تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پۈتۈن مەملىكەت بويىچە زو زۇڭتاڭنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ئۈچىنچى مەكتەپ ئۈرۈمچىدە قۇرۇلدى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ خەۋەر قىلىدۇ) 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ «ئۈرۈمچى شەھەرلىك زو زۇڭتاڭ باشلانغۇچ مەكتىپى» دېگەن مەكتەپ نامىنى رەسمىي قوشۇپ ئاستى، ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى شۇ كۈنى بۇ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلدى. 1910-يىلى قۇرۇلغان يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە بۇ مەكتەپ شياڭيىن ناھىيەسىدىكى زو زۇڭتاڭ مەكتىپى، قومۇل شەھىرىدىكى زو زۇڭتاڭ باشلانغۇچ مەكتىپىدىن كېيىن شىنجاڭ بويىچە ئىككىنچى، مەملىكەت بويىچە ئۈچىنچى بولۇپ زو زۇڭتاڭنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان مەكتەپ بولۇپ قالدى.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ سايباغ رايونىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش تارىخى 100 يىلدىن ئاشقان بىردىنبىر مەكتەپ. 1876-يىلى زو زۇڭتاڭنىڭ قول ئاستىدىكى سەركەردە ليۇ جىنتاڭ قوشۇن باشلاپ دىخۇا (ھازىرقى ئۈرۈمچى)نى قايتۇرۇۋالغاندىن كېيىن، «مائارىپنى گۈللەندۈرۈپ، چېگرانى تىنچلاندۇرۇش» ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پەرمانغا بىنائەن ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى ھەقسىز مەكتەپ ئاچقان. 1910-يىلى زو زۇڭتاڭ تەشەببۇس قىلغان مائارىپ سىستېمىسىدىكى چېڭشى خالىس مەكتىپى «ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى 6-ئاددىي ساۋات چىقىرىش خۇسۇسىي مەكتىپى»گە ئۆزگەرتىلىپ، بۇ مەكتەپنىڭ بىۋاسىتە ئاساسى قىلىنغان. مەكتەپنىڭ ھازىرقى ئورنى زو زۇڭتاڭنىڭ ئەينى يىللاردىكى مائارىپنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يادرولۇق رايونىغا جايلاشقان. «بۇ قېتىم مەكتەپ نامىنى قوشۇش بۇ قىممەتلىك تارىخنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىك ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت بىلدۈرگەنلىك» دېدى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ پۈتۈكچىسى جيەن جياڭ.

8-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 3-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ دەرۋازىسى سىرتىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.

جاڭ يىڭ فوتوسى

  مەكتەپ زو زۇڭتاڭ روھىنى ئادەم تەربىيەلەشتىكى كۈندىلىك ئىشلارغا ھەقىقىي سىڭدۈرۈش ئۈچۈن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر قاتار ئەمەلىي پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرغانىدى. بۇ يىل 5-ئايدا، مەكتەپ باشقۇرۇش كوللېكتىپىدىكىلەر قومۇل شەھىرى زو زۇڭتاڭ باشلانغۇچ مەكتىپىگە بېرىپ تەجرىبە ئۆگەندى. 6-ئايدا، مەكتەپ «زو زۇڭتاڭ مەدەنىيەت تەشۋىقات ئېيى» يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى، مەكتەپ رادىيوسىغا تايىنىپ، زو زۇڭتاڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرىنى دائىملىق تەشۋىق قىلىپ، مەدەنىيەت ئوزۇقىنى ئۈزۈلدۈرمەي يەتكۈزدى.

  بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، مەكتەپ يەنە بارلىق ئوقۇتقۇچىلارنى زو زۇڭتاڭ مەدەنىيىتى مەخسۇس تېمىسىدىكى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، «زو زۇڭتاڭنىڭ تەرجىمىھالى»، «زو زۇڭتاڭنىڭ غەربىي شىمالدىكى ئاشۇ ئىشلىرى»، «زو زۇڭتاڭ ۋە شىنجاڭنى قايتۇرۇۋېلىشقا دائىر قىممەتلىك بۇيۇملار» قاتارلىق كىتابلارنى ئوقۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى دانىشمەنلەرنى ئۈلگە قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى يېتىلدۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچى روھىنى تاۋلاپ، ئالدى بىلەن روھنى ھېس قىلىپ، ئاندىن كۈچ يەتكۈزۈشكە يېتەكلىدى.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.