تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئوقۇش باشلاش پەسلىدە، بۇ ئۈچ خىل يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ نۇقتىلىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك

  8-ئاينىڭ 27-كۈنى، دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى كۈزلۈك ئوقۇش باشلاش مەزگىلىدە يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۆرسەتمىسىنى ئېلان قىلدى.

  ياز ئاخىرلىشىپ كۈز باشلىنىدىغان پەسىل ئالمىشىش مەزگىلى كۆپ خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كۆپ كۆرۈلىدىغان پەسىل، مەكتەپتە ئادەم زىچ بولغاچقا، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ۋە توپلىشىش خاراكتېرلىك يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلۈش خەۋپ-خەتىرى مەۋجۇت، ئوقۇغۇچىلار، ئاتا-ئانىلار ۋە مەكتەپلەر ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  كۈزلۈك ئوقۇش باشلانغاندا، بۇ ئۈچ خىل يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا نۇقتىلىق دىققەت قىلىش كېرەك:

  بىرىنچىسى نەپەس يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بولۇپ، ئاساسلىقى تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس، تارقىلىشچان زۇكام، ئۆپكە تۇبېركۇليوزى، سۇ چېچىكى، كۆكيۆتەل، قىزىل، يەلتاشما، گۈرەن بەز ياللۇغى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىككىنچىسى ئۈچەي يولى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرى بولۇپ، تارقىلىشى «گەندە، ئېغىز» يولىنى ئاساس قىلىدۇ، بۇنىڭدا قول تازىلىقى مۇھىم ھالقا بولۇپ، قول-پۇت-ئېغىز كېسىلى، نورۇ ۋىرۇسى ۋە چاقسىمان ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋىرۇسلۇق ئىچ سۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۈچىنچىسى ھاشارات ۋاسىتىسى بىلەن يۇقىدىغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بولۇپ، ھاشارات چېقىش ۋاستىسى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، بۇنىڭدا مۇھىتنى ياخشىلاش ۋە شەخسىي قوغدىنىش ئاچقۇچ بولۇپ، دېنگې قىزىتمىسى، كىكونكېنيا قىزىتمىسى ۋە قىزىتمىغا قان پلاستىنكىلىرى ئازىيىش يىغىندى ئالامىتى قوشۇلۇپ كېلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئائىلە بىلەن مەكتەپنىڭ قول تۇتۇشۇشى ساغلاملىق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەشنىڭ تۇنجى قەدىمى. دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى:

  ◆ ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈپ، تازىلىق ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. تاماقتىن بۇرۇن ۋە تەرەتتىن كېيىن، سىرتقا چىقىپ ئۆيگە قايتقاندا، بۇرۇننى كولىغان، يۆتەلگەندىن كېيىن، سوپۇن ياكى قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى بىلەن قولنى پاكىز يۇيۇش؛ چۈشكۈرگەندە ياكى يۆتەلگەندە، قەغەز ياكى قول بىلەن ئېغىز-بۇرۇننى توسۇپ، تۈكۈرۈك چاچراندىلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە تارقىلىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

  ◆ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۆينى پاكىز تۇتۇش، ھاۋا ئالماشتۇرۇش، پاشىدىن ساقلىنىش مۇھىم ھالقا، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ھەر قېتىمدا 30 مىنۇتتىن ئارتۇق ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ئۆي ئىچى ھاۋاسىنىڭ ئۆتۈشۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ بالكون، ئاشخانا، ھاجەتخانا ۋە ئەتراپتىكى يىغىلىپ قالغان سۇنى تازىلاپ، پاشا كۆپىيىدىغان جايلارنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاش؛ قاينىتىلمىغان سۇنى ئىچمەسلىك، خام تاماق يېمەسلىك، ئېشىپ قالغان تاماقنى تولۇق ئىسسىتقاندىن كېيىن ئاندىن يېيىش كېرەك.

  ◆ بۇنىڭدىن باشقا، يەنە قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش، يېتەرلىك ئۇخلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئوزۇقلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛ تارقىلىشچان زۇكام، سۇ چېچىكى، قىزىل قاتارلىق ۋاكسىنىلارنى ۋاقتىدا، تولۇق ئەملەش كېرەك، بۇ، ئەڭ تېجەشلىك، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋاسىتىسىدۇر.

  ◆ قىزىش، يۆتىلىش، ئەسۋە چىقىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، كېسەل تۇرۇپمۇ مەكتەپكە بېرىش قەتئىي مەنئى قىلىنىدۇ، دەرھال ئۆيدە ئارام ئېلىش ھەم دوختۇرغا كۆرۈنۈش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوختۇرغا يۈرۈش-تۇرۇش تارىخى ۋە ئۇچرىشىش تارىخىنى ئۇقتۇرۇش كېرەك.

  مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش كۆرسەتمىسىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەكتەپلەر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىرىنچى مەسئۇل كىشى ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى، يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى مەكتەپنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى، مەسئۇلىيىتى ئېنىق بولۇشى ھەم مەكتەپتىكى كادىرلارنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ۋاقتىدا تەڭشىشى كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى بولۇشى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى قەرەللىك تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشى، يەنە كۈندىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇشى كېرەك.

  مۇشۇ ئاساستا، ئالدىنى ئېلىش خىزمىتىدە ئۆتكەلنى ئالدىغا يۆتكەش كېرەك:

  ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن مەكتەپ مۇھىتىنى تازىلاشنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، تازىلاش تەس بولغان بۇلۇڭ-پۇچقاقلارنى پاكىز تازىلاش؛ سىنىپ، ياتاق، ھاجەتخانا قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنىڭ ھاۋاسىنى ئالماشتۇرۇش ۋە مۇھىتىنى دېزىنفېكسىيەلەشنى كۈچەيتىپ، مەكتەپنىڭ پاكىزلىقىنى ساقلاش؛ قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى، دېزىنفېكسىيە دورىسى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆلچىگۈچ قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ماددىي ئەشيالىرىنى يېتەرلىك تەييارلاپ، ئەسلىھەلەرنىڭ مۇكەممەل بولۇشىغا، دېزىنفېكسىيە بۇيۇملىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش مۇددىتى ئىچىدە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندە، ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش كىنىشكىسىنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ۋاكسىنىنى تولۇق ئەملەتمىگەن، ۋاكسىنا ئەملەتمىگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋاقتىدا تولۇقلاپ ئەملىتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش؛ ھەر كۈنى ئەتىگەنلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە كېسەل سەۋەبىدىن دەرسكە قاتناشمىغانلارنى تىزىملاش، ئىز قوغلاش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بالدۇر بايقاش، بالدۇر دوكلات قىلىش، بالدۇر ئايرىش، بالدۇر داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  تۈرلۈك ئىچىملىك سۇ ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرىنى قەرەللىك يۇيۇپ، ئاسراپ، دېزىنفېكسىيە قىلىپ ۋە سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈپ، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  بۇنىڭدىن باشقا، يەنە مەخسۇس تېمىلىق سىنىپ يىغىنى، تەشۋىقات تاختىسى، ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسى قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەممە ئادەم ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىدىكى بىرىنچى مەسئۇل كىشى بولۇشتەك كەيپىياتنى يارىتىش كېرەك.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.