ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ئۆتكۈر نىجات فوتوسى، خەۋىرى) قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە چورۇق ئۆتۈك تىكىش ھۈنەر-سەنئىتى ئىنتايىن ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولغان ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك تۈرى ھېسابلىنىدۇ. غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى بولغان 69 ياشلىق ھامىدىن ئابدۇراخماننىڭ قولدا ئۆتۈك تىكىش ھۈنەر-سەنئىتى ئۈستىدە چوڭقۇر ئىزدىنىۋاتقىنىغا 55 يىل بولغان بولۇپ، ئۇ يېرىم ئۆمرىنى بۇ ھۈنەر-سەنئەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا سەرپ قىلىپ، بۇ قەدىمكى خەلق ئىچى ھۈنەر-سەنئىتىنى ئىزچىل قوغداپ كەلدى.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ھامىدىن ئابدۇراخمان (ئوڭدىن 1-كىشى) خىزمەت ئۆيىدە ساياھەتچىلەرگە چورۇق ئۆتۈكنى تونۇشتۇرماقتا.
چورۇق ئۆتۈك «تېرە ئۆتۈك» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، 2006-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بۇ ئۆتۈك قوي تېرىسى، كالا تېرىسى، قوتاز تېرىسى قاتارلىق تەبىئىي ھەقىقىي تېرە ماتېرىيال ئىشلىتىلىپ پۈتۈنلەن قولدا تىكىلىدۇ، بۇ ئۆتۈكنى تىكىشكە بىر تالمۇ مىخ ئىشلىتىلمەيدۇ، ھېچقانداق بىرىكمە قوشۇمچە ماتېرىيال قوشۇلمايدۇ، چىلاش، كېسىش، تىكىش، بېزەش قاتارلىق ئون نەچچە مۇرەككەپ ئىش تەرتىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىكىپ پۈتكۈزۈلگەن ئۆتۈكنىڭ بېشى يۇمىلاق، پاشنىسى يوق، ئوڭ-سول دەپ ئايرىلمايدۇ، ئۆتۈكنىڭ بېشى ئۆزگىچە ئۈچ بۇرجەك قىلىپ نەقىشلەنگەن، تېيىلىشتىن ساقلىنىش، پۇتنى ئىسسىق ساقلاش، پۇت شەكلىگە ماس كېلىش، يېنىك ھەم سۈركىلىشكە چىداملىق بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە، ئىلگىرى شۇ جايدىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ كۈندىلىك كىيىم-كېچەكلىرى ئىچىدىكى ياخشى ئاياق كىيىمى ھېسابلىناتتى.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ھامىدىن ئابدۇراخمان چورۇق ئۆتۈك تىكىشتە ئىشلىتىدىغان رەڭلىك يۇڭ يىپنى تاللىماقتا.
ھامىدىن ئابدۇراخمان 14 يېشىدا ئاتا-بوۋىسىغا ئەگىشىپ ھۈنەر ئۆگەنگەن بولۇپ، بۇ ھۈنەر-سەنئەتنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. مودا ئاياغ پاسونىنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، چورۇق ئۆتۈك كىيىدىغانلار بىر مەھەل ئازلاپ كەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆتۈك تىكىش ئىش تەرتىپى مۇرەككەپ، پايدىسى ئاز بولغاچقا، نۇرغۇن ھۈنەرۋەن ئارقا-ئارقىدىن كەسىپ ئۆزگەرتىپ، بۇ ھۈنەر-سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىش قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ يوقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن كەڭ كۆلەمدە شاگىرىت قوبۇل قىلىپ، بۇ ھۈنەر-سەنئەتنى ئۆگەتتى، يەنە ئۆتۈك پاسونىنى يېڭىلاپ، مەھسۇلاتنى يېڭى دەۋردىكى گۈزەللىك قارىشى ۋە كۈندىلىك ئىشلىتىش ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ماسلاشتۇردى.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ھامىدىن ئابدۇراخمان تىككەن بارماق چوڭلۇقىدىكى چورۇق ئۆتۈك.
2018-يىلى، شۇ جايدىكى ھۆكۈمەتنىڭ يار-يۆلەك بولۇشى بىلەن، ھامىدىن ئابدۇراخمان غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى خىزمەت ئۆيى ۋە ئەمەلىي دۇكانغا ھەقسىز ئىگە بولۇپ، ئۆتۈك تىكىش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى. بۈگۈنكى كۈندە، چورۇق ئۆتۈكنىڭ كونا بەلگىسى چۆرۈپ تاشلىنىپ، ئالقىشلىق مەدەنىيەت ئىجادىيەت خاتىرە بۇيۇمىغا ئايلىنىپ، مەھسۇلاتلىرى شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى كۆپلىگەن جايلارغا سېتىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: سالامەتلىكىم ياخشى بولسىلا، بۇ ھۈنەر-سەنئەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، يېڭى ھۈنەرۋەنلەرنى يېتىشتۈرۈپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر-سەنئىتىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرىمەن.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ھامىدىن ئابدۇراخمان ئۆتۈك تىكىدىغان خۇرۇمنى كەسمەكتە.

8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ھامىدىن ئابدۇراخمان چورۇق ئۆتۈك تىكمەكتە.






