تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش پەسلىدە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىمىز: «ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسى»نى ياخشى ئۆتۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى ماڭىمىز

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شېن زۇشياۋ

   كۈز شامىلى سالقىنلىق بېغىشلاپ، كىتاب ئوقۇغان ئاۋازلار ئىچىدە يەنە بىر يىللىق ئوقۇش باشلاش پەسلى يېتىپ كەلدى. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر شەكلى كۆپ خىل، مەزمۇنى مول بولغان «ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسى» ئارقىلىق ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلاپ، ئوقۇغۇچىلارنى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

   بۇ يىل جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى. ئوقۇش باشلانغان تۇنجى كۈنى ھەرقايسى جايلاردىكى مەكتەپلەر ئۇزۇن سەپەر روھىنى باش تېما قىلىپ، «ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسى»نى ياخشى ئۆتۈپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئىنقىلاب يىللىرىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشقا يېتەكلىدى.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، جىڭ ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ، باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق 1-سىنىپنىڭ سىنىپ مۇدىرى ياڭ فېڭيىڭ ئۇزۇن سەپەر ھېكايىسىنى سۆزلىمەكتە.

جۇڭ ۋېنجۈەن فوتوسى

   8-ئاينىڭ 31-كۈنى، جىڭ ناھىيەلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپ «يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى، ئۇزۇن سەپىرىمىزنى ياخشى ماڭايلى»نى باش تېما قىلىپ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تۇنجى دەرسنى باشلىدى. ھەرقايسى سىنىپلارنىڭ سىنىپ مۇدىرلىرى ئۇزۇن سەپەرنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، قىزىل ئارمىيەنىڭ مىڭلىغان تاغ-دەريالاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، نۇرغۇن جاپا-مۇشەققەت ۋە خېيىم-خەتەرلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئاخىرى ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدەك ھەيۋەتلىك مۇساپىسىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارغا ئۇزۇن سەپەرنىڭ جاپا-مۇشەققىتى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى.

   بىر سائەتلىك دەرس گەرچە ئۇزۇن بولمىسىمۇ، لېكىن ئوت يېقىلغان يۈرەك ناھايىتى يىراق يولنى يورۇتالايدۇ. ئوقۇغۇچى جياڭ جىچى مۇنداق دېدى: يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە ھەربىر دەرسنى تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىپ، سىياھ قەلەم بىلەن خەت يېزىشنى ياخشى مەشىق قىلىپ، ھەر كۈنى دەرستىن سىرتقى 30 مىنۇت ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەربىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ، ئۆزۈمگە تەۋە ئۇزۇن سەپەرنى ياخشى باسىمەن.

   شۇ كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-ئوتتۇرا مەكتەپ «ئۇزۇن سەپەرگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇپ، تىرىشىپ كۈچلۈك دۆلەت ئۆسمۈرلىرىدىن بولايلى» دېگەن باش تېمىدا ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسىنى باشلىدى. مەكتەپ قىزىل گالستۇك تەشۋىقات ئۆمىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى چوڭقۇر بايان قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچىلارغا ئىس-تۈتەكلىك ئۇرۇش ئوتىنىڭ گەرچە يىراقلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن سەپەر روھىنىڭ مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەيدىغانلىقىنى، بۇ تارىخنىڭ كۆپچىلىكنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشى بىلەن زىچ باغلانغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ ھويلىسىدىكى دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان ئۇزۇن سەپەر پىيادىلەر يولىدا ماڭماقتا.

جۇڭ جىڭجيې فوتوسى

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ھويلىسىدىكى دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان ئۇزۇن سەپەر يولىدا، ئوقۇغۇچىلار بىر مەيدان چۆكۈش شەكلىدىكى «ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. «رۇيجىندىن يولغا چىقىش»تىن «شياڭجياڭدىكى قانلىق جەڭ»گىچە، «زۇنيى يىغىنى»دىن «خۇينىڭدا ئۇچرىشىش»قىچە، ئۇزۇن سەپەر تارىخىي تۈگۈن نۇقتىلىرى يەر چاپلىما تەشۋىقاتى شەكلىدە تەرتىپ بويىچە يېيىلدى. ئوقۇغۇچىلار بىر تەرەپتىن مېڭىپ، بىر تەرەپتىن كۆرۈپ، بىر تەرەپتىن ھېس قىلىپ، ئۇزۇن سەپەر ھېكايىسىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، قىزىل كۈچنى ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، بىر قېتىملىق ئالاھىدە قىزىل روھتىن تاۋلىنىشنى تاماملىدى.

   پەن-تېخنىكا ئامىلىمۇ بۇ يىلقى «ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسى»نىڭ يارقىن نۇقتىسى بولۇپ قالدى. نۇرغۇن مەكتەپلەر AI ماشىنا ئادەم، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئامىللارنى دەرسخانىغا سىڭدۈرۈپ، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىگە تولۇق پەن-تېخنىكا تۇيغۇسى ۋە كەلگۈسى تۇيغۇسى قوشتى.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسىدە، ماشىنا ئادەم ياردەمچى ئوقۇتقۇچى بولدى.

خوۋ شياۋچيۇڭ فوتوسى

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك 53-باشلانغۇچ مەكتەپتە، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى تۇنجى دەرس بىر تۈركۈم ئالاھىدە «ياردەمچى ئوقۇتقۇچى»− AI ماشىنا ئادەمنى كۈتۈۋالدى. ئىلىم-پەن، تەنتەربىيە، ئېنگلىز تىلى قاتارلىق دەرسخانىلاردا دەرس بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇتۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى، ماشىنا ئادەم ماسلىشىپ، جانلىق ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش دەرسىنى قانات يايدۇردى. تەنتەربىيە دەرسىدە، ماشىنا ئادەم ئوقۇغۇچىلارنى يېتەكلەپ بەدەن قىزىتىش ھەرىكىتىنى تاماملىدى؛ ئېنگلىز تىلى دەرسخانىسىدا، ماشىنا ئادەم قىزىقارلىق سوئالغا جاۋاب بېرىش پائالىيىتىنى تەشكىللىدى، ئوقۇغۇچىلار بەس-بەستە ماشىنا ئادەم بىلەن ھەمتۈرتكە بولدى.

   ئوخشاش پەن-تېخنىكا دولقۇنى قومۇل شەھەرلىك 6-ئوتتۇرا مەكتەپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 79-باشلانغۇچ مەكتەپ قاتارلىق مەكتەپلەردىمۇ ئەۋج ئالدى. ماشىنا ئادەم، ماشىنا ئىت دەرسخانىغا كىردى، ئوقۇغۇچىلار ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا بىلىمنىڭ كۈچىنى ھېس قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە قىزىقىشىنى قوزغىدى.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 79-باشلانغۇچ مەكتەپتە تۇنجى سائەتلىك دەرس باشلاندى، ماشىنا ئادەم ئوقۇغۇچىلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولدى.

گۇڭ نىڭ فوتوسى

   پەن-تېخنىكا ئارزۇنى يورۇتىدۇ، بىخەتەرلىك ئۆسۈپ يېتىلىشنى قوغدايدۇ. «ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسى»دە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئوخشاشلا مۇھىمنىڭ مۇھىمى. ھەرقايسى مەكتەپلەر دەرس مەزمۇنىنى كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەپ، جىسمانىي بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشتىن پىسخىكىلىق ھالەتنى تەڭشەشكىچە، رېئال تۇرمۇش بوشلۇقىدىن مەۋھۇم تور دۇنياسىغىچە، بالىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقى ئۈچۈن ھەر تەرەپلىمە مۇستەھكەم مۇداپىئە سېپى بەرپا قىلدى.

   «يولدىن ئۆتكەندە پىيادىلەر يولىدا مېڭىش، ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاش كېرەك...» كورلا شەھەرلىك لىشياڭ باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسىدە، كورلا شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى شىنچېڭ ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى چى جېڭشياڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەكتەپلەردىكى ھەقىقىي دېلو مىساللىرىنى تىلغا ئېلىپ «دېلو مىساللىرى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈپ»، ئوقۇغۇچىلارغا قانداق قىلغاندا ئاممىۋى قاتناش قوراللىرىغا بىخەتەر ئولتۇرغىلى بولىدىغانلىقى، قانداق قىلغاندا يولدىن قائىدىلىك ئۆتكىلى بولىدىغانلىقى، ئەتراپتىكى يوشۇرۇن خەۋپنى قانداق پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغانلىقى ھەمدە تاسادىپىي ئەھۋالغا يولۇققاندا ئۆزىنى قانداق سوغۇققانلىق بىلەن قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم تەلەپ قىلىش كېرەكلىكىنى چۈشەندۈردى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۈلگە كۆرسىتىپ، بىر تەرەپتىن ھەمتۈرتكە بولۇپ، بالىلارنى «خەتەرنى بىلىش»، بولۇپمۇ «خەتەردىن ساقلىنىشنى بىلىش»كە يېتەكلىدى.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) شۆبە ئىدارىسى قەشقەر شەرقىي يولى ساقچىخانىسىنىڭ خەلق ساقچىسى ياڭ چىزىنى مەكتەپ بىخەتەرلىكى، پىسخىكا ساغلاملىقى، مەكتەپتىكى بوزەك قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئۇ ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل بىلەن چۈشىنىكسىز بىخەتەرلىك ماددىلىرىنى تۇرمۇشقا يېقىن كىچىك ھېكايىگە ئايلاندۇردى، ساۋاقداشلار ئەستايىدىل ئاڭلاپ، ئېسىدە چىڭ ساقلىدى.

   قىزىل روھنى تاۋلاشتىن پەن-تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشقىچە، بىخەتەرلىكنى قوغداشتىن پىسخىكىلىق كۆيۈنۈشكىچە. جايلاردىكى «ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسى» ئاكتىپ كۈچكە تولغان بولۇپ، كەڭ ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەن بىلەن تەڭ ئۆسۈپ يېتىلىشكە رىغبەتلەندۈردى. يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى، يېڭى مۇساپە، يېڭى ئۈمىد. بۈگۈن ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئۇرۇقى چېچىلدى؛ كەلگۈسىدە ياشلىق مېۋىلىرىنىڭ مەي باغلاپ پىشىشىنى كۈتىمىز.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.