تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

باش كۈزدىكى تىيانشان ئۇزۇنغا سوزۇلغان كاتتا مەنزىرە | ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولى جياڭجۈن تېغىدىن قۇمقاناسقا قاراپ ئاتلىنىش

   كۈلەش چىغازى، ۋاڭ نىڭنىڭ خەۋىرى، فوتوسى

   ئالتاي تېغىنىڭ كۈز پەسلىدىكى ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى چوڭقۇرلاپ چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، چوقۇم G681 ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولىدا مېڭىپ بېقىڭ. ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 209.45 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ مەنزىرە چوڭ يولىدا ماڭغاندا كۈزدىكى تاغ-دەريالارنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى تەدرىجىي نامايان بولۇپ، ئالتاينىڭ شەھەر رايونىدىن باشلىنىپ تاكى قۇمقاناس كەنتىگىچە سوزۇلىدۇ. ئۆز ئاپتوموبىل ساياھىتى تاشيولىنى بويلاپ يۈرگەندە، دەريا ۋادىسىدىكى كۈز مەنزىرىسىنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكىنى، سۇلۇق يەرنىڭ سۇس ئالتۇن رەڭگە كىرگەنلىكىنى، قاتمۇقات ئورمان ۋە يايلاقنىڭ سېرىق رەڭگە كىرگەنلىكىنى، يولبويى غەلىتە تاش ئورمىنىنىڭ گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. يول بويى ئىلگىرىلەپ ماڭغاندا، بىر كۈن ئىچىدە، شىمالىي شىنجاڭدىكى تاغ-دەريالارنىڭ كۈز پەسلىگە خاس بولغان ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىسىدىن تولۇق بەھرىلەنگىلى بولىدۇ.

   جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش ئىستىراھەت رايونى | شەھەرگە ئەڭ يېقىن بۇ ئېگىز تاغ ئىستىراھەت رايونىدا ئاسما ۋاگونغا ئولتۇرۇپ چوققىغا چىققاندا، كەڭ كەتكەن ئېگىز تاغ مەيدانىدا پۈتكۈل ئالتاي شەھىرىنىڭ مەنزىرىسىنى تولۇق كۆرگىلى بولىدۇ.

   شياۋدۇڭگوۋ ئورمان باغچىسى | ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولىدىكى يولغا چىققاندىن كېيىنكى تۇنجى بېكەت. قىران دەرياسى تاغ جىلغىسىنى ئەگرى-بۈگرى كېسىپ ئۆتىدۇ، ئىككى قىرغاقتا ئاق قېيىن دەرىخى بۈك-باراقسان ۋە  ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن، ئېرىقتىكى سۇ يىل بويى شىرىلداپ ئېقىپ تۇرىدۇ.

   غەلىتە تاشلارنى سۈرەتكە تارتىش رايونى | بۇ يول بويىدا تەبىئىي شەكىللەنگەن ئۆزگىچە يەر شەكلى مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش بەلبېغى. تاغ-دالىلار ئارىسىدا شەكلى ھەرخىل ئىپتىدائىي تاغ جىنسلىرى بار بولۇپ، قىران دەرياسى ۋادىسىنىڭ مەنزىرىسى بىلەن تەبىئىي يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن.

   ئوشئېرىق سۇلۇق يەر باغچىسى | بۇ تاغلار ئارىسىغا جايلاشقان سۇلۇق يەر بوستانلىقى. چىملىق، ئېرىق، تېيىز كۆللەر گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەتىياز، ياز پەسلىدە ياۋا گۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىپ ساھىلنى قاپلايدۇ، سۇ قۇشلىرى ئەركىن ئۈزۈپ يۈرۈشىدۇ.

   يېكاشيا جىلغىسى | تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە گۈزەل مەنزىرە نامايان بولىدىغان تەبىئىي جىلغا. جىلغىنىڭ يەر شەكلى كۆز يەتكۈسىز بىپايان بولۇپ، شىمالىي شىنجاڭدىكى تاغ-دالىلارنىڭ ئۆزگىچە كۆركەم مەنزىرىسىنى تولۇق نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

   ئاق قۇ كۆلى | تاغلارنىڭ ئىچكىرىسىدىكى خىلۋەت يەرگە جايلاشقان ئېگىز تاغدىكى كۆل. كۆل سۈيى سۈزۈك ھەم تەكشى بولۇپ، تاغلار ۋە ئوت-چۆپلەر بىلەن ئورالغان، كۆل يۈزى خۇددى ئەينەكتەك تەكشى كۆرۈنىدۇ.

   تۇڭبا ئىپتىدائىي ئورمىنى | تۇتاش كەتكەن شەمشاد ئورمىنى رايونىدا، دەل-دەرەخلەر ياپيېشىل، ئېگىز ئۆسكەن بولۇپ، سالقىن ۋە جىمجىت، ھاۋادا ئوت-چۆپ ۋە قارىغاينىڭ خۇش ھىدى تارقالغان.

   تولغايتى يازلىق يايلىقى | پۈتكۈل لىنىيەدىكى كۆرۈش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان ئېگىز تاغ يايلىقى. چەكسىز كەتكەن يايلاق بىر-بىرىگە تۇتاشقان بولۇپ، ھەممە جاينى يېشىللىق قاپلىغان، قوي-كالىلار تاغ باغرىدا ئەركىن يايلاپ يۈرىدۇ، ئاق كىگىز ئۆيلەر دالىلارغا ھۆسن قوشۇپ تۇرىدۇ.

   ئىلىك تاش ئورمان مەنزىرە رايونى | بوران-چاپقۇنلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئۇپرىتىشىدىن شەكىللەنگەن گىرانىت تاش ئورمىنى. ئۆزگىچە غەلىتە تاشلار بىلەن گۈزەل ئورمان ۋە چىملىق ماسلاشقان بولۇپ، كۆرۈنۈش قاتلىمى مول، ھەيۋەت ۋە كۆركەم.

   قۇمقاناس | يول بويى تاغ-داۋانلاردىن ئاشقاندىن كېيىن، ئاخىرى ئالتاي-قۇمقاناس تاشيولىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى − قۇمقاناس كەنتىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، بۇ سانسىز ساياھەتچى تەلپۈنىدىغان مەنزىل بولۇپ، بۇ كەنت ئالتاي تېغىنىڭ چوڭقۇر دەريا جىلغىسىغا جايلاشقان .

   جياڭجۈن تېغىدىن كەچكى شەپەق نۇرىغا چۆمگەن كەچلىك بازارنىڭ قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرىسىگە نەزەر سالغاندا، يول بويى دەريا ۋادىسى سۇلۇق يېرى، چەكسىز ئورمان ۋە ئوتلاقنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا قۇمقاناس كەنتىگە جايلاشقان دالىدىكى ياغاچ ئۆيگە ماكانلاشقاندىن كېيىن، بۇ جايدا ۋاقىت قوغلىشىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئاستا مېڭىپ، خالىغاندا توختاپ، ئالتاي تېغىنىڭ پۈتۈن پەسىلدىكى رومانتىك مەنزىرىسىنى ئاپتوموبىل دېرىزىسىدىن تولۇق كۆرەلەيسىز.

«视觉新疆»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.