■ ئىستون سۆزى
ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق يېڭىلىنىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، رەقەملىك ئىقتىساد تېز تەرققىي قىلدى، ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ سۈپىتى ئۆستۈرۈلۈپ، ئۈنۈمى ئاشۇرۇلدى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش دولقۇنى ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىچكى قۇۋۋىتى تېز توپلاندى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، شىنجاڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى موتور قىلىپ، كۈچەپ ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرمەكتە.
بۈگۈندىن باشلاپ، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىدە «ئىجادىي ئەقلىي ياسىمىچىلىقتىن شىنجاڭغا نەزەر» مەخسۇس ئىستونى ئېچىلدى. مۇخبىرلار ئېنېرگىيە بازىسى، كەسىپلەر باغچە رايونى، رەقەملىك پورت، ئاقىل ئېتىز قاتارلىق بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش، تەرەققىيات ئەۋزەللىكىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتىكى جانلىق ئەمەلىيەت ۋە ئىجابىي نەتىجىلەرنى خاتىرىلەپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇقىم بولۇش ئاساسىدا يۈكسىلىۋاتقان، قۇۋۋىتى تولۇپ تاشقان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان ياخشى ۋەزىيىتىنى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىدۇ.
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو
8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى جىمىسار سىلانېتس مېيى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدىكى 14 — JWH93 قۇدۇق مەيدانىغا كىرگەندە، جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى بوخەي بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى 3 - قۇدۇق بۇرغىلاش قۇرۇلۇشى شۆبە شىركىتى BHZ70001 قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ بۇرغىلاش ماشىنىسى يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىۋاتاتتى، بۇرغىلانغان قۇدۇقنىڭ چوڭقۇرلۇقى 4342 مېتىرغا يەتكەنىدى. قۇرۇلۇش پىلانى بويىچە، يەنە ئىككى كۈندىن كېيىن، قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتى 4711 مېتىرلىق تىك قۇدۇق بۆلىكىدە بۇرغىلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى تاماملاپ، خەۋپ - خەتىرى تېخىمۇ يۇقىرى، تېخنىكا تەلىپى تېخىمۇ قاتتىق بولغان گورىزونتال بۆلەكتە قۇدۇق بۇرغىلاش قۇرۇلۇشى قىلىشقا رەسمىي ئۆتىدۇ.
«گورىزونتال بۆلەككە كىرگەندىن كېيىن سىلانېتس مېيى ساقلانغان قاتلامغا ھەقىقىي قەدەم قويۇپ، بىز <بىلەي تاش> ئارىسىدىن ماي تارتىشنى باشلايمىز» دېدى BHZ70001 قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ باشلىقى جاۋ يۇڭجيې توختىماي ئايلىنىۋاتقان بۇرغىلاش ماشىنىسىغا قاراپ قەتئىي تەلەپپۇزدا.
سىلانېتس مېيى يەر ئاستىدىكى 4000 مېتىر ئەتراپىدىكى تاغ جىنس قاتلىمىنىڭ يوچۇقلىرىدا ساقلانغان بولۇپ، ئۈنۈملۈك ماي قاتلىمى كۆپىنچە پەقەت بىر مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. زىچ، قاتتىق تاغ جىنس قاتلىمى خۇددى پارچە - پارچە «بىلەي تاش»قا ئوخشايدۇ، نېفىت - تەبىئىي گاز تاغ جىنس قاتلىمىنىڭ يوچۇقلىرىدا ساقلانغان بولۇپ، قېزىش قىيىنلىق دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، ئۇزاقتىن بۇيان ئېچىشتىكى دۇنياۋى قىيىن مەسىلە بولۇپ كەلگەنىدى. 2019 - يىلى 12 - ئايدا، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتى جىچىڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونىنى قۇردى، بىر تۈركۈم نېفىتچىلار چۆل - جەزىرىدە يىلتىز تارتىپ، قېزىشتىكى بۇ قىيىن مەسىلىگە جەڭ ئېلان قىلدى.
2020 - يىلى 1 - ئايدا، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى بىرلىكتە شىنجاڭ جىمىسار دۆلەت دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى تەسىس قىلىشقا قوشۇلغانلىق توغرىسىدا جاۋاب خەت قايتۇردى، شۇنىڭدىن باشلاپ، جىمىساردىكى سىلانېتس مېيىنى ئېچىشتا قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش بولدى. 2022 - يىلى، سىلانېتس مېيىنى كۆلەملىك ئۈنۈمدە ئېچىش دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مەھسۇلات مىقدارى تېز ئاشتى؛ 2024 - يىلى، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى جەمئىي 1 مىليون توننىدىن ئاشتى؛ 2025 - يىلى، سىلانېتس مېيىنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 1 مىليون 700 مىڭ توننىغا ئۆرلەپ، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.
«بۇ قۇدۇقتا بۇرغىلاش باشلانغىنىغا ھازىرغىچە پەقەت ئون كۈن بولدى، پۈتۈن قۇدۇقنى بۇرغىلاپ بولۇشقا يەنە ئون كۈن ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىشى مۆلچەرلەندى.» جاۋ يۇڭجيې مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ، بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ سىلانېتس مېيى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا 3 - قېتىم قۇدۇق بۇرغىلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى ھېسابلىنىدۇ.
بۇرغىلاش ئەترىتىنىڭ تىرىشچانلىقىدىن باشقا، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى يەنە يېڭى سىناق ۋە بۆسۈشنى باشلىدى. ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىدا سىلانېتس مېيى «ئالتۇن نىشان»نى ئۇنىۋېرسال پەرقلەندۈرۈش ئۆلچىمى بېكىتىلگەندىن كېيىن، قېزىش ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئېشىپ، بۇرغىلاپ ماي ئېلىش نىسبىتى ئەسلىدىكى %44تىن ھازىرقى %85كە ئۆستى. 2025 - يىلى كۆلەملىك ئۈنۈمدە ئېچىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، «بىر پۈتۈن، ئالتىلەشتۈرۈش» قاتارلىق تېخنىكا جەھەتتىكى تەجرىبىلەر شەكىللەندۈرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ماي زاپىسىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېچىشى ئۈچۈن ئۈلگە ئەۋرىشكىسى بىلەن تەمىنلەندى.
2021 - يىلى 4 - ئايدا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغا كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن باشلاپ، BHZ70001 قۇدۇق بۇرغىلاش ئەترىتى چۆللۈكتە يىلتىز تارتىپ، «ماي ئىزدەش يولى»نى باشلىدى. نېفىتلىك قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن، قوشۇن ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم قۇدۇق بۇرغىلاش يۈرۈشلۈك ئۈسكۈنىلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، تېخنىكا يېڭىلاش ئارقىلىق قۇدۇق بۇرغىلاش دەۋرىيلىكىنى قىسقارتىپ، سىلانېتس مېيىنى ئېچىش ئۈچۈن قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى. قۇدۇق بۇرغىلاشنى تاماملاش دەۋرىيلىكى ئەڭ دەسلەپكى 40 كۈندىن بۈگۈنكى 20 كۈنگە قىسقىراپ، ئۈنۈم زور دەرىجىدە ئۆستى.
نېفىت - تەبىئىي گاز تېپىش پەقەت سىلانېتس مېيى كەسىپ زەنجىرىدىكى تۇنجى قەدەم. تاش قاتلىمى يوچۇقلىرىدا ساقلانغان خام نېفىتنى 4000 مېتىر يەر ئاستىدىن قېزىپ چىقىشنىڭ ئارقىسىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد نېفىت ئىشچىلىرىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بار.
سۇن پېڭكې جىچىڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونى سىلانېتس مېيى يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش مەركىزى ماي ئېلىش 1 - بەنىنىڭ بەنجاڭى، 2011 - يىلى 12 - ئايدا، ئۇ ئىككى خىزمەتدىشى بىلەن رايون بۆلىكىدە سىناق تەرىقىسىدە ماي ئېلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالدى، «ئەينى چاغدا قۇدۇق مەيدانى ئادەم ئاياغ باسمىغان جاي بولۇپ، چۆللۈكتە پەقەت ئۈچ ئېغىزلىق ئاددىي قاڭالتىر ئۆيلا بار ئىدى.»
ئۇ چاغدا سىناق تەرىقىسىدە ماي ئېلىش شارائىتى جاپالىق، مەھسۇلات مىقدارىمۇ ئىنتايىن چەكلىك ئىدى، ئەمما بۇ، نېفىتچىلارنىڭ غەيرىتىنى توسۇپ قالالمىدى. ئۈچەيلەن ھەر كۈنى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تاش يېرىقىغا يوشۇرۇنغان نېفىت - تەبىئىي گازنى قېزىپ چىقىشقا بەل باغلىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىۋاتقان ئىشلەپچىقىرىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆرۈپ، سۇن پېڭكې خۇشاللىقىنى باسالمىدى، «ھازىر سىلانېتس مېيى مەھسۇلات مىقدارى كۈندىن - كۈنگە ئېشىۋاتىدۇ، بۇنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇق.»
سىلانېتس مېيى ئادەتتىكى خام نېفىتقا ئوخشىمايدۇ. يەر ئاستىغا چوڭقۇر كۆمۈلگەن سىلانېتس مېيىنى جەزمەن بېسىم بىلەن قاتلام يېرىش تېخنىكىسىغا تايانغاندىلا، ئاندىن تاش قاتلىمى يوچۇقلىرىدىكى خام نېفىتنى «سىقىپ» چىقارغىلى بولىدۇ. بېسىم بىلەن قاتلام يېرىش ئارقىلىق قېزىپ چىقىلغان خام نېفىتتا ئارىلاشما ماددا كۆپ، تەركىبىدە سۇ نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، بىۋاسىتە نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى كارخانىلىرىغا ئاپىرىپ پىششىقلاشقا بولمايدۇ. چۆللۈككە جايلاشقان جىچىڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونى سىلانېتس مېيى بىرلەشمە پونكىتى خۇددى «نېفىت دوختۇرخانىسى»غا ئوخشايدۇ، خام نېفىتنى ساپلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىش ئېغىر ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
120دىن ئارتۇق نېفىت قۇدۇقىدىن كەلگەن خام نېفىت تۇرۇبا يولىنى بويلاپ بىرلەشمە پونكىتقا ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلىدۇ، ئۈچ فازىلىق ئايرىغۇچ ئارقىلىق ئالدىن سۇسىزلاندۇرۇلغاندىن كېيىن ھاسىل بولغان قوشۇمچە گاز توك چىقىرىشنىڭ خام ماتېرىيالىغا ئايلىنىدۇ، سۇ بېسىم ئارقىلىق قاتلام يېرىش سۇيۇقلۇقىنىڭ خام ماتېرىيالىغا ئايلىنىدۇ، بۇ چاغدىكى خام نېفىتمۇ ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا جۇڭگو نېفىتى ئۈرۈمچى نېفىت خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ نېفىت ئايرىش زاۋۇتىغا يەتكۈزۈلىدۇ، چوڭقۇر نېفىت ئايرىش خىمىيە سانائىتى ئارقىلىق تۈرلۈك خىمىيە سانائىتى مەھسۇلاتلىرىغا ئايلىنىپ، مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ.
جىچىڭ نېفىتلىكى مەشغۇلات رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش گېئولوگ چېن يىۋېي مۇنداق بىلدۈردى: جىمىساردا سىلانېتس مېيىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىش «قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك ئارىلاشما تىپتىكى سىلانېتس مېيىنى ئۈنۈملۈك ئېچىش تەس» دەيدىغان تۇراقلىشىپ قالغان تونۇشنى بۇزۇپ تاشلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ قۇرۇقلۇق فاتسىيەلىك سىلانېتس مېيىنى ئېچىش نەزەرىيەسى ۋە تېخنىكىسىنىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا كىرگەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. كەلگۈسىدە پەن تەتقىقات ۋە ئىشلەپچىقىرىش قوشۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر يەر قاتلىمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچى قوشىدۇ.






