىقى يۈرەكنىڭ توك ئۆتكۈزۈش نورمالسىزلىقىدىن كېلىپ چىققان يۈرەك سوقۇشىنىڭ تەرتىپسىز، زىيادە تېز ياكى زىيادە ئاستا بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.
بەزى تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپ ساندىكى يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىز ياكى يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىز بولۇش خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، كوففېئىننىڭ زىيىنىنىڭ چەك قىممىتىگە ئېنىق ئېنىقلىما بېرىلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھەر كۈنى 400 مىللىگرامدىن تۆۋەن كوففېئىننى قوبۇل قىلىش مىقدارى بىخەتەر بولۇشى، ھەتتا يۈرەك رىتىمىغا نىسبەتەن قوغداش رولىغا ئىگە بولۇشى مۇمكىن؛ لېكىن يۈرەك رىتىمى يامان سۈپەتلىك تەرتىپسىز كىشىلەر توپى ۋە كوففېئىنغا سەزگۈر يۈرەك رىتىمى تەرتىپسىز يۇقىرى خەۋپ-خەتەرلىك كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، يەنىلا كوففېئىن قوبۇل قىلىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش كېرەك.
3. ئاشقازان كېسىلى بار كىشىلەر توپى
قەھۋە ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرىنى غىدىقلاپ، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كۆپەيتىدۇ. بۇ ئاشقازان ئىقتىدارى نورمال كىشىلەرگە نىسبەتەن سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ئەمما، ئەسلىدىنلا ئاشقازان كېسىلى بار، مەسىلەن، ئاشقازان يارىسى، ئاشقازان كىسلاتاسىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى زىيادە كۆپ، ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچتىن تەتۈر ئېقىش كېسىلى بار كىشىلەر قەھۋەنى دائىم ياكى زىيادە كۆپ ئىچسە كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، ئاشقازاندىن كىسلاتا يېنىش، مەيدىسى قايناش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. ئۈچەي ئاسان غىدىقلىنىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ئاغرىقلىرى
ئۈچەي ئاسان غىدىقلىنىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى كۆپ ئۇچرايدىغان فۇنكسىيەلىك ئۈچەي كېسىلى بولۇپ، ئاغرىقتا پات-پات ئىچى سۈرۈش ئالامىتى كۆرۈلۈشى ياكى قەۋزىيەت بولۇشى مۇمكىن.
كوففېئىن ھەزىم قىلىش سىستېمىسىدا ئاشقازان كىسلاتاسى، ئۆت خالتىسىنى قورۇغۇچى ماددىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى غىدىقلاپ، بوغماق ئۈچەي ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئۈچەي ئاسان غىدىقلىنىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ئاغرىقلىرى كوففېئىنغا نىسبەتەن بىر قەدەر سەزگۈر بولۇپ، ئىچكەندىن كېيىن ئاشقازان، ئۈچەي بىئارام بولۇش، ئىچى سۈرۈش ئالامەتلىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن. كوففېئىننىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتقاندا، ئۈچەي ئاسان غىدىقلىنىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلۈشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
5. سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىك ئالامىتى بار كىشىلەر توپى
قەھۋە تەركىبىدىكى كوففېئىن، تاننىك كىسلاتاسى قاتارلىق تەركىبلەر ھەقىقەتەن كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كوففېئىننىڭ سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇشى كالتسىينىڭ ئېقىپ كېتىشىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، لېكىن بۇنىڭ ساغلام كىشىلەرگە نىسبەتەن تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدۇ. تەتقىقاتلاردا كوففېئىننىڭ كالتسىينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە كۆرسىتىدىغان سەلبىي تەسىرىنىڭ ناھايىتى كىچىك ئىكەنلىكى، پەقەت 1 ~ 2 قوشۇق كالا سۈتى بىلەنلا پۈتۈنلەي يوققا چىقارغىلى بولىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. بىراق، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، قەھۋەنى كۆپ ئىچىشتىن ساقلىنىش تەكلىپى بېرىلىدۇ.
6. گىلاۋكوما ئاغرىقلىرى
تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەھۋە تەركىبىدىكى كوففېئىن گىلاۋكوما ئاغرىقلىرىنىڭ كۆز بېسىمىنىڭ بىنورمال ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، گىلاۋكومانىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى خەتەرلىك ئامىل بولۇپ قالىدىكەن. كۆز بېسىمىنىڭ ئۆرلىشى كۆرۈش نېرۋىلىرىنىڭ زەخىملىنىشى ۋە كۆرۈش ئىقتىدارىنىڭ زەخىملىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئېغىر بولغاندا كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، گىلاۋكوما ئاغرىقلىرى كۈندىلىك تۇرمۇشتا قەھۋەگە ئوخشاش كوففېئىن تەركىبى يۇقىرى ئىچىملىكلىەرنى ئىچىشتىن ساقلىنىپ، كۆز بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ۋە داۋالغۇشنىڭ كۆزگە يەنىمۇ زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
7. بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەر
خەلقئارادا نۆۋەتتە ۋاقتىنچە تەۋسىيە قىلىنغان بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كوففېئىننى بىخەتەر قوبۇل قىلىش مىقدارى ھەر كىلوگرام بەدەن ئېغىرلىقىغا 2.5 ~ 3 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بەدەن ئېغىرلىقى 40 كىلوگىرام كېلىدىغان بالىلار ۋە ياش-ئۆسمۈرلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، كوففېئىننىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى 100 ~ 120 مىللىگىرام بولۇپ، تەخمىنەن بىر ئىستاكان قەھۋەگە باراۋەر. ئەلۋەتتە، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا ئىچمەسلىك كېرەك. بۇنىڭ سەۋەبى، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بالىلارنىڭ كوففېئىن مېتابولىزم ئىقتىدارى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭكىدىن ئاجىز بولۇپ، ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، بەدەننىڭ يېتىلىشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.
8. ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار
ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قەھۋە ئىچىشى تەۋسىيە قىلىنمايدۇ، ئەگەر ئىچمەكچى بولسا، ھەر كۈنى ئىككى ئىستاكاندىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك. گەرچە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاز مىقداردا قەھۋە ئىچسە بولسىمۇ، لېكىن ھامىلىدار ئاياللارنى قەھۋە ئىچىشكە رىغبەتلەندۈرمەسلىك كېرەك. شۇڭا، ئادەتتە قەھۋە ئىچىش ئادىتى يوق ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلى ۋە بالا ئېمىتىش مەزگىلىدە قەھۋە ئىچمەسلىكى كېرەك؛ ئادەتتە ئىزچىل قەھۋە ئىچىش ئادىتى بار ئاياللار ئەڭ ياخشىسى قەھۋەنى چەكلىك مىقداردا ئىچىشى كېرەك.
«生命时报»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






