تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ياڭ بىن خەۋىرى، فوتوسى) 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 139-ئوتتۇرا مەكتەپ يېڭىدىن 1-يىللىققا كىرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بالىلار ئەقىل ئىشىكىدىن ئۆتۈپ، سۇڭپىياز، خۇڭشۇ، چىڭسەي، چەيزىلەرنى سىلىدى، بۇلارنىڭ مەنىسى گۈزەل تىلەكلەر بولۇپ، بىلىم ئېلىش يولى شۇنىڭ بىلەن باشلاندى.
8-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 139-ئوتتۇرا مەكتەپتە، يېڭىدىن 1-يىللىققا كىرگەن ئوقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەقىل ئىشىكىدىن ئۆتۈپ، مەكتەپ ھويلىسىغا قەدەم ئاتلاپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىنى باشلىدى.
شۇ كۈنى، 1-يىللىقتىكى ئوماقلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەكتەپكە كىرىپ، ئەقىل ئىشىكىدىن ئۆتۈپ، بىر پارچە ئالاھىدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.
نەق مەيداندا مەكتەپكە كىرىش قىزىقارلىق سوۋغاتلىرى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، بالىلار ئالدىغا تىزىلغان مېۋە-چېۋە، كۆكتاتلارنى بىر-بىرلەپ سىلىدى. خۇڭشۇ «سىز ئەڭ قالتىس» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ سۇڭپىياز «زېرەكلىك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ چىڭسەي، «ئىجتىھات، ئەستايىدىللىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ چەيزى، «بەل قويۇۋەتمەسلىك» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
مۇراسىمدا، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ قويدى، بالىلارنىڭ پېشانىسىگە قىزىل لاك سۈركەپ قويدى، بۇ، ئەقىلنى ئۇرغۇتۇپ، قەلبلەرنى يورۇتۇشقا سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، بالىلارنىڭ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، تەپەككۇر قىلىشقا ماھىر بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. بالىلار تەرتىپ بويىچە كۈچەپ جاڭ چېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنى بىلدۈردى. بارلىق يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئۇستازغا تەزىم قىلىپ، ئوقۇتقۇچىسىغا بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈردى، ئوقۇتقۇچىلارمۇ مېھرىبانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇردى، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش، ئۆگىنىشكە ئىنتىلىش ئۇرۇقى بالىلارنىڭ قەلبىگە تېرىلدى.
پۈتۈن مۇراسىم مەكتەپكە يېڭى كىرگەن بالىلاردا گۈزەل ئۆسۈپ يېتىلىش ئەسلىمىلىرىنى قالدۇردى.
8-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 139-ئوتتۇرا مەكتەپ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لو شۇاڭمىڭ يېڭى ئوقۇغۇچىلارغا قىزىل لاك سۈركەپ، بالىلارنىڭ ئەقىل ئىشكىگە قەدەم قويغانلىقىنى قۇتلۇقلىدى.
8-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 139-ئوتتۇرا مەكتەپتە، يېڭى ئوقۇغۇچىلار جاڭ چېلىپ ئىرادىسىنى بىلدۈردى. مىس جاڭ چېلىشنىڭ مەنىسى ھەممىنى ھەيران قالدۇرۇش بولۇپ، بۇ، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆگىنىشكە ئىرادە باغلاشتەك گۈزەل ئارزۇسىنى ئىپادىلىدى.
8-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 139-ئوتتۇرا مەكتەپ خۇڭشۇ، سۇڭپىياز، چەيزى، چىڭسەيلارنى تىزىپ، گۈزەل ئارزۇلارغا سىمۋول قىلدى.






