تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«سىز بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ ئەزاسى»

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاۋ يەن، ما جويەن، جياڭ يوۋلىن

باش كۈز مەزگىلىدىكى بىشكەكتە، دەل - دەرەخ ۋە گۈل - گىياھلار بۈك - باراقسان ئۆسكەن بولۇپ، يىراقتىكى تاغلار ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.

8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى بىشكەككە يېتىپ باردى، 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.

شەھەرنىڭ ئاساسلىق كوچىلىرىدا «قىرغىزىستان بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئۆزئارا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۆزئارا چوڭقۇر دوستلۇق ئورنىتىدۇ» قاتارلىق شوئارلار ئىللىق قۇياش نۇرىدا كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.

ماناس خەلقئارا ئايروپورتىدا بايراقلار شامالدا جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف ۋە رەپىقىسى بۇ يەرگە بالدۇرلا كېلىپ، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەننى كۈتۈۋالدى.

«سىزنىڭ قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز!» رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشكەندە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قوللىرىنى چىڭ سىقىشتى.

«سىز بىزنىڭ ئائىلىمىزنىڭ ئەزاسى.» زۇڭتۇڭ جاپاروف رەئىس شى جىنپىڭغا مۇنداق دېدى: «سىزنىڭ بۇ يەرگە كەلگىنىڭىز خۇددى ئائىلىڭىزگە قايتىپ كەلگىنىڭىزگە ئوخشاش.»

شۇ جايدىكى ياش قىزلار رەئىس شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسىگە ئەنئەنىۋى پېچىنە - پىرەنىك، ھەسەل تەقدىم قىلىپ، ئەنئەنىۋى قائىدە - يوسۇن بىلەن ئەڭ ئەزىز مېھماننى قارشى ئالدى.

رەئىس شى جىنپىڭ ئايروپورتتا يازما سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ھەيۋەتلىك تىيانشان تېغى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۇزاق يىلنى ھالقىغان دوستانە ئالاقە تارىخىغا گۇۋاھ بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: زىيارەت مەزگىلىدە، مەن زۇڭتۇڭ جاپاروف بىلەن جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن يېڭى ئۇلۇغۋار پىلان تۈزىمىز.

تاغ - دەريالىرى تۇتاش بولۇپ، چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن، تەقدىر - قىسمەتتە بىللە بولۇپ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدۇ.

بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىم قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇشى. 2013 - يىلى 9 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغاندا، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى ئون نەچچە يىلدا، جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىدە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدىن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگىچە، يەنە يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگىچە بولغان تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

قەدىناس دوستلار دائىم بېرىش - كېلىش قىلىپ تۇردى. بۇلتۇر بىر يىلدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ جاپاروف بىلەن ئۈچ قېتىم كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو - قىرغىزىستان يېڭى دەۋر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتىدىغان، گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچتى.

ئايروپورتتا، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ئۇلارنىڭ رەپىقىلىرى شۇ جاينىڭ ئەنئەنىۋى چالغۇلىرىدا ئورۇنلانغان نومۇرلار ۋە ئوۋ بۈركۈتى، ئوۋ ئىتى، ئەنئەنىۋى پالۋانلار چاسا ئەترىتى، ئاتلىق ئەترەت، كىگىز ئۆي قاتارلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتىن بىرلىكتە ھۇزۇرلاندى، زۇڭتۇڭ جاپاروف رەئىس شى جىنپىڭغا بىر - بىرلەپ چۈشەندۈردى.

ئايروپورتنىڭ ئەزىز مېھمانلار زالىدا، شۇ جايدىكى ياش - ئۆسمۈرلەر جۇڭگو تىلىدا جۇڭگو ناخشىسىنى ئورۇنلاپ، يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مېھمانغا ئۆز كۆڭلىنى ئىپادىلىدى.

19 ياشلىق داشۆ ئوقۇغۇچىسى سادات قارشى ئېلىشقا چىققان كىشىلەر ئارىسىدا ئىدى. «بۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم!» ئۇ مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ شى جۇشىغا: سىزنىڭ قىرغىزىستاندىكى بارلىق ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنى ئۆتكۈزۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگۈم بار.»

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بىشكەك، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.