ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئۆتكۈر نىجات، ئىختىيارىي مۇخبىر ھەمراگۈل مىجىت خەۋىرى، فوتوسى
8-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەمەلىي مەشىق بازىسىغا جايلاشقان مىراس ساپال بۇيۇملار قول ھۈنەر-سەنئىتى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ ھۈنەرخانىسىدا، ئوبۇلتالىپ ئانار گۈلى نۇسخىسى چۈشۈرۈلگەن ساپال بۇيۇمدىكى گۈل نۇسخىسىنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.

8-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى مىراس ساپال بۇيۇملار قول ھۈنەر-سەنئىتى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ئوبۇلتالىپ ئىشچىلار بىلەن ساپال بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر-سەنئىتى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا.
ئوبۇلتالىپ مىراس ساپال بۇيۇملار قول ھۈنەر-سەنئىتى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ قولىدىكى پامىر ئېگىزلىكىدىن ئېلىپ كېلىنگەن دەريا لېيى بۈگۈنكى كۈندە 10 چاقىرىم ھالقىپ ساپالچىلىق ھۈنەر-سەنئىتى بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، يېڭىچە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

6-ئاينىڭ 15-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى مىراس ساپال بۇيۇملار قول ھۈنەر-سەنئىتى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا ساپال بۇيۇملارنى ياساشنى ئۆگەنمەكتە.
ئوبۇلتالىپنىڭ بالىلىق ئەسلىمىسىدە، كەنتتىكى 30 نەچچە ئائىلە ساپالچىلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللىناتتى. قاچا-قۇچا ئىشلەپچىقىرىش سانائىتىنىڭ تەدرىجىي ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، قولدا ياسالغان ساپال بۇيۇملارنىڭ بازىرى تەدرىجى كىچىكلەپ، بۇ قەدىمىي ھۈنەر-سەنئەت يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالدى. «مەن بۇ ھۈنەر-سەنئەتنىڭ ماڭا كەلگەندە ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن بەك ئەنسىرەيتتىم» دېدى ئوبۇلتالىپ.

ئاقتۇ ناھىيەسى مىراس ساپال بۇيۇملار قول ھۈنەر-سەنئىتى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ خىزمەتچىلىرى توردا بىۋاستە كۆرسىتىپ مال سېتىشتا ساپال بۇيۇملارنى تونۇشتۇرماقتا.
2015-يىلى بۇرۇلۇش پەيتى يېتىپ كەلدى. جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ياردىمىدە، ئوبۇلتالىپ «جۇڭگو فارفۇر بۇيۇملار ماكانى» جىڭدېجېنغا باردى. شۇنىڭدىن كېيىنكى 10 يىلدا، ئۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 13 قېتىم جىڭدېجېنغا بېرىپ بىلىم ئاشۇرۇپ، ماھارەت ئۆگەندى. ئۇ شۇ جايدىكى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ئۇستىسىغا ئەگىشىپ، لاينى شەكىلگە كەلتۈرۈش، ئېمال رەڭ نىسبىتىنى تەڭشەش، تەشمە نەقىش چىقىرىش قاتارلىق ماھارەتلەرنى سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، جىڭدېجېندىكى ساپال بۇيۇملارنىڭ نەپىسلىكى بىلەن پامىردىكى ساپال بۇيۇملارنىڭ يىرىك، بىرلەمچى ھالىتىنى ئەپچىل يۇغۇرۇپ، يېڭىچە ساپال بۇيۇملارنى ئىجاد قىلدى.

ئاقتۇ ناھىيەسى شىڭگوخۇڭ ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ كەي (ئوڭدىن 2-كىشى) بۇ ناھىيەدىكى مىراس ساپال بۇيۇملار قول ھۈنەر-سەنئىتى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا، ساپال بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنى ئۆگەنمەكتە.
كەسىپلەر بويىچە يار-يۆلەك بولۇش تۈرىگە تايىنىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىدا يېڭىدىن 3000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆلچەملىك ئىشلەپچىقىرىش سېخى قۇرۇلۇپ، تېمپېراتۇرىنى ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىزگىنلەيدىغان خۇمدان، ئاپتوماتىك راسلانما ياساش ماشىنىسى قاتارلىق زامانىۋى ئۈسكۈنىلەر كىرگۈزۈلۈپ، ئىلگىرىكى پۈتۈنلەي تەجرىبىگە تايىنىپ تىزگىنلىنىدىغان ئوتۇن قالايدىغان خۇمدان مۇقىم، تىزگىنلىگىلى بولىدىغان ئۆلچەملىك پىشۇرۇش جەريانىغا ئۆستۈرۈلۈپ، مەھسۇلاتنىڭ لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %60كە يەتمەيدىغان ھالەتتىن %95تىن يۇقىرى ھالەتكە يەتكۈزۈلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن كادىرلار يەنە ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، مەدەنىيەت-ساياھەت يەرمەنكىسىگە ماسلىشىپ، ساپال بۇيۇملارنى 20 نەچچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە ساتتى.

2024-يىللىق جۇڭگو جىڭدېجېن خەلقئارا ساپال بۇيۇملار كۆرگەزمىسىدە، ئوبۇلتالىپ ساپال بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىپ ئۆگەنمەكتە (2024-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى تارتىلغان).
بۈگۈنكى كۈندە، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئىشلەپچىقارغان ساپال بۇيۇملار ئىلگىرىكى يىرىك ساپال قاچا-قۇچىلاردىن ئانارگۈلى نۇسخىسىدىكى چىنە-چەينەك، مىللىي ئۇسلۇبتىكى زىننەت بۇيۇملار قاتارلىق يۈزدىن ئارتۇق تۈرگە كېڭەيدى، 2025-يىلى سېتىش سوممىسى 1 مىليون 800 مىڭ يۈەندىن ئاشتى. شۇ جايدىكى 50 نەچچە كەنت ئاھالىسى ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلاشتى، ئىلگىرى سىرتقا چىقىپ ئىشلىگەن نۇرغۇن ياش يەنە كەنتكە قايتىپ كېلىپ، ئوبۇلتالىپقا ئەگىشىپ ساپال بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر-سەنئىتىنى ئۆگەندى.

2025-يىللىق جۇڭگو جىڭدېجېن خەلقئارا ساپال بۇيۇملار كۆرگەزمىسىدە، ئاقتۇ ناھىيەسىدىكى مىراس ساپال بۇيۇملار قول ھۈنەر-سەنئىتى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى كۆرگەزمە قىلغان ساپال بۇيۇملار تاماشىبىنلارنى قەدىمىنى توختىتىپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى (2025-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).
2025-يىللىق جۇڭگو جىڭدېجېن خەلقئارا ساپال بۇيۇملار كۆرگەزمىسىدە، ئوبۇلتالىپنىڭ ساپال بۇيۇملىرى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىندى. پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدىغىنى، ھەمكارلىق كوپېراتىپىنىڭ «ئانارنىڭ دانىسىدەك قەلبداش بولۇش» باش تېمىسىدىكى ساپال بۇيۇم ئەسەرلىرى يەنە جىڭدېجېندىكى جۇڭگو فارفۇر ۋە ساپال بۇيۇملار مۇزېيىدا دائىملىق ساقلىنىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ساپال بۇيۇملىرى كەسپىي سەنئەت سارىيىغا كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىندى.
جياڭشى-شىنجاڭ ئىككى جاينىڭ 10 مىڭ چاقىرىم ھالقىغان قول تۇتۇشۇشىغا تايىنىپ، ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ ساپال بۇيۇملارنى ياساش ھۈنەر-سەنئىتى كەسىپ ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىشنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈردى.

ئوبۇلتالىپ جىڭدېجېندىن ئۆگەنگەن تەشمە نەقىش، قاپارتما نەقىش ھۈنەر-سەنئىتى بىلەن شىنجاڭنىڭ قوغۇن-تاۋۇز يوپۇرمىقى شەكىللىك ئۆزگىچە گۈل نۇسخىسىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، «مېۋە پۇرىقىغا تولغان» ساپال بۇيۇم ئەسەرلىرىنى ئويۇپ چىقتى.






