تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

بىر كۈن ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى چىش چوتكىلاش ۋاقتىنى ھازىر بىلىۋالسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز

  «ئەتىگەن، كەچتە چىش چوتكىلىسىڭىز چىشىڭىزنى قۇرت يېمەيدۇ.» ئاتا-ئانىلارنىڭ تاپىلىغان بۇ ئاددىي سۆزى ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنى قوغداشنىڭ ئاچقۇچى. نۇرغۇن كىشى نېمە ئۈچۈن ئىككى قېتىم چىش چوتكىلايدىغانلىقىدىن گۇمانلىنىدۇ؟ كەچتە چوتكىلىغۇم كەلمىسە، ئەتىگەندە چوتكىلىسام بولىدىغۇ؟ دەپ ئويلايدۇ، ئەگەر بىر قېتىملا چوتكىلىماقچى بولسا، ئەتىگەننى تاللاش كېرەكمۇ-كەچنىمۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۈندە ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم چىش چوتكىلاش كېرەك؟

  ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىنىڭ ئىككى چوڭ «دۈشمىنى» بار: چىش چىرىش كېسىلى (چىشنى قۇرت يېيىش) ۋە چىش ئەتراپى كېسىلى («چىش چۈشۈپ كېتىش»). ھەر ئىككىسى چىشنىڭ سىرتقى يۈزىدە باكتېرىيە ئۇزاق مۇددەت يىغىلىپ كۆپىيىپ، چىش ۋە چىش ئەتراپىدىكى قوللىغۇچى توقۇلمىلارنى داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشتىن كېلىپ چىقىدۇ.

   لېكىن، بۇ باكتېرىيەلەر باشلىنىشتا چىشنىڭ يۈزىگە چىڭ چاپلاشقان ئەمەس، بەلكى مۇقىم باكتېرىيە دېغى بولۇپ شەكىللىنىشى ئۈچۈن بىر جەريان كېتىدۇ:

   1-باسقۇچ − دەسلەپكى باسقۇچتىكى يېپىشىش (2-0 سائەت)

  چىشنى يېڭى چوتكىلاپ بولغان ۋاقىتتىلا، چىشتا يېڭى باكتېرىيە دېغىنىڭ شەكىللىنىشى دەرھال باشلىنىدۇ. لېكىن، بۇ ۋاقىتتا پەقەت ئاز مىقداردىكى تارقاق باكتېرىيە شۆلگەي نېپىز قەۋىتى ئارقىلىق چىشنىڭ يۈزىگە يېپىشىۋالىدۇ.

   2-باسقۇچ − باكتېرىيە يېپىشىش (12-2 سائەت)

   تېخىمۇ كۆپ باكتېرىيە شۆلگەي نېپىز قەۋىتى بىلەن ئۆزئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىپ چىش يۈزىگە يېپىشىۋالىدۇ ھەمدە 1-باسقۇچقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇستەھكەم بولىدۇ.

   3-باسقۇچ − يېتىلگەن باكتېرىيە دېغى (12 سائەتتىن كېيىن)

   يېپىشقان باكتېرىيەلەر كۆپىيىپ مېتابولىزمنى باشلايدۇ ھەم مۇرەككەپ بولغان بىيو قەۋەتلىك قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرىدۇ، باكتېرىيە دېغى تەدرىجىي يېتىلىدۇ. يېتىلگەن باكتېرىيە دېغىنىڭ قۇرۇلمىسى تېخىمۇ زىچ بولۇپ، ئۇنى ئاددىي شەكىلدە چىش چوتكىلاپ يوقاتقىلى بولمايدۇ.

   4-باسقۇچ − تولۇق يېتىلىش (24 سائەتتىن كېيىن)

   24 سائەتتىن كېيىن، چىش باكتېرىيە دېغى تولۇق يېتىلىپ، مۇرەككەپ بولغان مىكرو جانلىقلار توپىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ چاغدىكى باكتېرىيە دېغىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا بولغان تەھدىتى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئاسانلا چىش چىرىش ۋە چىش ئەتراپى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

   باكتېرىيە دېغىنىڭ يېتىلىش جەريانى ۋە ۋاقتىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چىش چوتكىلاشتا مېخانىكىلىق سۈركىلىش بىلەن چىش پاستىسىنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ چىش تازىلىغاندا، پەقەت ئالدىنقى قېتىم چىش چوتكىلاپ بولۇپ 12 سائەت ئىچىدە (1-، 2-باسقۇچ) چىش يۈزىدىكى باكتېرىيەلەرنى ئۈنۈملۈك تازىلىغىلى بولىدۇ. 12 سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، تەدرىجىي پىشىپ يېتىلگەن باكتېرىيە داغلىرىنى چىشنى چوتكىلاش ئارقىلىق تولۇق يوقاتقىلى بولمايدۇ، ئۇلار يەنىمۇ كۆپىيىپ ئۆزىنىڭ «قورغىنى»نى مۇستەھكەملەيدۇ ھەمدە ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقىغا داۋاملىق زىيان يەتكۈزىدۇ.

   شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر كۈن ئىچىدىكى 24 سائەتتە ئىككى قېتىم چىش چوتكىلاش تەكلىپى بېرىلىدۇ، ئارىلىق ۋاقىت ئەڭ ياخشىسى 12 سائەت ئەتراپىدا بولۇش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا چىش يۈزىدىكى باكتېرىيەلەرنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدۇ، ئارىلىق ۋاقىت قانچە ئۇزۇن بولسا، تازىلاش ئۈنۈمى شۇنچە ناچار بولىدۇ. ئەگەر كۈندە پەقەت بىر قېتىم چىش چوتكىلىغاندا، بۇ 24 سائەت ئۆتكەنگە باراۋەر بولۇپ، چىش يۈزىدىكى باكتېرىيە داغلىرى تولۇق يېتىلىپ بولغان بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئۇنى چوتكىلاپ پاكىز تازىلاش ناھايىتى تەسكە توختايدۇ.

نېمە ئۈچۈن كەچتە چىش چوتكىلاش ئەڭ مۇھىم؟

   كەچتە چىش چوتكىلاش كەم بولسا بولمايدۇ، بۇ ئەتىگەندە چىش چوتكىلىغاندىن بەك مۇھىم، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى تۆۋەندىكىچە:

  كېچىدە شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى ئازلايدۇ

   كېچىدە ئۇخلىغاندا شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى زور دەرىجىدە ئازلايدۇ، بۇ، كۈندۈزدىكى مىقدارنىڭ 10/1 − 8/1 گە توغرا كېلىدۇ. شۆلگەي چىشنى تەبىئىي تازىلىغۇچى بولۇپ، ئۇ بىر تەرەپتىن چىشنىڭ سىرتقى يۈزىنى توختىماي يۇيۇپ، يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن شۆلگەي تەركىبىدە كالتسىي، فوسفور قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ھەمدە ئىشقارلىق چەكلىگۈچى ماددىلار بار بولۇپ، رۇدىسىزلاشقان چىش يۈزىنى قايتا مىنېراللاشتۇرۇپ، قايتا قاتتىق قىلىدۇ.

   ئۇخلىغاندا شۆلگەينىڭ ئاجرىلىپ چىقىش مىقدارى ئازلاپ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ ئۆزىنى تازىلاش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇ بىر يۈرۈش قوغداش مېخانىزمى ئاجىزلاپ، باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلايدۇ. كەچتە چىش چوتكىلىغاندا چىش يۈزىدىكى باكتېرىيە مىقدارىنى بىرقەدەر تۆۋەن سەۋىيەدە تىزگىنلەپ، باكتېرىيەنىڭ ئۇيقۇ ۋاقتىدا كۆپ مىقداردا كۆپىيىشى ھەم بۇ ئارقىلىق چىشنى زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  كېچىدە ئېغىزدا كىسلاتالىق ماددىلار يىغىلىپ قالىدۇ

  ئېغىزدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا قەنت ماددىسى بار بولۇپ، باكتېرىيەنى مول «يېمەكلىك» بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ «غالجىرلارچە كۆپىيىشى» ھەمدە ئىچكى ئاجرىتىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆپ مىقداردا كىسلاتالىق ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ، چىش ئېمالى ئۇزاق مۇددەت كىسلاتالىق مۇھىتتا تۇرسا، ئېرىپ ھەم چىرىپ، ئۈزلۈكسىز مېنىرالسىز ھالەتتە بولۇپ، ئاخىرىدا چىش كاۋىكى پەيدا قىلىدۇ. كەچتە چىش چوتكىلىغاندا كۈندۈزدىكى يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى ئۈنۈملۈك تازىلاپ، ئېغىز بوشلۇقىنىڭ باكتېرىيە خالىغانچە كۆپىيىدىغان «كۆڭۈل ئېچىش سورۇنى»غا ئايلىنىپ قېلىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  كېچىدە باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشى تېزلىشىدۇ

  چىش چىرىش كېسىلى ۋە چىش ئەتراپى كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان باش جىنايەتچى چىش يۈزىدىكى باكتېرىيە دېغى بولۇپ، كېچە باكتېرىيەنىڭ كۆپىيىشى ۋە توپلىنىشىنى تېزلىتىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل. كەچتە چىش چوتكىلىغاندا چىش باكتېرىيە داغلىرىنى ئۈنۈملۈك تازىلايدۇ، بۇ چىش تېشى شەكىللىنىشنى ئازايتىدۇ، بۇ ئارقىلىق چىشنى قۇرت يېيىش ۋە چىش ئەتراپى كېسىلى بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى ئازلاتقىلى بولىدۇ.

   كېچە ئېغىز بوشلۇقىدا غەيرىي پۇراق كۆپىيىدىغان ۋاقىت ھېسابلىنىدۇ

  نېمە ئۈچۈن ئەتىگەندە ئورۇندىن تۇرغاندا ئېغىزدا پۇراق ئەڭ كۈچلۈك بولىدۇ؟ ئېغىز پۇراشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەلەر يېمەكلىك قالدۇقلىرىنى پارچىلاپ، ھىدرو سۇلفىد، مېتانېتول قاتارلىق ئۇچۇچان سۇلفىدلارنى ھاسىل قىلىدۇ. كەچتە چىش چوتكىلىغاندا يېمەكلىك قالدۇقلىرى ۋە باكتېرىيەنى تازىلاپ، غەيرىي پۇراقلىق ماددىلارنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئازايتقىلى بولىدۇ. ئەگەر ئالدىنقى كۈنى كەچتە چىش چوتكىلىمىسا، ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا ئېغىز پۇراش تېخىمۇ روشەن بولۇپ، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچكە تەسىر يېتىدۇ.

   ئومۇمىي بەدەن ساغلاملىقىغا يوشۇرۇن تەسىر كۆرسىتىدۇ

  ئېغىز بوشلۇقى ساغلاملىقى ئومۇمىي بەدەن ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيە ۋە زىيانلىق مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرى قان ئايلىنىش ئارقىلىق بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغا تارقىلىپ، ياللۇغلىنىش پەيدا قىلىدۇ. چىش ئەتراپى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلارنىڭ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، دىيابېت قاتارلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپ-خەتىرى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ.

  كەچتە چىش چوتكىلىغاندا ئېغىز بوشلۇقىدىكى باكتېرىيەنىڭ سانىنى ئازلىتىپ، زىيانلىق ماددىلارنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا كىرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى، بۇ ئارقىلىق سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كۆرۈلۈش خەۋپ-خەتىرىنى ئازلاتقىلى بولىدۇ. تەتقىقاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، كەچتە چىش چوتكىلاش يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

«شىنخۇا ئاگېنتلىقى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.