تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش. يېڭى كۆرۈش دائىرىسى | قاغىلىق ناھىيەسىدىكى قىسقۇچپاقىلار پات ئارىدا جۇڭچيۇ بايرىمى تاماق ئۈستىلىگە چىقىدۇ

  8-ئاينىڭ 28-كۈنى، 2026-يىللىق «شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش» چوڭ تىپتىكى زىيارەت پائالىيىتى زىيارەت ئۆمىكى قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ غۇجا ئېرىق يېزىسى قاسساپ مەھەللىسدىكى جىڭيۆتەن ئېكولوگىيەلىك بېلىقچىلىق بازىسىغا كەلدى.

   بۇ بازىنىڭ ئومۇمىي سۇ كۆلىمى 1200 مو بولۇپ، جەمئىي 11 مىليون 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان. قاغىلىق ناھىيەسى شۇ جاينىڭ ئەلا سۈپەتلىك سۇ بايلىقى ئۈستۈنلۈكىگە تايىنىپ، زامانىۋى بېلىقچىلىق پۈتۈن زەنجىرلىك تەرەققىيات سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ناھىيەنىڭ كۆلەملەشكەن ئېكولوگىيەلىك سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق كەسپىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. بازىدا RAS ئاقىل مايسا يېتىشتۈرۈش سېخى، WRAS لەيلىمە تۇڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق باقمىچىلىق ئەسلىھەسى ئورنىتىلغان، قىسقۇچپاقا، راك، ئوكۇن بېلىقى قاتارلىق سورتلار بېقىلىدۇ، باقمىچىلىق كۆلچىكىدىن 60ى بار. 9-ئاينىڭ 25-كۈنى جۇڭچيۇ بايرىمىنىڭ ئالدىنقى كۈنىدە، بازا قىسقۇچپاقا، ئوكۇن بېلىقى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى يېڭىدىن بازارغا سالىدۇ.

  تۇڭۋېي گۇرۇھى تېخنىكا جەھەتتىن بازىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بولۇپ، «ئۈچ دەرىجىلىك قاتلامغا ئايرىش، ئۈچ كەسىپنى يۇغۇرۇش» تەرەققىيات ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، بېلىق تۇتۇش، يېمەك-ئىچمەك بىر گەۋدىلەشكەن يېزا ئىگىلىك-ساياھەت مەنزىرە نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىش ماس قەدەمدە پىلانلاندى. كەلگۈسىدە بازا سۇ مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، بېلىقچىلىق-يېزا ئىگىلىكى-ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىناق، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشىغا بېلىقچىلىق قۇۋۋىتى قوشىدۇ.

مۇخبىر جامبولات ماناربېك، پەرىزات ئابدۇل

نازارەتچى: ماۋ مىڭدۇڭ، لى خۇڭيەن 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.