—— كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 - ، 2 - تومىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈردى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شيۇڭ فېڭ، خۇ لياۋرەن
ئىدىيە بايرىقى يېڭى مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلدى، نەزەرىيە نۇرى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 -، 2 - تومى مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مەركەزدىن يەرلىككىچە، شەھەرلەردىن يېزا - كەنتلەرگىچە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش داۋامىدا شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى ھېس قىلىپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇش كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى مۇجەسسەملىدى.
نوپۇزلۇق دەرسلىك ئارقىلىق نەزەرىيە ئاساسىنى پۇختىلاش
«شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 -، 2 - تومىدا «14تە چىڭ تۇرۇش» زىچ چۆرىدىلىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى، ئىلمىي سىستېمىسى ۋە مۇھىم ئىجادىي تۆھپىسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلدى.
«شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتىكى مۇھىم تېمىلارغا جاۋاب بېرىش داۋامىدا شەكىللەندى ۋە راۋاجلاندى.» چىڭخۇا داشۆ ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى سۇڭ ۋېي مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا تارىخىي، ئىجادىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق تەسىر پەيدا قىلدى، پارتىيەنىڭ ئىنقىلاب خاراكتېرلىك تاۋلىنىش داۋامىدا تېخىمۇ مۇستەھكەم، كۈچلۈك بولۇشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.
«پارتىيەنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك رەھبەرلىك يادروسى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش»تىن «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ئۇزاق مەزگىللىك ئۈنۈملۈك پولات قائىدە، قاتتىق ئۆلچەم»گىچە، «سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى ئاڭلىق قوغداش»تىن «سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش»قىچە... ھەربىر مۇھىم ھۆججەت - ئەسەردە يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ھەيۋەتلىك مۇساپە خاتىرىلىنىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىش، بېيىتىلىش ۋە راۋاجلىنىش مۇساپىسى سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى.
«تاللانما ئەسەرنىڭ مەزمۇنى سىستېمىلىق، مۇكەممەل، لوگىكىسى پۇختا، تەرتىپلىك بولۇپ، ھەم كوممۇنىستلارنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى سەگەكلىكى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا باشتىن - ئاخىر بىردەك بولغان ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى ۋە سىياسىي خىسلىتىنى جۇلالاندۇردى.» جۇڭگو پۇدۇڭ كادىرلار شۆيۈەنى ئوقۇتۇش - تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ جېشىن مۇنداق قارىدى: ئۆگىنىش ئارقىلىق، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىگە مۇجەسسەملەنگەن قەتئىي غايە - ئېتىقاد، يۈكسەك تارىخىي تەشەببۇسكارلىق، روشەن مەسىلە يۆنىلىشى، كۈچلۈك بولغان بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىيات، ئىلمىي ئىدىيەۋى ئۇسۇلنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە پەزىلەت كۈچىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ، بۇ ئارقىلىق سىياسىي، ئىدىيە، نەزەرىيە، ھېسسىيات جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتەلەيدۇ.
پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ھەربىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلىشى كېرەك.
بۇ تاللانما ئەسەردە شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ نەزەرىيە تومۇرى سىستېمىلىق نامايان قىلىنغان بولۇپ، ھەم مۇھىم بايانلارنىڭ ئەسلىي مەزمۇنى، ئەسلىي ئۇسلۇبى ساقلاپ قېلىندى، ھەم ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىدىيە ئومۇمىي قىياپىتىنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ.
«شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 -، 2 - تومىنى تاپشۇرۇۋالغاندا، خېنەن يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ دوتسېنتى ۋاڭ ساۋ 100 پارچىدىن ئارتۇق ماقالىنىڭ ۋەزنىنى ھېس قىلىپلا قالماي، يەنە «بىر نەزەرىيە بىناسى»نىڭ سالمىقىنى ھېس قىلدى. كىتاب بەتلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ، ئۇ ئىختىيارسىز باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەمبەھرىلىگەن «قايتا - قايتا ئوقۇش، كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇش كېرەك، ماركسىزملىق ئەسلىي ئەسەرنى <چوڭقۇرلاپ ئوقۇش، جەۋھىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئوقۇش> كېرەك» دېگەن كىتاب ئوقۇش تەسىراتىنى ئەسلىدى.
«چوڭقۇرلاپ ئوقۇغانسېرى، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىيەتتىن كەلگەنلىكىنى ھەم ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى، ماركسىزمنىڭ نەزەرىيە نۇرىنىڭ چاقناپ تۇرىدىغانلىقىنى شۇنچە ھېس قىلدىم» دېدى ۋاڭ ساۋ چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا.
ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى يېتەكلەش، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە غايەت زور ئەۋزەللىكى.
مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ مۇھىم ئەسەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش پۈتۈن پارتىيەدە «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى نەزەرىيە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتا، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 -، 2 - تومىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىنى نوپۇزلۇق دەرسلىك بىلەن تەمىنلەپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، ھەقىقەت كۈچىنى ھېس قىلىش
بۇ يىل 6 - ئايدا، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، دەپ تەكىتلىدى.
ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، «شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 -، 2 - تومىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈش قىزغىن دولقۇنى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سىجىل ئەۋج ئالدى.
گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ جياڭمېن شەھىرى پېڭجياڭ رايونىدا، پۈتۈن رايوننى قاپلىغان بىر يۈرۈش دائىملاشقان ئۆگىنىش مېخانىزمى كادىرلار قوشۇنىنىڭ روھىي قىياپىتىنى ئۈن - تىنسىز ئۆزگەرتمەكتە.
رەھبىرىي كادىرلار رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىغا تايىنىپ ھەر پەسىلدە مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، ياش كادىرلار پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئاساسىي گەۋدە سىنىپلىرىدا «زۆرۈر دەرسلىك» بىلەن تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئەزالىرى ھەر ئايدا «پارتىيە ئىشلىرى خىزمىتى تىزىملىكى» ئارقىلىق ۋاقتىدا ئەگىشىپ ئۆگەندى؛ «ئۈلگىنىڭ كۈچى» ناملىق زىيارەت شەكلىدىكى ئوقۇتۇشتا ئىلغار تىپلارنى يۈزتۇرا پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، كۇرسانتلارغا ھېكايە ئاڭلاش جەريانىدا مەسئۇلىيەتچانلىق روھىنى ھېس قىلدۇردى... ئوخشاش بولمىغان توپقا قارىتا «ئىش ئورنىغا قاراپ تەربىيەلەش»تىن ئىبارەت بۇ ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىش بىرلەشتۈرۈلگەن يېپىق ھالقىلىق مېخانىزم نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى باھار يامغۇرىغا ئايلاندۇردى، ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسەتتى.
ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، ئەسلىي قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن ئىشنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى چۈشەنگىلى، تېخىمۇ مۇھىمى ماھىيىتىنى چۈشەنگىلى، ئۇنىڭ مەنىسىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى، شۇنداقلا ئۇنىڭ داۋلىسىنى ئايدىڭلاشتۇرغىلى بولىدۇ.
چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈشتە، مۇھىمى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، پىكىر يۈرگۈزۈپ ئۆزلەشتۈرۈش ئارقىلىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە تەتقىق قىلىپ ئوقۇش جەريانىدا، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي سىستېمىسى ۋە يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى سىستېمىلىق ئىگىلەپلا قالماي، يەنە ئۆز خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ نەزەرىيە ئۆگىنىش بىلەن ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كەمتۈكلۈكلەر ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ، يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئۆگىنىش داۋامىدا ئىشلىدى، ئىشلەش داۋامىدا ئۆگەندى.
ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى قاتارلىق ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 -، 2 - تومىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشكە تەشكىللىدى ۋە تۈرتكە بولدى.
جياڭسۇ ئۆلكىلىك رادىيو - تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرى «شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 -، 2 - تومىنى يادرولۇق ئۆگىنىش ماتېرىيالى قىلىپ، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنى سىستېمىلىق يېشىپ بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشكە تەكلىپ قىلدى؛
ئەنخۇي ئۆلكىسى شىتەي ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى تاللانما ئەسەرنى مەركەزلىك تەتقىق قىلىپ ئوقۇدى، يىغىنغا قاتناشقان يولداشلار كۆڭۈل قويۇپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئاڭلىدى، ئەسەرنى بىر - بىرلەپ ئۆگىنىپ، جۈملىمۇجۈملە ئۆزلەشتۈردى، پۈتۈن ناھىيەنىڭ ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جايىدا ئىشلەش ئۈچۈن ئۈلگە كۆرسەتتى ۋە تۈرتكە بولدى؛
يۈننەن ئۆلكىسى ۋېنشەن جۇاڭزۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ شىچوۋ ناھىيىسىدە، شۇ جاي «ئوتدان يىغىنى»دىن ئىبارەت ئامما ياخشى كۆرىدىغان بۇ شەكىلدىن پايدىلىنىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشىنى كەنتتىكى ئوتدان بويىغا كۆچۈرۈپ كەلدى. كادىرلار ۋە ئامما ئوتدان ئەتراپىدا چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ، تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ تاللانما ئەسەرنى ئۆگىنىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئاممىغا يېقىن تىل ئارقىلىق ئېنىق سۆزلىدى، چۈشىنىشلىك سۆزلىدى؛
...
كۆپلىگەن ئورۇنلار رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نىڭ ئۈلگىلىك، يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر قەدەم ئاۋۋال ئۆگىنىپ، بىر قاتلام چوڭقۇر ئۆگىنىپ، قاتلاممۇقاتلام ئەگىشىپ ئۆگىنىش، بارلىق خادىملار ئۆگىنىش قويۇق كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى.
ئۆگىنىش داۋامىدا، كۆپچىلىك شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ مول، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ۋە سىستېمىلىق، مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى ھەم «نېمە ئۈچۈن تۇتۇش»نىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق لوگىكىسىنى ئېنىق چۈشەندۈرگەنلىكىنى، ھەم «قانداق تۇتۇش» ئۇسۇلى ۋە يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى، ھەربىر مۇھىم ھۆكۈم دەۋر تېمىسىغا جاۋاب بەرگەنلىكىنى، ھەربىر ئورۇنلاشتۇرما تەلەپنىڭ كۈلپەت ئېڭى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقىنى بارغانسېرى ھېس قىلدى.
ھەقىقەتنىڭ تەمى بارغانسېرى شېرىن بولىدۇ، ئېتىقادنىڭ ئاساسى بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىدۇ، كۆپچىلىك ئوقۇغانسېرى ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى، ئۆگەنگەنسېرى بىلىمىنىڭ موللاشقانلىقىنى ھېس قىلدى، ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، پۇختا ئەمەلىيلەشتى، قەلبلەرگە ئورنىدى.
ھەقىقىي ئىشىنىپ ۋە ھەقىقىي ئەمەلدە كۆرسىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش
ئۈستەل ئۈستىدە بىر توم كىتاب، ئايىغىمىز ئاستىدا تۈمەن چاقىرىملىق يول بار. شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ئاخىرىدا «ئەمەلدە كۆرسىتىش»تە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلىدى، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇردى، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلىدى، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈردى. «15 - بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى سۇبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىشتىكى كۈچلۈك ئىدىيەۋى قورالغا ئايلاندۇردى.
8 - ئايدىكى فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھىرى شاشيەن رايونىنىڭ شياماۋ بازىرى يۈباڭ كەنتىدە ئېرىقتىكى سۇ شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى. كەنت ئېغىزىدىكى كىچىك ئاشخانىدىن ئىسسىق ھور كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيتتى. بۇ «شاشيەندىكى ئۇششاق يېمەكلىكلەر 1 - كەنتى»نىڭ كەنت كوللېكتىپ كىرىمى ئىلگىرى ئاران 170 مىڭ يۈەن ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە مىليون يۈەندىن ئاشتى، يىلىغا 200 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ.
«تاللانما ئەسەردىكى <يۇقىرى - تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىش كۈچلۈك بولغان تەشكىلىي سىستېمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش> توغرىسىدىكى مەزمۇنلار بىزنى چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە قىلدى. ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى پۇختا ئىشلەنسە، خەلقنى بېيىتىش يولى كېڭىيىدۇ.» يۈباڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ چاڭسۇڭ مۇنداق دېدى: تاللانما ئەسەر نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، كەنت پارتىيە ياچېيكىسى بارلىق پارتىيە ئەزالىرىنى تەتقىق قىلىپ ئوقۇش بىلەن كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ ئىشلەشنى بىرلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى ھەقىقىي تۈردە كەنتنى كۈچەيتىپ خەلقنى بېيىتىشتىكى ھەرىكەت كۈچىگە ئايلاندۇردى.
نەزەرىيەنىڭ ئۇلۇغ كۈچى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى كېپىنەكسىمان ئۆزگىرىش داۋامىدا ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە شەھەر ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشتىكى «ئاخىرقى نېرۋا ئۇچى»نى قوزغاتتى.
تيەنجىن شەھىرى خېپىڭ رايونىنىڭ شىنشىڭ كوچىسى ۋېيجىن يولى مەھەللىسىدە باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتى كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىش نەق مەيدانىغا كۆچۈرۈپ كېلىندى. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى تاللانما ئەسەردىكى «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش» توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلار ئۈستىدە چوڭقۇر ئويلىنىپ، يېڭىدىن پىلانلانغان ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى ۋە ياشانغانلارغا ماس كېلىدىغان ئەسلىھەلەرنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، ئاھالىلەر ئىنكاس قىلغان كونكرېت ئىلتىماس - تەلەپلەرگە قارىتا، نەق مەيداندا ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىپ، قەرەلىدە ھەل قىلدى.
«ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىش ۋە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، كۆپچىلىك تاللانما ئەسەردىكى نەزەرىيە بىلىملىرىنىڭ ھەر ۋاقىت ئاساسىي قاتلامنىڭ خىزمەت ئەمەلىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدى.» خېپىڭ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى دۇڭ شۆچېن مۇنداق دېدى: ئۆگىنىشنى ئەمەلىي ئىشلاردا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئامما ئەتراپىدىكى ئىشلارنى ھەل قىلىش داۋامىدا شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ئەمەلىي ھارارىتىنى ھەقىقىي ھېس قىلىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى كاللىغا، قەلبكە ئورنىتىشى، ھەرىكىتىدە كۆرسىتىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولدى.
ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا. كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «ئۆگىنىش»نىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتىنى «ئىشلىتىش»كە قويۇپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قابىلىيىتىگە ئايلاندۇردى.
يېقىندا، شېنجېننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 200 كىلومېتىر كېلىدىغان جۇجياڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىكى ئويمانلىق دېڭىز تەۋەلىكىدە، دۇنيادىكى تۇنجى 16 مېگاۋاتلىق كېرىلىش كۈچىگە ئىگە پۇتلۇق لەيلىمە شامال ئېلېكتىر سۇپىسى «خەييوۋ ئەنلەن ناملىق» لۇفېڭ نېفىتلىكى ئېلېكتىر تورىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇلىنىپ، دېڭىزدىكى نېفىتلىكنى رەسمىي تۈردە يېشىل توك بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلىدى.
ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، دېڭىز - ئوكيان نېفىت قۇرۇلۇشى پاي چەكلىك شىركىتى پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى يېتەكلەپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆگىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاللانما ئەسەرنى ئەينەن تەتقىق قىلىپ ئوقۇدى ھەم نەزەرىيە ئۆگىنىشكە تايىنىپ نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، نەزەرىيە ئۆگىنىشنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
«بىز ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، چوڭقۇر دېڭىزدا شامال ئېلېكتىرىنى ئېچىشتىن ئىبارەت دۇنيا دەرىجىلىك تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى كۈچىنى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش بىرىنچى سېپىگە مۇجەسسەملىدۇق» دېدى شىركەت «خەييوۋ ئەنلەن ناملىق» تۈرىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ۋېي شيۇڭبياۋ.
ئۆگىنىش قانچە چوڭقۇر بولسا، بىلىش شۇنچە ئايدىڭلىشىدۇ، ھەرىكەت شۇنچە پۇختا بولىدۇ.
كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئەسەرلىرىدىن تاللانما»نىڭ 1 -، 2 - تومىدىن قوبۇل قىلغان ھەقىقەت كۈچىنى تاغقا يولۇققاندا يول ئاچىدىغان، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سالىدىغان ئەمەلىي ئىشلەش غەيرىتىگە ئايلاندۇرۇپ، نەزەرىيە جەھەتتە سەگەك بولۇش ئارقىلىق سىياسىيدا قەتئىي بولۇشنى ساقلاپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق دەۋر جاۋاب قەغىزىنى پۈتۈپ، ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە ئۈزلۈكسىز سىڭدۈرۈپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى ئۇرغۇتتى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)






