
يېقىندا، تېكەس ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى ئاجرىشىشتىن كېيىنكى بىر مال-مۈلۈك ماجىراسى دېلوسىنى سوت قىلىپ ئاياغلاشتۇردى. دەۋاگەر يىX ئون يىل ئىلگىرى «ساختا ئاجرىشىپ ئۆي سېتىۋالغانلىقى»نى باھانە قىلىپ، ئەر-خوتۇننىڭ ئورتاق مال-مۈلكىنى قايتىدىن بۆلۈشۈشنى تەلەپ قىلدى، سوت مەھكىمىسى بۇنى قانۇن بويىچە رەت قىلدى.
يىX بىلەن گۇX ئەسلىدە ئەر ـ خوتۇن ئىدى. 2016 ـ يىلى، ئىككى تەرەپ خەلق ئىشلىرى تارمىقىدا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئاجرىشىشنى تىزىملىتىپ، ئاجرىشىش كېلىشىمى ئىمزالاپ، مەلۇم قورۇدىكى مال ـ مۈلۈك گۇXنىڭ ئىگىدارلىقىدا بولۇشنى پۈتۈشكەن.
يىXنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى يىلى ئۆي سېتىۋېلىش سىياسىتىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئۈچۈن ئاجراشقان بولۇپ، «ساختا ئاجرىشىش»نى مەسلىھەتلىشىپ، ئۆي سېتىۋېلىپلا يارىشىۋالماقچى بولغان. ئەمما، ئۆي سېتىۋالغاندىن كېيىن گۇX يارىشىۋېلىشنى رەت قىلغان. 2024-يىلى يىX باشقىلار بىلەن قايتا ئۆيلەنگەن. ئۇ، بۇ يىل 6-ئايدا، ئۇ «ساختا ئاجرىشىش»نى باھانە قىلىپ، تېكەس ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىپ، ئەينى چاغدىكى مال-مۈلۈك بۆلۈشۈش پۈتۈمىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
سوت مەھكىمىسى قاراپ چىققاندىن كېيىن، قانۇندا «ساختا ئاجرىشىش» دېگەن گەپ يوق، ئاجرىشىشنى تىزىمغا ئالدۇرسىلا، ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتى رەسمىي بىكار قىلىنىدۇ، دەپ قارىدى. شۇ يىلى ئاجرىشىش كېلىشىمىنى ئىككى تەرەپ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئىمزالىغان بولۇپ، مەزمۇنى ئېنىق، قانۇنلۇق كۈچكە ئىگە. يىX كېلىشىم ئىمزالىغاندا ئالدامچىلىق قىلىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل-ئىسپاتنى كۆرسىتەلمىدى، پەقەت ئاغزاكى «ساختا ئاجرىشىش» دېگەنگە تايىنىپلا ئون يىل ئىلگىرىكى پۈتۈمنى ئاغدۇرۇۋېتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككى تەرەپنىڭ ئاجراشقىنىغا ئون يىل بولغان، يىXمۇ قايتا ئۆيلەنگەن، مال-مۈلۈك ۋە ئۆيلىنىش ئەھۋالى بۇرۇنلا مۇقىملىشىپ بولغان. ئادەم سەمىمىي بولۇش كېرەك، يارىشىۋالالماي قالغانلىقى ۋە ئىشتىن كېيىن پۇشايمان قىلغانلىقى ئۈچۈنلا بېكىتىلگەن قانۇنىي پاكىتنى ئاغدۇرۇۋېتىشكە بولمايدۇ.
ئاخىرىدا، سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقىرىپ يىXنىڭ بارلىق دەۋا تەلىپىنى رەت قىلدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى






