تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ياشلىق باھارى ئۇرغۇپ تۇرماقتا | بىكار تۇرالمايدىغان ئۆنېر كاكىن

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي خۇڭپىڭ

   «چازودا توك يوقمىكەن؟ قولۇمدىكى ئىشنى تۈگىتىپلا باراي». 8-ئاينىڭ 27-كۈنى، تولى ناھىيەسىنىڭ تولى بازىرى تېسباقان مەھەللىسىدىكى بىر قەۋەتلىك ئۆينىڭ ھويلىسىدا، ئۆنېر كاكىن ئىككى ئائىلىنىڭ ماجىراسىنى مۇرەسسە قىلىۋاتاتتى، ئۇ يالغۇز تۇرىدىغان بىر ياشانغان كىشىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن، دەرھال ئۇنىڭ ئىشىنى يېنىدا ئېلىپ يۈرىدىغان خاتىرە دەپتىرىگە خاتىرىلىۋالدى.

   33 ياشلىق ئۆنېر كاكىن تولى بازىرى تېسباقان مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى. تەۋەلىكتىكى چوڭ-كىچىك كوچىلاردا دائىم ئۇنىڭ ئالدىراش سىيماسىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى. كۈنلەر ئۆتكەنسېرى، ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى ئۆنېر كاكىننى بىكار تۇرالمايدىغان كىشى، كىمنىڭ ئائىلىسىدە چوڭ-كىچىك ئىش بولسا، ئۇ ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ يېتىشىدۇ، دەيدىغان بولدى.

   «مەن مۇشۇ يەردە تۇغۇلدۇم، كىچىكىمدىن باشلاپ مۇشۇ تاغا-ھەدىلەرنىڭ غەمخورلۇقىدا چوڭ بولدۇم، ھازىر ئۇلار ياشىنىپ قالدى، مەن مەھەللىگە قايتىپ كېلىپ خىزمەت قىلدىم، ئۇلارغا يادەم قىلالىغۇدەك ئىش بولسىلا ياردەم قىلىمەن» دېدى ئۆنېر كاكىن. 

ئۆنېر كاكىن (ئوڭدىن 1-كىشى) ئاھالىگە ياردەملىشىپ توك يولىنى رېمونت قىلىپ بەرگەندىن كېيىن، يان تېلېفوندا توك پۇلىنى قانداق تاپشۇرۇشنى ئۆگەتمەكتە. ياۋ  ئېنبو فوتوسى

   2024-يىلى، ئۆنېر كاكىن تېسباقان مەھەللىسىگە كېلىپ خىزمەت قىلدى ھەم مەھەللىدە ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، ئەدلىيە جەھەتتىن مۇرەسسە قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولدى. زىيارەت داۋامىدا ئۇ تەۋەلىكتىكى كۆپلىگەن ياشانغان كىشىنىڭ ئۆيىدىكى توك سىمىنى جايلاشتۇرۇشىنىڭ ئۆلچەملىك ئەمەسلىكىنى، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپ-خەتىرى ساقلانغانلىقىنى بايقىدى. ئۇ ھەر قېتىم  ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇلارغا توك يولىنى ۋاقتىدا ئۆزگەرتىشنى ئەسكەرتكەن بولسىمۇ، ياشانغانلار پەقەت ئاغزىدىلا ماقۇل دەپ قوياتتى، لېكىن ئۇ قايتا زىيارەت قىلىپ بارسا ئۇلارنىڭ ئۆيىدىكى توك سىمىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى كۆرەتتى. 

   «مەن تولى ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىدە خىزمەت قىلغان ۋاقتىمدا ئىمتىھان بېرىپ توكچىلىق كىنىشكىسى ئالغان، توك ئىشلىتىشنى بىلىمەن، ھەم ئەمەلىي مەشغۇلات قىلالايمەن، شۇڭا ئۆزۈم  قول سېلىپ ئىشلەپ، ياشانغانلارنىڭ توك يولىنى ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بەردىم» دېدى ئۆنېر  كاكىن: دەسلەپتە ئۆزۈم سايمانلارنى تەييارلاپ ياشانغانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ رېمونت قىلدىم، تەدرىجىي بۇنىڭ مەھەللە مۇلازىمىتىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈشنىڭ كونكرېت تۇتقىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، باشلامچىلىق بىلەن مەھەللىدە ھەقسىز  توك مۇلازىمىتى ئىشخانىسى قۇردۇم. 

   2026-يىلىدىن بۇيان، ئۇ جەمئىي 55 ئائىلىنى زىيارەت قىلىپ، توك ئىشلىتىش يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەردىن 37نى تۈزەتتى، كونىراپ كەتكەن توك سىمى، بۇزۇلغان كەيگۇەن قاتارلىقلارنى ئالماشتۇرۇشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى ئۇ ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ سېتىۋالدى.

   مەھەللە مۈلۈك ئىگىلىرى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قادېلىت دەكىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: توك مۇلازىمىتى ئىشخانىسىنى ئەسلىدە چارشەنبە ۋە جۈمە سىرتقا ئېچىۋېتىش بېكىتىلگەنىدى، لېكىن ئاھالىلەر ھەپتە ئاخىرىدا ئىشى چىقىپ قالسىمۇ  ئۇنى ئىزدەيدىغان بولدى، «ئۆنېر  كاكىن ئىسمى-جىسمىغا لايىق <بىكار تۇرالمايدىغان> كىشىگە ئايلاندى» دېدى قادېلىت.

   60 ياشتىن ئاشقان ئاھالە شۈ ۋېنشىن ئۆنېر كاكىن يار-يۆلەك بولىدىغان ئاھالىلەرنىڭ بىرى. ئۆنېر كاكىن تىلغا ئېلىنغاندا، ئۇ ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي: «بۇ بالا ئەستايىدىل، ئىشچان، ئەزەلدىن ئاۋارىچىلىقتىن قورقمايدۇ، پەقەت ئۇنىڭغا دەپ قويساقلا، ئۇ ھەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقىرىپ كېلىپ رېمونت قىلىپ بېرىدۇ» دەپ تەرىپلىدى. 

   ئۆنېر كاكىننىڭ ئالدىراشچىلىقى توك يولىنى رېمونت قىلىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايتتى، قوشنىلار ئارىسىدا ئۇقۇشماسلىق كۆرۈلۈپ، ئۇششاق زىددىيەتلەر يۈزبەرسە، ئۇ بىرىنچى ۋاقىتتا نەق مەيدانغا بېرىپ، ئاھالىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ، ئۇلارغا داۋلى سۆزلەپ، ئىختىلاپنى سەۋرچانلىق بىلەن تۈگىتەتتى.

   بىر كىشى دائىم ياخشى ئىش قىلسا، ئۇ كۆپ كىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئۇچقۇن يانغىنغا ئايلىنىدۇ. 2015-يىلى، ئۆنېر كاكىن باشلامچى بولۇپ «پانا» ياشلار مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ قۇردى. 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ ئۆزى 150 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئىئانە قىلىپ، 5000دىن ئارتۇق ئاممىغا يار-يۆلەك بولدى؛ كوللېكتىپ مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش بويىچە جەمئىي 250 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ئىئانە توپلاپ، ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، قىيىنچىلىقى بارلارغا يار-يۆلەك بولۇش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش قاتارلىق ئاممىۋى  مەنپەئەتدارلىق بويىچە يار-يۆلەك بولۇش  پائالىيەتلىرىنى داۋاملىق قانات يايدۇردى.

   ئادەتتە، ئۆنېر كاكىن مەھەللە كوچىلىرىدا قاتىراپ يۈرۈپ، توك يوللىرىنى رېمونت قىلىپ، زىددىيەتلەرنى مۇرەسسە قىلىپ، ئاممىغا يار-يۆلەكتە بولدى؛ بوش ۋاقىتلىرىدا، ئۇ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق كوللېكتىپىنى باشلاپ ئىللىقلىق يەتكۈزدى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، ئۆنېر كاكىن باشتىن-ئاخىر «بىكار تۇرالمايدىغان» ھالىتىنى ساقلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە يىلتىز تارتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ھەر بىر كىچىك ئىشنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىجىل ئەجىر سىڭدۈرۈش ئارقىلىق تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.