شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا
كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە
تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى
شەرقىي شىنجاڭدىكى تۈزلەڭلىك رايوننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن
ئوت ئاپىتى خەۋپى ھاۋارايى دەرىجىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن
ئېلېكتر ئېنېرگىيەسى، ئېنېرگىيە
ئورمان ۋە ئوتلاق ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك ئىكەن
ھەمدە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە دىققەت قىلىش
قسمەن رايونلاردا قار ئېرىش تىپىدىكى كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك ئىكەن
مۆلچەرلىنىشىچە، 8-ئاينىڭ 31-كۈنى كېچىدىن 9-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە
شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ
قىسمەن رايونلىرىدا ئومۇمىي ھۆل-يېغىن مىقدارى بىر قەدەر چوڭ بولىدىكەن
قىسمەن جايلاردا قىسقا ۋاقىتلىق كۈچلۈك ھۆل-يېغىن، گۈلدۈرمامىلىق بوران
مۆلدۈر قاتارلىق كۈچلۈك تەتۈر ئېقىملىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن
قىسمەن جايلاردا كەلكۈن ۋە لاتقا-شېغىللىق ئېقىن
سىيرىلىپ چۈشۈش قاتارلىق گېئوئاپەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش زۆرۈر ئىكەن

ماتېرىيال سۈرەت. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چىن پېڭ فوتوسى
پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتنى
بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى
↓↓↓
مۆلچەرلىنىشىچە، بۈگۈن كۈندۈزدە ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ جەنۇبى ۋە شەرقى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ غەربى، شىمالىي شىنجاڭنىڭ شىمالى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاغلىق رايونلار، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن) ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى تاغلىق رايونلار، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن؛ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كۆپ قىسىم رايونلار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 8 ~ 7 بال، ئۆتكۈنچى شامال توققۇز بال ئەتراپىدا بولىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، شەرقىي شىنجاڭدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن. ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ غەربى، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى، جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ℃35تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدىكەن، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃40تىن يۇقىرى، تۇرپان شەھىرىنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ℃45تىن يۇقىرى بولىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.
8-ئاينىڭ 31-كۈنى كېچىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار، قومۇل شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن)، ئىلى دەرياسى ۋادىسى، بورتالا ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئالتاي ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى قاتارلىق جايلاردىكى قىسمەن رايونلار ۋە قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم رايونلار، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، شەرقىي شىنجاڭدا ئالتە بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10 ~ 9 بال، ئۆتكۈنچى شامال 11 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قىسقا ۋاقىتلىق چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭنىڭ غەربى، شىمالىدا تېمپېراتۇرا ℃5 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ℃35تىن يۇقىرى تېمپېراتۇرا كۆرۈلىدىكەن، بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىدىكى قىسمەن جايلاردا ℃40تىن يۇقىرى، تۇرپان شەھىرىدىكى قىسمەن جايلاردا ℃45تىن يۇقىرى بولىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.
9-ئاينىڭ 1-كۈنى كېچىدىن 9-ئاينىڭ 2-كۈنى كۈندۈزگىچە، شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلار ۋە جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ غەربى ۋە شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن (ئېگىز تاغلىق رايونلاردا قار ياغىدىكەن) ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى تاغلىق رايونلار، بورتالا ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلار، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبى، قاراماي شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تاغلىق رايونلار، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇراھال ۋە قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەن، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ شىمالىدىكى تاغلىق رايونلار، بورتالا ئوبلاستىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونلار، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايونلارنىڭ قىسمەن جايلىرىدا قارا يامغۇر ياغىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم رايونلار، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا، شەرقىي شىنجاڭدا بەش بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن، شامال ئېغىزلىرىدا شامال كۈچى 10 ~ 9 بال، ئۆتكۈنچى شامال 11 بال ئەتراپىدا بولىدىكەن؛ جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقىنىڭ شەرقىدە بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدىكەن، قىسمەن رايونلاردا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن؛ شىمالىي شىنجاڭدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا تېمپېراتۇرا ℃8 ~ ℃5قىچە تۆۋەنلەيدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭ ئويمانلىقى، شەرقىي شىنجاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا تېمپېراتۇرا ℃35تىن يۇقىرى بولىدىكەن، بايىنغۇلىن ئوبلاستىنىڭ جەنۇبى، تۇرپان شەھىرى، قومۇل شەھىرىدىكى قىسمەن جايلاردا تېمپېراتۇرا ℃40تىن يۇقىرى بولىدىكەن. پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولۇپ، شامال كۈچى ئانچە كۈچلۈك بولمايدىكەن.
شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى سائەت 10دىن 5 مىنۇت ئۆتكەندە تارقاتقان يۇقىرى تېمپېراتۇرا سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى داۋاملىق كۈچكە ئىگە ئىكەن.
مەنبە: شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسى
«شىنجاڭ گېزىتى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






