تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يەتتە كۈندىكى سۈرەتلىرى (242) | مېھىرلىك تۇپراق سالاپىتىنى تولۇق نامايان قىلدى

  تىيانشاننىڭ جەنۇبى-شىمالىدا خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلدى، گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ياش سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرى ئۆزگىچە جۇلالاندى، بەيگە مەيدانىدا خەلق ئۆرپ-ئادىتى قىزغىن نامايان قىلىندى. ئېتىزلاردا دېھقانلار دېھقانچىلىق ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، زاۋۇت بىناسى، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەلىرىدە ماشىنىلار توختىماي گۈرۈلدىدى، يورۇقلۇق ۋولت بازىسىدا ھەيۋەتلىك مەنزىرە بارلىققا كەلدى، سۇچىلىق قۇرۇلۇش ئورنىدا قىزغىن ئەمگەك داۋاملاشتى. مەدەنىيەت، ساياھەت، كەسىپ بىلەن خەلق تۇرمۇشى يۇغۇرۇلۇپ، مېھىرلىك تۇپراقتىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە ئورتاق سىزىپ چىقىلدى.

سەنئەت ئارقىلىق ياشلىق باھارىنى باشلاش

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، كۆرگەزمە ئەسىرى كىچىك دوستنى جەلپ قىلىۋالدى. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، بىڭتۇەن مائارىپ ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان «ياشلىق ھەققىدە . جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش  4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مۇنەۋۋەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى» شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا باشلاندى. بۇ قېتىم كۆرگەزمە قىلىنغان 125 ئەسەر جۇڭگوچە رەسىم، ماي بوياق رەسىم، ئويما رەسىم، كارتون سۈرەتلىرى، قۇرۇلما قاتارلىق كۆپ خىللىققا ئىگە تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى رۇي فوتوسى

يېپەك يولىغا يېزىلغان خەت

8-ئاينىڭ 28-كۈنى. دېكتور سەنئەتكار لى يېمو ۋە بالىلار «ئۈرۈمچىگە مەدھىيە»نى دېكلاماتسىيە قىلماقتا. شۇ كۈنى، جۇڭگو ئاممىۋى مۇناسىۋەت جەمئىيىتى بىلەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان 2026-يىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول» يىللىق خەنزۇچە خەت ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. خەنزۇچە خەت “齐” نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن “睦”“联”“稳”“济”“开” قاتارلىق ئون خەنزۇچە خەت ئىچىدىن يېڭىپ چىقىپ، بۇ يىللىق «بىر بەلباغ ، بىر يول» يىللىق خەنزۇچە خەت بولۇپ تاللاندى، بۇ، بۇ پائالىيەت 2016-يىلى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان بارلىققا كەلگەن ئونىنچى يىللىق خەنزۇچە خەت ھېسابلىنىدۇ.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

چۆللۈكتە ئېنېرگىيە زاپاس ساقلاندى

8-ئاينىڭ 30-كۈنى، بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان سەنشيا گۇرۇھى شىنجاڭ جىمىسار 1 مىليون كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ۋولت + 200 مىڭ كىلوۋات \ 1 مىليون كىلوۋات سائەتلىك تولۇق ۋانادىيلىق سۇيۇقلۇق بىلەن ئېنېرگىيە زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تۈرنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشى. بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 28 مىڭ 322.82 مو بولۇپ، يورۇقلۇق ۋولت ئېنىرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تارماق ماترېسساسىدىن 318ى، تولۇق ۋانادىيلىق سۇيۇقلۇق ئارقىلىق ئېنېرگىيە ساقلاش پونكىتىدىن ئىككىسى ۋە 220kVلۇق بېسىم ئۆرلىتىپ ئېنىرگىيە توپلاش پونكىتىدىن ئىككىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بۇ تۈر 2026-يىلى 6- ئاينىڭ 22-كۈنى رەسمىي سودا خاراكتېرلىك ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە سۈپەت ئۆستۈرۈلدى

8-ئاينىڭ 26-كۈنى، سانجى شەھىرىنىڭ داشىچۈ بازىرىدىكى فۇجيەن-سانجى سانائەت توپلىشىش رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ شياۋجىننيۇ يېمەكلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، ئىشچىلار ئىچىملىك سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە. بۇ كارخانا دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار، مىكروبسىز سوغۇق باك ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى كىرگۈزۈپ، كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئەسلىدىكى 1500 يەشىكتىن 60 مىڭ يەشىككە كۆپەيتتى، مەھسۇلاتلىرى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭدۇڭ قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى بازارلارغا سېتىلدى. 

لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

مۇنبەت ئېتىزلاردا ئالدىراش يىغىم مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، دېھقانلار خالتىغا قاچىلانغان پىيازنى ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ سىرتقا توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ھازىر، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا-بازارلىرىدىكى ئېتىزلىقلاردا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ئالدىراش مەنزىرە بارلىققا كەلدى، پىياز، ياڭيۇ، بەسەي، ئاپتاپپەرەس قاتارلىق زىرائەتلەر ئارقا-ئارقىدىن پىشىپ، دېھقانلار پۈتۈن كۈچ بىلەن يىغىۋېلىش، ئايرىش، ئاپتاپتا يېيىپ قۇرۇتۇش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇرۇشقا ئاتلاندى.

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى

ئات بەيگىسىدە خەلق ئۆرپ-ئادىتى نامايان قىلىندى

8-ئاينىڭ 27-كۈنى، قىزقۇۋار ئويۇنى قىزىپ كەتتى. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 15-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم 11-نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئات ئۈستى تۈرى مۇسابىقىسى كورلا شەھىرىدىكى دۇڭگۇي بەيگە مەيدانىدا قىزغىن كەيپىياتتا باشلاندى.

چېن فېي فوتوسى

ئۆستەڭ سۈيى ئېتىزلارنى ئوزۇقلاندۇردى

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مۆتگې يېزىسى سارغۇ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى سۇ سىڭمەس ئۆستەڭ تۈر قۇرۇلۇشى مەيدانىدا قۇرۇلۇش مەشغۇلاتىغا قاتناشماقتا. بۇ تۈرنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى ئالتە كىلومېتىر بولۇپ، 2 مىليون 720 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، قۇرۇلۇش 10-ئاينىڭ ئاخىرى تاماملىنىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە، بۇ قۇرۇلۇش ئەتراپتىكى ئېتىزلارنى سۇغىرىش شارائىتىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ھەم دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت قوش ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

خې چېڭچياڭ فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.