تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش . ئېگىزدىن قاغىلىققا نەزەر | ئاقتاشنىڭ يېڭى قىياپىتىنى بوشلۇقتىن كۆرۈش

   مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئىجادىيىتى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جەزىرە نىسبېك

   8-ئاينىڭ 25-كۈنى، 2026-يىللىق «شىنجاڭنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش» چوڭ تىپتىكى زىيارەت پائالىيىتىدىكىلەر قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ ئاقتاش بازىرى  __ شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ باشقا جايغا كۆچۈرۈپ ئولتۇراقلاشتۇرۇش رايونىغا كىردى، كۆز ئالدىدىكى ئۆزگىرىشلەر زىيارەت ئۆمىكىدىكى ھەربىرەيلەننى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى.

   2019-يىلى، چوپان يېزىسى، كۆكيار يېزىسى قاتارلىق جايلاردىكى 14 مىڭ ئامما تاغلىق رايوندىكى تۇرمۇش بىلەن خوشلىشىپ بۇ جايغا كېلىپ، يېپيېڭى تۇرمۇشىنى باشلىدى. يەتتە يىل كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئۆتۈپ كەتتى، ئىلگىرىكى چۆل-جەزىرە ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان يېڭى شەھەرگە ئايلاندى. كەسىپلەر باغچە رايونى ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى، ئۆزگىچە باغ-ئورمانچىلىق كەسپى كۆلەملىشىپ راۋاجلاندى، كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرى كۆچۈپ كەلگەن ئاممىنىڭ بېيىش ئۈمىدىنى ئاشۇردى؛ مەكتەپلەردە جاراڭلىق كىتاب ئوقۇغان ئاۋازلار ياڭرىدى، يېقىن ئەتراپتىلا شىپاخانا مۇلازىمىتى بار بولدى، ئەمىن ئۆيلەر قاتار-قاتار گىرەلەشتى، مۇكەممەل ئاممىۋى ئەسلىھەلەر كۆچۈپ كەلگەن ئاممىنىڭ كۆچۈپ چىقالايدىغان، مۇقىم تۇرالايدىغان، بېيىيالايدىغان بولۇشىنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، چۆل-جەزىرىگە ئولتۇراقلىشىشقا، خۇشال-خۇرام ئىشلەشكە ماس كېلىدىغان بەختلىك ماكان قۇرۇلدى.

8-ئاينىڭ 25-كۈنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان ئاقتاش بازىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كەسىپلەر باغچىسى.    جېڭ تيەن فوتوسى

8-ئاينىڭ 25-كۈنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان ئاقتاش بازىرىنىڭ مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى.    جېڭ تيەن فوتوسى

8-ئاينىڭ 25-كۈنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان ئاقتاش بازىرىدىكى قاتار كەتكەن ئەمىن ئۆيلەر.    جېڭ تيەن فوتوسى

8-ئاينىڭ 25-كۈنى بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان ئاقتاش بازارلىق بەييۈ مەكتىپى.    جېڭ تيەن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.