8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ۋېيشىن شەنخۇ بىخەتەرلىك ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى «<چىڭلاڭ. ھېسابات نومۇرى نام ئۇچۇرى قالايمىقان بولۇشنى تۈزەش> مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش (5-قارار)»نى ئېلان قىلىپ، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ياكى تاراتقۇلار سىياقىغا ساختا كىرىۋالغان ياكى سىياقىغا تەقلىد قىلغان، دەلىللەشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ ئۆز ئالدىغا نام قويۇۋالغان، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن كەسپىي خادىم سىياقىغا كىرىۋالغان، قىزىق نۇقتا ۋەقەلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېقىم قوغلاشقان، ئىسىم ماتېرىيالىدا ناچار ئۇچۇر بار بىر تۈركۈم ۋېيشىن نومۇرلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:
ۋېيشىن يېشىل، ساغلام سۇپا ئېكولوگىيەسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ، ۋېيشىن نومۇرى نام ئۇچۇرىدىكى قالايمىقانچىلىقنى يەنىمۇ تۈزەش، ئىجادىيەتچىلەرنى ۋېيشىن نومۇرىنى تىزىمغا ئالدۇرۇش ۋە دەلىللەش قىلمىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قېلىپلاشتۇرۇشقا ئۈندەش ئۈچۈن، ساختا نام ئىشلىتىش، سالاھىيىتى ساختا بولۇش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى قىستۇرۇش، نام ئۇچۇرى ئېنىق بولماسلىقتىن ئىبارەت قارا رەڭلىك كەسىپ ۋە كۈل رەڭلىك كەسىپ قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، سۇپا ئالدىنقى باسقۇچتا ئېلىپ بارغان ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ياكى تاراتقۇلار سىياقىغا ساختا كىرىۋالغان ياكى سىياقىغا تەقلىد قىلغانلارنى تۈزەش خىزمىتى ئاساسىدا، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ۋېيشىن نومۇرى ۋە مەزمۇنلىرىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قاتتىق بىر تەرەپ قىلىدۇ.
يېقىندا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە قارىتا سۇپا مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇردى، بۇ يىلدىن بۇيان، 85 مىڭ 831 ۋېيشىن نومۇرى بىر تەرەپ قىلىندى، 1802 ۋېيشىن نومۇرى تاقالدى. بۇنىڭ ئىچىدە «...مەدەنىيەت-ساياھەت ئېلان قىلىش (文旅发布**)» قاتارلىق ۋېيشىن نومۇرلىرى ھۆكۈمەت ئاپپاراتى سىياقىغا تەقلىدىي كىرىۋېلىش، ئاممىدا خاتا تونۇش پەيدا قىلىشقا ئالاقىدار ۋېيشىن نومۇرلىرى ھېسابلىنىدۇ؛ يەنە «يۇغۇرما تاراتقۇ... (**融媒)» ۋېيشىن نومۇرى قاتارلىقلار ئاخبارات تاراتقۇلىرىغا خاس بايانلارنى ئىشلىتىشكە ئالاقىدار ۋېيشىن نومۇرلىرى بولۇپ، نوپۇزلۇق ئۇچۇر ساختا كۆرۈنۈشى شەكىللەندۈرگەن؛ «... پۇل مۇئامىلە (金融***)» ۋېيشىن نومۇرى قاتارلىقلار دەلىللەشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ نام قويۇۋېلىش، نوپۇزلۇق كەسپىي ئوبرازنى ساختا يارىتىشقا ئالاقىدار ۋېيشىن نومۇرلىرى ھېسابلىنىدۇ؛ ۋېيشىن نومۇرى «ئاۋ...سەي (奥***菜)» قاتارلىقلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى قىستۇرۇشقا ئالاقىدار ۋېيشىن نومۇرلىرى بولۇپ، بۇلار بىردەك ماتېرىيال ئۇچۇرىنى تازىلاش، سۆز قىلىشنى چەكلەش، ۋېيشىن نومۇرىنى تاقاش قاتارلىقلار بويىچە بىر تەرەپ قىلىندى.
سۇپا ھەرقايسى ئىجادىيەتچىلەرنى مۇنداق ئەسكەرتتى: ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ۋە تاراتقۇلار سىياقىغا ساختا كىرىۋالغان ياكى تەقلىد قىلغان، دەلىللەشتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ نام قويۇۋالغان، ئالاھىدە بەلگىلەنگەن كەسپىي خادىم سىياقىغا ساختا كىرىۋالغان، قىزىق نۇقتا ۋەقەلىرىدىن پايدىلىنىپ ئېقىم قوغلاشقان، ئىسىم ماتېرىيالىدا ناچار ئۇچۇر بار بولغان ۋېيشىن نومۇرلىرى ۋە سۇپىلارغا قارىتا قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش ۋاسىتىسى قوللىنىلىدۇ، ھەتتا ۋېيشىن نومۇرى بىۋاسىتە تاقىلىدۇ.
1
ھەقىقىي نام بەلگىسى قوللىنىش
ئارىلىشىپ خاتا يېتەكلەشتىن ساقلىنىش كېرەك
پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە ئورگانلىرى، ئاخبارات تاراتقۇلىرى قاتارلىقلار بىلەن ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان نام ياكى بەلگە ئىشلەتمەسلىك، ئاممىنى يامان غەرەزدە يېتەكلىمەسلىك كېرەك؛
«مەلۇم ئىش بېجىرىش زالى» قاتارلىق ئاممىدا ئاسانلا ھۆكۈمەت تەرەپ مۇلازىمەت يولى دېگەن خاتا قاراش پەيدا قىلىدىغان بايانلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛
داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى بىۋاسىتە سۈيئىستېمال قىلىش ياكى ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا داڭلىق شەخسلەرگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كۆپلەپ ئېلان قىلىش، داڭلىق شەخس ۋېيشىن نومۇرى ياكى داڭلىق شەخسلەر بار ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنى تەقلىد قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.


2
سالاھىيەتنى نامايان قىلىشنى قېلىپلاشتۇرۇپ،
ساختا سالاھىيەتتىن ساقلىنىش كېرەك
ئەگەر سىز باش سۈرىتى، ئىسىم-فامىلە، قىسقىچە تونۇشتۇرۇش قاتارلىق ئابۇنىچىلار ماتېرىيالى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ ئالاقىدار كەسپىي سالاھىيەتنى ھازىرلىغانلىقىڭىزنى (مەسىلەن: مالىيە-ئىقتىساد، داۋالاش، ئەدلىيە، مائارىپ قاتارلىقلار) ئىپادىلىمەكچى بولسىڭىز، سۇپىنىڭ كەسپىي سالاھىيەتنى دەلىللىشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئاندىن ئالاقىدار كەسپىي نامنى قويسىڭىز بولىدۇ.
قىزىق نۇقتا ۋەقەلىرىدىكى ئالاقىدار كىشى سىياقىغا كىرىۋېلىش ياكى ئاغرىق نامىنى ساختا قوللىنىپ ئۇچۇر ئېلان قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

قائىدىگە خىلاپ دېلو مىسالى.
3
پاكىز مۇھىتنى قوغداپ،
بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئاممىۋى ئېقىمنى يېتەكلەشتىن ھەم قارا رەڭلىك كەسىپ ۋە كۈل رەڭلىك كەسىپ قاتارلىق مەسىلىلەردىن ساقلىنىش كېرەك
باش سۈرەت، قىسقىچە تونۇشتۇرۇشقا شەھۋانىي تۈستىكى، قىمارغا ئائىت بەلگىلىمىگە خىلاپ تور بېكەتلىرى سىرتقى ئۇلانمىسى ۋە ئىككىلىك كودنى كىرگۈزۈشتىن ساقلىنىش كېرەك؛ سۇپا ئېقىم مىقدارى چىقىرىش يۇمشاق دېتالى ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى يالغاندىن ياساش ياكى ساختا «ئېقىمى كۆپ ۋېيشىن نومۇرى»نى دەلىللەش سودىسى قىلىش ھەم «مۇردا» ۋېيشىن نومۇرى سودىسى قىلىش قىلمىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.

قائىدىگە خىلاپ دېلو مىسالى.
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






