تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

ئۆي ئەمەلىي تاپشۇرۇلمىغان ئەھۋالدا، ئىسسىنىش ھەققىنى ئۆي ئىگىسى ئۈستىگە ئالامدۇ- يوق؟

   مەلۇم ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش شىركىتى 2021- يىلىدىن باشلاپ مەلۇم ئولتۇراق رايوننى پار بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەن، ئۆي ئىگىسى جۇX ئىككى يىللىق (2023- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە) پار بىلەن تەمىنلەش مەزگىلىدىكى پار پۇلىنى تاپشۇرمىغان، كۆپ قېتىم تاپشۇرۇشقا سۈيلىگەن بولسىمۇ نەتىجىسى بولمىغان، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش شىركىتى ئېچىش سودىگىرى بولغان مەلۇم تېخنىكا كەسپى ئېچىش شىركىتىنى ۋە جۇ Xنى تەڭلا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.

   تەكشۈرۈش ئارقىلىق، 2020- يىلى 9- ئايدا، جۇ X ئېچىش سودىگىرى بىلەن «تاۋار ئۆي سېتىۋېلىش- سېتىش توختامى (ئالدىن سېتىش)» ئىمزالاپ، دېلوغا چېتىشلىق ئۆينى سېتىۋېلىشنى پۈتۈشكەن. توختامدا تاۋار ئۆينى تاپشۇرغاندا قۇرۇلۇش پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىسپات ھۆججىتىنى ئېلىش كېرەك، بولمىسا سېتىۋالغۇچى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتىن بۇرۇن، سېتىۋالغۇچى ئۆينى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق، ساتقۇچىنىڭ ئالاقىدار باج- ھەقلەرنى تاپشۇرۇش ياكى ئۆي- جاي مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش ھۆججىتىنى ئىمزالاشنى سېتىۋالغۇچىنىڭ ئۆينى تەكشۈرۈشى ۋە تاپشۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ، دەپ ئېنىق پۈتۈشكەن. ئېچىش سودىگىرى 2021- يىلى 9- ئايدا گېزىتتە كۆچۈپ كىرىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغان ھەم توردا جۇ Xكە كۆچۈپ كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى ئۇقتۇرغان. لېكىن 2021- يىلى 9- ئايدىن باشلاپ، جۇ X كۆپ قېتىم ئۆينى تەكشۈرۈپ، ئۆيدە نورمال ئىشلىتىشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان سۈپەت مەسىلىسىنىڭ ساقلانغانلىقىنى بايقاپ، ئۆينى تاپشۇرۇۋېلىش رەسمىيىتىنى باشتىن- ئاخىر بېجىرمىگەن، تاكى 2025- يىلى 5- ئايغا كەلگەندە ئاندىن ئاچقۇچنى ئەمەلىي ئالغان ھەم دېلوغا چېتىشلىق ئۆينى نورمال ئىشلەتكەن.

   بۇ دېلوغا قاراپ چىقىش جەريانىدا، ئېچىش سودىگىرى دېلوغا چېتىشلىق ئۆينى 2020- يىلى سېتىپ بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە 2021- يىلى 9- ئايدا كۆچۈپ كىرىش ئۇقتۇرۇشى چىقارغانلىقىنى تاپشۇرغانلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى، پار بىلەن تەمىنلەش ھەققىنى جۇ X ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. جۇ X: دېلوغا چېتىشلىق ئۆي 2023- يىلى 6- ئايدا پۈتۈپ ئاندىن تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش ئىسپاتىغا ئېرىشتىم، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆينى تەكشۈرۈش جەريانىدا بايقالغان سۈپەت مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئەمەلىي ئىگىلەپ ئىشلەتمىدىم، خىراجەتنى ئۈستۈمگە ئالماسلىقىم كېرەك، دەپ ئۆزىنى ئاقلىغان. بۇ دېلودىكى تالاش- تارتىشنىڭ قىزىق نۇقتىسى: دېلوغا چېتىشلىق ئۆينىڭ تاپشۇرۇلۇش ۋاقىت نۇقتىسىنى قانداق بېكىتىش ھەمدە پار بىلەن تەمىنلەش ھەققىنى كىم ئۈستىگە ئېلىش بولغان.

   سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق، ئېچىش سودىگىرى گەرچە 2021- يىلى 9- ئايدا گېزىتتە ئېلان بېرىش ۋە توردا ئۇقتۇرۇش شەكلىدە جۇ Xكە كۆچۈپ كىرىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇقتۇرۇش پەقەت ئۇقتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىق بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسەن دېلوغا چېتىشلىق ئۆينىڭ ئەمەلىي تاپشۇرۇش شەرتىنى ھازىرلىغانلىقىنى بېكىتىشكە بولمايدۇ. تاپشۇرۇش شەرتى ئىككى تەرەپنىڭ سېتىۋېلىش- سېتىش توختامىدىكى پۈتۈم بويىچە بولۇشى، جەزمەن ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتكەن بولۇشى كېرەك. گەرچە ئۆينىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقى 2024- يىلى 11- ئايدا جۇ Xنىڭ نامىغا تىزىملانغان بولسىمۇ، لېكىن جۇ X ئۆينى تەكشۈرگەندە ئىشلىتىشكە تەسىر يەتكۈزىدىغان سۈپەت مەسىلىسى توغرىسىدا كۆپ قېتىم باشقىچە پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان، 2025- يىلى 5- ئايغا كەلگەندە ئاندىن ئاچقۇچنى ئەمەلىي ئالغان ھەمدە نورمال ئىشلەتكەن، مۇشۇ ۋاقىتتا جۇ X دېلوغا چېتىشلىق ئۆينى ماھىيەتتە ئىگىلەپ ئىشلەتكەن، پار ئىشلىتىش سۇبيېكتى ئاندىن جۇ Xكە يۆتكەلگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، پار ئىشلىتىش سۇبيېكتى يەنىلا ئېچىش سودىگىرى ھېسابلىنىدۇ. شۇڭا 2023- يىلىدىن 2025- يىلىغىچە بولغان جەمئىي ئىككى ئىسسىنىش مەزگىلىدىكى پار بىلەن تەمىنلەش ھەققىنى ئېچىش سودىگىرى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ قارىغان.

   بۇ دېلوغا ھۆكۈم چىقىرىلغاندىن كېيىن، دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ نارازىلىق ئەرزى بەرمىگەن، ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولغان.

   سودىيەنىڭ ئەسكەرتىشى: ئۆي سېتىۋالغۇچى ئۆيدە سۈپەت مەسىلىسى ساقلانغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆينى ئۆتكۈزۈۋېلىشنى رەت قىلغان ھەمدە ئېچىش سودىگىرىدىن رېمونت قىلىپ تۈزىتىشنى تەلەپ قىلغان بولسا، ئەگەر ئۆينى ئەمەلىي ئىگىلەپ ئىشلەتمىگەن بولسا، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش رەسمىيىتىنى بېجىرگەن تەقدىردىمۇ، ئەمەلىي تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن كېلىپ چىققان پار بىلەن تەمىنلەش ھەققىنى يەنىلا ئېچىش سودىگىرى ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇ دېلودىكى ھۆكۈم- كېسىم ئۆينى ئەمەلىي تاپشۇرۇشنى پار بىلەن تەمىنلەش مەسئۇلىيىتىنىڭ پاسىل نۇقتىسى قىلغان بولۇپ، ئاددىي ھالدا كۆچۈپ كىرىش ئېلانى چىقىرىش ياكى مۈلۈك ھوقۇقىنى تىزىملاپ بېكىتىشنى تاپشۇرۇش تاماملانغان، دەپ قارىمىغان، ھەم سېتىۋېلىش- سېتىش توختامىدىكى پۈتۈمگە ئۇيغۇن بولغان، ھەم ئۆي سېتىۋالغۇچىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پار بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ سېتىۋېلىش- سېتىش توختامىنى ئىجرا قىلىش تالاش- تارتىشى سەۋەبىدىن ھەق ئېلىش ھوقۇق- مەنپەئىتىنى ۋاقتىدا ئىشقا ئاشۇرالماسلىقىدىن ساقلىنىلغان. (ئۈرۈمچى تۆمۈريول تىرانسپورتى سوت مەھكىمىسىدىن جاڭ چىچى)

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.