ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جوۋ پېڭ خەۋىرى، فوتوسى) چۇڭچىڭ ماشىنا-ئېلېكتىر پاي كونترول گۇرۇھى قارىمىقىدىكى نۇقتىلىق كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ چېڭفېي يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتى 2022-يىلىنىڭ ئاخىرىدا سانجىغا ماكانلىشىپ، 100 مېتىر دەرىجىلىك شامال گېنېراتورى قانىتى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىن ئۈچنى قۇرۇپ، 93 مېتىر، 99 مېتىر، 108 مېتىر قاتارلىق كۆپ خىل نۇسخىدىكى قانات مەھسۇلاتلىرىنى يېڭىلاپ ئىشلەپچىقاردى، نۆۋەتتە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ ھەممىسى تولۇق نورمىلىق ئايلىنىپ، يىلىغا 250 يۈرۈشتىن ئارتۇق شامال گېنېراتورى قانىتى ئىشلەپچىقارماقتا. قىسقىغىنە ئۈچ يىلدا، كارخانا بىراقلا يۈكسىلىپ شىنجاڭ بويىچە شامال گېنېراتورى قانىتى ياساشتا بىرىنچى سەپتىن ئورۇن ئالدى.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، سانجى دۆلەتلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ چېڭفېي يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتىدە، شامال گېنېراتورى قاناتلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى.
ساھەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش جابدۇقلىرىنى كىرگۈزۈش، ERP سىستېمىسىنى ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، شىنجاڭ چېڭفېي يېڭى ماتېرىيال چەكلىك شىركىتى ئىشلەپچىقىرىشنى رەقەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش-كونترول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇ جايدىكى بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش بىلەن بىللە، كارخانا ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى پائال ئېچىپ، رايون شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى.
8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئىشچىلار ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا چارلاپ تەكشۈرمەكتە.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئىشچىلار شامال گېنېراتورى قانىتىنىڭ ئىچكى قىسمىغا يېلىم سۈركىمەكتە.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، شامال گېنېراتورى قاناتلىرى رەتلىك تىزىپ قويۇلدى.






