8-ئاينىڭ ئاخىرلىرى، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى قۇتۇبى ناھىيەسى ۋۇگۇڭتەي بازىرى بەيچۈەنخۇ سۇلۇق يېرىدە، ئاق قوتان، كۆك قوتان قاتارلىق تۈركۈم-تۈركۈم سۇ قۇشلىرى تېيىز ساھىلدا بەخىرامان يۈرەتتى، ئۇلار بەزىدە قانات قېقىپ سۇ يۈزىدىن ئۇچۇپ ئۆتسە، بەزىدە بېشىنى تۆۋەن سېلىپ ئوزۇق ئىزدەيتتى، قومۇشلار شامالدا يېنىك ئىرغاڭلاپ تۇراتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، تېرىلغۇدىن سۇلۇق يەرگە قايتۇرۇش، سۇ سىستېمىسىنى تۇتاشتۇرۇش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيە-مۇھىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى كۈنسېرى بېيىتتى.
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






