ناشتىنى ياخشى قىلمىسا
بەدەنگە بولغان زىيىنى قانچىلىك چوڭ؟
دىيابېت كېسىلى بولۇش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
ناشتا قىلمىغاندا، چۈشلۈك تاماق ۋە كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئىنسۇلىن ئۇزاققىچە ئاجرىلىپ چىقماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تاماقتىن كېيىن قان شېكىرى زىيادە ئۆرلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى ئاسانلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.
ئاسانلا جىگەرنى ياغ قاپلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ناشتا قىلمىغاندا، قورساق ئاچ ھالەتتە، بەدەن تېرە ئاستىدىكى ياغنى پارچىلايدۇ ياكى ياغ مېتابولىزم ماددىسى شەكىللەندۈرىدۇ، بۇ ئۇزاق مۇددەت جىگەردە يىغىلىپ قالسا، جىگەرنى ياغ قاپلاشنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ناشتا قىلمىغاندا، چۈشتە ئاسانلا بەك كۆپ يەپ-ئىچىپ، جىگەرنى ياغ قاپلاش خەۋپ-خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
ئۆت خالتىسىنى ئاسانلا زەخمىلەندۈرىدۇ
ناشتىلىق بەك ياغسىز بولسا، بولۇپمۇ ئۇزاق مۇددەت ياغ ۋە ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل كەمچىل بولسا ئۆتكە تاش چۈشۈش، مونچاق گۆش ئۆسۈش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
بىر كېچە ئۇخلىغاندىن (تەخمىنەن 10-8 سائەت تاماق يېمەسلىك) كېيىن، ئۆت خالتىسىدا ساقلانغان ئۆت سۇيۇقلۇقى يۇقىرى قويۇق ھالەتتە بولىدۇ، ئەگەر ناشتىدا داۋاملىق ياغنىڭ غىدىقلىشى كەمچىل بولسا، ئۆت خالتىسىنىڭ تارىيىش ماددىسى يېتەرلىك ئاجرىلىپ چىقمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋاقتىدا چىقىرىلماي، قويۇقلۇقى تېخىمۇ ئۆرلەيدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى، ئۆت خالتىسىغا تاش چۈشۈش، مونچاق گۆش ئۆسۈش خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئالدىنقى كۈندىكى كەچلىك تاماقتىن باشلاپ، ئاشقازان-ئۈچەي ئۇزاق ۋاقىت «تاماق كىرمەسلىك» ھالىتىدە تۇرۇپ، ناشتا ۋاقتىدىن باشلاپ جانلىنىشقا باشلايدۇ. ئەگەر بۇ ۋاقىتتا يېمەكلىك قوبۇل قىلىنمىسا، ئاشقازان-ئۈچەي لۆمۈلدەش ۋە ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقى ئاجرىلىپ چىقىش نورمال رىتىمىغا تەسىر كۆرسىتىپ، ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق ئاشقازان-ئۈچەي يولى كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
سېمىزلىك خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
ئۇزاق مۇددەت ناشتا قىلماسلىق ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرىش سەۋىيەسىنىڭ نورمالسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سېمىزلىك خەۋپ-خەتىرىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ھەم ئاسانلا بىر قاتار ناچار كەيپىيات پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
ناشتىنى ماسلاشتۇرۇشتىكى بۇ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۇسۇللارنىڭ
«دەرىجىسى ئۆستۈرۈلسە» تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ
كالا سۈتى + توخۇ تۇخۇمى
كالا سۈتى، توخۇ تۇخۇمى ئاقسىل مىقدارى مول يېمەكلىك، شۇنداقلا ناشتىلىقتىكى ياخشى تاللاش، لېكىن ئىككىسىنى بىرلەشتۈرگەندە، كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ مىقدارى بەكلا تۆۋەن بولۇپ، ئاقسىل ئىسراپچىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي، يەنە جىگەر، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ساغلام يېيىش ئۇسۇلى: سۈت، تۇخۇم يېيىش بىلەن بىللە، ياغ ھەم شىكەر مىقدارى ئاز بولغان بولكا، موما ياكى سۇلۇ قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىكلەرنى ماسلاشتۇرۇپ يېيىش كېرەك، بۇ ئېنېرگىيەنى تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ؛ خاڭگا، شوخلا قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇپ يېيىش ۋىتامىن ۋە يېمەكلىك تالاسىنى تولۇقلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئۇماچ + مانتا
گەرچە تويۇنۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىلنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولمايدۇ، ئۇزاق مۇددەت مۇشۇنداق داۋاملاشسا، ئاسانلا ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەش، يارا ئېغىزىنىڭ ساقىيىشى ئاستا بولۇش، مۇسكۇل مىقدارى ئاز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر كۆرۈلىدۇ.

ساغلام يېيىش ئۇسۇلى: قارا ئاشلىق ئۇمىچى يىيىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، مەسىلەن: گۈرۈچ ياكى تېرىق ئاساسىدا لويلا، سۇلۇ، قىزىل پۇرچاق، كۆك پۇرچاق قاتارلىقلارنى قوشۇش كېرەك. مانتىنىڭ قىيمىسىنى ئەڭ ياخشىسى گۆشلۈك، گۆشسىز قىلىپ ماسلاشتۇرۇش، ئۇنىڭغا يەنە ئارىلاش سالات، توخۇ تۇخۇمى قاتارلىقلارنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك، بۇنىڭدا ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭلۇق دەرىجىسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
قەھۋە + بولكا
ئوزۇقلۇق تەركىبى بىرلا خىل بولۇپ، كالتسىي، ۋىتامىن، يېمەكلىك تالاسى يېتەرلىك بولمىسا، ئۇزاق مۇددەت يېگەندە سۆڭەك شالاڭلىشىش، ئاشقازان-ئۈچەي بىئارام بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

ساغلام يېيىش ئۇسۇلى: قەھۋەگە شېكەر قوشماسلىق، مۇۋاپىق كالا سۈتى قوشۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ؛ بولكىنى تاللىغاندا ئەڭ ياخشىسى شېكەر قوشۇلمىغان ھەمدە ياغ مىقدارى تۆۋەن بولغانلىرىنى تاللاش كېرەك، مەسىلەن: چوڭ ليېبا بولكا، ساپ بۇغداي بولكىسى قاتارلىقلار. بۇنىڭدىن باشقا، توخۇ تۇخۇمى، مېغىز، كۆكتاتلارنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش كېرەك.
پۇرچاق سۈتى + يوۋتياۋ
گەرچە تويۇنۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك بولسىمۇ، لېكىن يوۋتياۋنىڭ ياغ مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى بولۇپ، تاماق مىقدارىنى تىزگىنلەشكە توغرا كېلىدۇ.

ساغلام يېيىش ئۇسۇلى: بىر ئىستاكان پۇرچاق سۈتى، يېرىم تال يوۋتياۋ، كۆكتات سالات ۋە توخۇ تۇخۇمى قوشۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. سالاتقا يەنە ئازراق قوناق دېنى، قىزىل ياۋدوۋ قوشۇشقا بولىدۇ. تاماقنى كۆپەيتمەكچى بولغانلار بىر ئىستاكان قېتىق ياكى كالا سۈتى قوشۇپ ئىچسە بولىدۇ.
ناشتىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن
تۆۋەندىكى بىرنەچچە نۇقتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك
ناشتىنى ياخشى قىلىش ئىنسۇلىن ئاجرىتىپ چىقىرىشقا ۋە ئىنسۇلىن سەزگۈرلۈكىنىڭ كېچە-كۈندۈز رىتىمىنى شەكىللەندۈرۈشكە پايدىلىق. ئوزۇقلۇق تەركىبى يېتەرلىك بىر ۋاق ناشتا ئادەتتە تۆۋەندىكى تۆت خىل يېمەكلىكنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك.
دانلىق زىرائەت، ياڭيۇ تۈرى: مەسىلەن خۇڭشۇ، ساپ بۇغداي مومىسى، قارا ئاشلىق قاتلىمىسى، قارا ئاشلىق ئۇمىچى قاتارلىقلار، قارا ئاشلىق تەركىبىدە مول يېمەكلىك تالاسى بار، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىش كۆرسەتكۈچى نىسبەتەن تۆۋەن بولۇپ، تويۇنۇش تۇيغۇسى كۈچلۈك.
گۆش، تۇخۇم تۈرى: مەسىلەن توخۇ تۇخۇمى، توخۇ گۆشى، كالا گۆشى، بېلىق گۆشى قاتارلىقلار ئاساسلىقى ياغ، ئاقسىل ۋە كۆپ خىل ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ. پېيگېن، شياڭچاڭ قاتارلىق پىششىقلانغان گۆشنى ئاز يېيىش كېرەك.
سۈت، پۇرچاق تۈرى: مەسىلەن، كالا سۈتى، قېتىق، پۇرچاق سۈتى قاتارلىقلار، سۈت تۈرى، پۇرچاق تۈرىنىڭ ھەممىسىدە مول ئاقسىل، كالتسىي ۋە يېمەكلىك تالاسى بار بولۇپ، قان شېكىرىنى ئۆرلىتىش كۆرسەتكۈچى بىرقەدەر تۆۋەن بولىدۇ.
مېۋە-چېۋە، كۆكتات تۈرى: مەسىلەن شوخلا، خاڭگا، ئالما، ساۋمېي قاتارلىقلار ئاساسلىقى يېمەكلىك تالاسى، كۆپ خىل ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، ناشتىدا ئاساسلىق تاماقنى ئازلىتىشقا بولمايدۇ. ئاساسلىق تاماق ئادەم بەدىنىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىغا كېرەكلىك بولغان شېكەر تۈرى بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئادەم بەدىنى ئالدى بىلەن ئۇنى سۈمۈرىدۇ ۋە پايدىلىنىدۇ. يېتەرلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنى قوبۇل قىلغاندا، ئاندىن چوڭ مېڭىنى يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.
«央视一套» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






