تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   كەسىپ ئىقتىسادى

شىنجاڭدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلىدىغان باتارېيەلىك 100 ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت 9-ئايدا سىناق تەرىقىسىدە تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدۇ

    ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋېي يۇڭگۇي، ئىختىيارىي مۇخبىر تيەن يۈ خەۋەر قىلىدۇ) 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، مۇخبىر قومۇل شەھىرى ئاراتۆرۈك ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، قومۇل شەھىرى ئاراتۆرۈك ناھىيەسىدە ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلىدىغان باتارېيەلىك ئىككى چاقلىق ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت پات ئارىدا يولغا چىقىدىكەن. بۇ، شىنجاڭدىكى ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلىدىغان باتارېيەلىك تۇنجى ھەمبەھرە ۋېلىسىپىتنى ئۈلگە كۆرسىتىش بويىچە تىجارەت تۈرى ئىكەن.

    بۇ تۈرنى ئاراتۆرۈك ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ كۇنخۇا يېڭى ئېنېرگىيە پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتى 2026-يىلى 7-ئايدىن 9-ئايغىچە بولىدىكەن. بۇ شىركەتنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تۈر ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش، ۋېلىسىپىت توختىتىش ئورنىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىجارەت سىستېمىسىنى ئېچىشنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، 9-ئايدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈش پىلانلانغان.

ئاراتۆرۈك ناھىيەسىدە پات ئارىدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلىدىغان ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلىدىغان باتارېيەلىك ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت (ماتېرىيال سۈرەت). 

گو زىيى فوتوسى

  بۇ تۈرنىڭ ئاساسلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈش دائىرىسى ئاراتۆرۈك ناھىيەسىنىڭ ئاراتۆرۈك بازىرى، تۇخۇلۇ يېزىسى قاتارلىق شەھەر-يېزا يادرولۇق رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئاراتۆرۈك ناھىيەسىنىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى رايونى، كۆپلىگەن ئاھالىلەر مەھەللىسى، دوختۇرخانا، مەكتەپ، سودا چەمبىرىكى، ئىختىساسلىقلار ياتاق بىناسى، ھېسابلاش كۈچى مەركىزى ۋە ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسىپلەر باغچە رايونى قاتارلىق ئادەملەر نۇقتىلىق توپلاشقان رايونلارنى قاپلايدۇ. تۇنجى قاراردا 3-ئەۋلاد ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلىدىغان باتارېيەلىك 100 دانە ئىككى چاقلىق ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت بازارغا سېلىنىدۇ، ھىدروگېن ساقلاش ئوبورۇت باكىدىن 20سى سەپلىنىپ، 11 ئورۇندا ئۆلچەملەشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋېلىسىپىت توختىتىش تور نۇقتىسى قۇرۇش ماس قەدەمدە پىلانلىنىپ، قېلىپلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلىدىغان باتارېيەلىك ھەمبەھرە سەپەرگە چىقىش تىجارەت سىستېمىسى بەرپا قىلىنىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر تۈركۈم ئىككى چاقلىق ھەمبەھرە ۋېلىسىپىتكە ھىدروگېن گازى قاچىلاش پونكىتى ئارقىلىق ھىدروگېن قاچىلىنىدىكەن، يەنە «ھىدروگېن ئالماشتۇرۇش ئەندىزىسى» بويىچە تارقاقلاشتۇرۇپ يەتكۈزۈپ بېرىلىدىكەن، ھىدروگېن قاچىلاش تېز، زەرەتلەش ئەندىشىسى يوق، زەرەتلەش بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى يوق ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن ۋېلىسىپىتكە بېيدوۋ + GPS قوش مودېللىق ئورۇن بەلگىلەش، ھىدروگېن ئېقىش سېنزورى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىرونلۇق قۇلۇپ سەپلەنگەن بولۇپ، بىخەتەرلىك مۇداپىئە سىستېمىسى مۇكەممەل ئىكەن.

  ئىقتىدار جەھەتتە، بۇ تۈركۈمدىكى ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك ئىككى چاقلىق ۋېلىسىپىتنىڭ ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولۇپ، داۋاملىق يۈرۈش مۇساپىسى 100 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، 10 سېكۇنتتا تېز سۈرەتتە ھىدروگېن ئالماشتۇرۇشنى قوللايدۇ، ئېنېرگىيە تولۇقلاش يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەم قولايلىق؛ يېقىلغۇ باتارېيە سىستېمىسىنىڭ ئېنېرگىيە زىچلىقى 500Wh/kgدىن يۇقىرى بولۇپ، لىتىيلىق باتارېيەدىن خېلىلا يۇقىرى؛ يېقىلغۇ باتارېيەسىنىڭ ھاياتلىق دەۋرىيلىكى ئىچىدىكى ئايلىنىش قېتىم سانى 5000 قېتىمدىن ئاشىدۇ، بۇ، لىتىيلىق باتارېيەنىڭ 1200 قېتىم ئەتراپىدا ئايلىنىش ئۆمرىدىن خېلى يۇقىرى تۇرىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق ئايلىنىش ئىقتىدارى مۇقىم بولۇپ، ئاراتۆرۈك ناھىيەسىنىڭ قىش پەسلىدىكى قەھرىتان سوغۇقىغا مۇقىم تاقابىل تۇرالايدۇ.

  ئاراتۆرۈك ناھىيەلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئاراتۆرۈك ناھىيەسىدە ھازىر ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش-قاچىلاش پونكىتىدىن ئىككىسى قۇرۇلغان بولۇپ، يەنە ئىككىسى قۇرۇلۇۋېتىپتۇ. ناھىيە ئىچىدە ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك ئېغىر يۈك ئاپتوموبىلىدىن نەچچە يۈزى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، ناھىيە بازىرىدا ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلىدىغان باتارېيەلىك ئاممىۋى ئاپتوبۇستىن يەتتىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك قاتناشنى قوللىنىش ھالىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ھىدروگېننى يېقىلغۇ قىلىدىغان باتارېيەلىك ئىككى چاقلىق ھەمبەھرە ۋېلىسىپىت تۈرى ئاراتۆرۈك ناھىيەسىنىڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ «قوش كاربون» ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم خەلق تۇرمۇشى ۋە كەسىپلەرنى يۇغۇرۇش تۈرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆز جايىنىڭ پىشىپ يېتىلگەن «ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش-قاچىلاش» بىر گەۋدىلەشكەن ئەسلىھەسى، مۇقىم بولغان يېشىل ھىدروگېن ۋە سانائەت قوشۇمچە مەھسۇلاتى ھىدروگېن بىلەن تەمىنلەش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، بۇ تۈر «ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش-ھىدروگېن ساقلاش-ھىدروگېن ئالماشتۇرۇش-پۇقرالار ئىشلىتىپ سەپەرگە چىقىش»تىن ئىبارەت مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىنى پۇقرالار ئىشلىتىش ھالىتىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىپ، ئۆز جايىنىڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇرۇپ، ناھىيە رايونىنىڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسىپ سىستېمىسىنى يەنىمۇ ئۇزارتىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.

  2023-يىلى قومۇل شەھىرى شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىدىغان تۆت رايوننىڭ بىرىگە ئايلىنىپ، ھىدروگېن قاچىلاش پونكىتى قۇرۇش، باتارېيە يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىلنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان. 2025-يىلى 3-ئايدا، قومۇل دۆلەتنىڭ يېقىلغۇ باتارېيەلىك ئاپتوموبىل بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئىشلىتىش شەھەرلەر توپى (جېڭجوۋ شەھەرلەر توپى، گۇاڭدۇڭ شەھەرلەر توپى)غا قاتنىشىش تەستىقىغا ئېرىشكەن.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.