تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچىدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشسا بولىدۇ!

    يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى قاتارلىق ئالتە تارماق «ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلىپ، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىپ، تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتى، تۇغۇت قوشۇمچە پۇلىدىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك تۇغۇت سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولالايدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

   كاپالەت دائىرىسى: خىزمەتچى ياللىمىغان يەككە سودا-سانائەتچىلەر،  ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندا تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشمىغان پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدە بولمىغان كەسىپكارلار ھەمدە باشقا جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار دېيىلىدۇ)نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

   سۇغۇرتىغا قاتنىشىش، ھەق تاپشۇرۇش ئۆلچىمى ئىككى خىل ئەھۋالغا بۆلۈنىدۇ: ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا نورمال قاتناشقان ھەمدە ئۇدا تولۇق ھەق تاپشۇرغان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قاتناشسا بولىدۇ، سۇغۇرتىغا قاتناشقاندىن كېيىن، تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققىنى جەزمەن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى بىلەن ماس قەدەمدە ئۈرۈمچى شەھىرى بەلگىلىگەن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىگىچە تاپشۇرۇشى كېرەك؛ «ئۇقتۇرۇش» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، يېڭىدىن سۇغۇرتىغا قاتناشقان ھەم ھەق تاپشۇرۇش ئۈزۈلۈپ قالغاندىن كېيىن ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسغا قايتا قاتناشقان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار جەزمەن تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا ماس قەدەمدە قاتنىشىشى كېرەك ھەم بەلگىلىمە بويىچە تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئۈرۈمچى شەھىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ھەق تاپشۇرۇش يىل چېكىگىچە ئۇدا تاپشۇرۇشى كېرەك.

   جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇش ئاساسىي سانى بىلەن بىردەك بولىدۇ. تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققى تاپشۇرۇش نىسبىتىدە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ تۇغۇت سۇغۇرتىسىدا ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان ھەق نىسبىتى ئۆلچىمى (%0.8) بىرتۇتاش ئىجرا قىلىنىدۇ. جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىشنى تىزىملىتىشنى تاماملىغاندىن كېيىن، باج تارماقلىرىنىڭ باج ئېلىش-باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى بويىچە تۇغۇت سۇغۇرتىسى ھەققىنى ئايدا ئىلتىماس قىلىپ تاپشۇرىدۇ، ھەق تاپشۇرۇش يوللىرى، باج ئېلىش-باشقۇرۇش شەكلى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بىلەن بىردەك بولۇپ، باج تارماقلىرى بىرتۇتاش ئالىدۇ.

   تەمىنات كاپالىتى جەھەتتە، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى ئۇدا تاپشۇرغان ۋاقتى ئالتە ئايغا توشقان بولسا، تۇغۇت داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلدۇرۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى تەكشۈرتۈش، كېسەلخانىدا يېتىپ تۇغۇش قاتارلىق بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن خىراجەتلەرنى ئاتچوت قىلىش ئۆلچىمى كارخانا ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنىڭ بىلەن بىردەك بولىدۇ. تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان ئەر خادىملارنىڭ تەمىنات ساقلاش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئىشقا ئورۇنلىشالمىغان، لېكىن ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان جورىلىرىمۇ ئۆلچەم بويىچە تۇغۇت داۋالىنىشىغا ئالاقىدار تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

  تۇغۇت ياردەم پۇلى جەھەتتە، تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا قاتناشقان جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار تۇغۇتقا ئالاقىدار ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاندا، تۇغۇت سۇغۇرتىسىغا ئۇدا ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 10 ئايغا توشقان بولسا، ئاي بويىچە تۇغۇت ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىپ ئالسا بولىدۇ؛ ھەق تاپشۇرغان ۋاقتى 10 ئايغا توشمىغان بولسا، 10 ئايغا توشقاندىن كېيىن ئاندىن ئىلتىماس قىلىپ ئالسا بولىدۇ. ياردەم پۇلى بىۋاسىتە ئۆزىنىڭ ھېساباتىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولۇش مەزگىلىدە نورمال سۇغۇرتىغا قاتنىشىشى كېرەك، ھەق تاپشۇرۇش ئۈزۈلۈپ قالسا تارقىتىش توختىتىلىدۇ. ياردەم پۇلى دۆلەت، ئاپتونوم رايون بەلگىلىگەن تۇغۇت دەم ئېلىشى كۈن سانى بويىچە ھېسابلاپ تارقىتىلىدۇ.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.