تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر فەن چيۇڭيەن خەۋەر قىلىدۇ) 8-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 23تىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شىنجاڭ شۇنفېڭ ئاقسۇ ئايرىش مەركىزىدە، تېز يەتكۈزگۈچى ۋۇ چاۋ يەشىك-يەشىك شىنجاڭ «كوڭلۇڭدەن»ىنى يەتكۈزۈش تاسمىسىغا سېلىپ، ئاندىن سوغۇق ساقلاش ئاپتوموبىلىغا قاچىلاپ ئاقسۇ خۇڭچىپو ئايرودۇرۇمىغا قاراپ يولغا چىقتى.

شىنجاڭ شۇنفېڭ ئاقسۇ ئايرىش مەركىزىدە، تېز يەتكۈزگۈچى كوڭلۇڭدەننى ئوراپ قاچىلىغاندىن كېيىن يەتكۈزۈش تاسمىسى ئارقىلىق ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ ئايرودۇرۇمغا يولغا سالماقتا. جاڭ چاڭرۇ فوتوسى
كوڭلۇڭدەننىڭ ئىلمىي نامى بولسا شىڭلى(杏李)، ئۆرۈك بىلەن ئالۇچىنى كۆپ قېتىم شالغۇتلاشتۇرۇپ يېتىشتۈرگەن خاس يېڭى مېۋە، ھەم ئۆرۈكنىڭ خۇش پۇرىقى ھەم ئالۇچىنىڭ چۈچۈمەل تاتلىق تەمىگە ئىگە بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىدىن گۈللەنگەن خاس مېۋىگە تەۋە بولۇپ، ئىلگىرى ھوسۇلى ئاز، سېتىلىش باھاسى سەل يۇقىرى بولغاچقا، نۇرغۇن ئىستېمالچى ئۇنى «مېۋە-چېۋىلەر ئىچىدىكى ئاقسۆڭەك» دەپ ئاتىغانىدى. يېقىنقى ئىككى يىلدا، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا كۆلەملەشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش ئۈنۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولۇشىغا ئەگىشىپ، سېتىلىش باھاسى تەدرىجىي تۆۋەنلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
«نۆۋەتتە شىركەتنىڭ كوڭلۇڭدەن كۈندىلىك تېز يەتكۈزۈش مىقدارى 4000 يەشىك ئەتراپىدا بولۇپ، 8-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئومۇمىي تېز يەتكۈزۈش مىقدارى 114 مىڭ يەشىككە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشتى» دېدى شىنجاڭ شۇنفېڭ تېز توشۇش چەكلىك شىركىتى ئاقسۇ شۆبە شىركىتىنىڭ كەسپىي دىرېكتورى پۇ لېي تونۇشتۇرۇپ: ھازىرقى سېتىلىش مىقدارى يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، بازارنىڭ بۇ خىل يېڭى مېۋىنى ئېتىراپ قىلىش دەرىجىسى داۋاملىق ئاشقان، زاكاز ئاساسلىقى جياڭسۇ، جېجياڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن، بۇ يىل پۈتۈن يىلدا كوڭلۇڭدەن تېز يەتكۈزۈش مىقدارىنى 300 مىڭ يەشىكتىن ئاشۇرۇش مۆلچەرلەنمەكتە.






