تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئات بەيگىسى، تۆگە بەيگىسى، ئات چاپتۇرۇپ ئوقيا ئېتىش، ئات چاپتۇرۇپ خادا ئېلىش مۇسابىقىلىرى كورلا شەھىرىنىڭ دۇڭگۇي بەيگە مەيدانىدا نۆۋەت بىلەن ئېلىپ بېرىلدى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 30-كۈنى، كورلا شەھىرىنىڭ دۇڭگۇي بەيگە مەيدانىدا، 3000 مېتىرلىق تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى مۇسابىقىسى كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى. 8-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 30-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق 15-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم 11-نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئات ئۈستى تۈرى مۇسابىقىسى قىزغىن ئۆتكۈزۈلدى. كۆپلىگەن ئۆزگىچە سۈرئەت ۋە ماھارەت كۆرسىتىش تۈرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئوينالدى، مۇسابىقىگە قاتناشقان ۋەكىللەر كوماندىسىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر بىر سەھنىدە ماھارەت كۆرسىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئات ئۈستى تەنتەربىيەسىدىكى سۈرئەت ۋە جەلپ  قىلىش كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، مۇسابىقە مەيدانى قىزغىن كەيپىياتقا چۆمدى.

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، 2000 مېتىرلىق تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى مۇسابىقىسى كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى.

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، 2000 مېتىرلىق تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى مۇسابىقىسى كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى.

   مۇسابىقە مەزگىلىدە، 2000 مېتىرلىق تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى، 3000 مېتىرلىق تۆگە بەيگىسى، 3000 مېتىرلىق تېز سۈرئەتلىك ئات بەيگىسى، 5000 مېتىرلىق تۆگە بەيگىسى نۆۋەت بىلەن ئېلىپ بېرىلىپ، كەسكىن تىركىشىش بولدى. مۇسابىقە يولىدا، مۇسابىقىگە قاتناشقان چەۋەندازلار ئاتنى قامچىلاپ، قامچىسىنى ئوينىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئاتاكىغا ئۆتتى، ئارغىماقلار يايلىنى لەپىلدىتىپ ئۇچقاندەك چاپتى، تۆگىلەر پۇختا قەدەم بىلەن سۈرئەتتە مۇسابىقىلەشتى، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىش سادالىرى تۇرۇپ كۆتۈرۈلۈپ، تۇرۇپ پەسىيىپ كەيپىيات ئەۋجىگە چىقتى. قاتلاممۇقاتلام مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، ھەرقايسى تۈرلەردە رەت تەرتىپى بېكىتىلدى، جايلاردىكى ۋەكىللەر كوماندىلىرى باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، 3000 مېتىرلىق تۆگە بەيگىسى مۇسابىقىسى كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى.

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئات چاپتۇرۇپ ئوقيا ئېتىش مۇسابىقىسى كەسكىن ئېلىپ بېرىلدى.

8-ئاينىڭ 29-كۈنى، كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان خادا ئېلىش مۇسابىقىسىدە، چەۋەندازلار تېز سۈرەتتە چېپىۋاتقان ئات ئۈستىدە ئېڭىشىپ تۇرۇپ خادا ئالماقتا.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.