تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

بۇ جايدىكى ئۈزۈملەر ئۆسۈشكە پايدىلىق باكتېرىيەنى ئوزۇق قىلىپ ئۆسمەكتە

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن

8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 5 - شى شۇاڭخې شەھىرى 81 - تۇەندىكى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچى سۈن ۋېيچېڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي ئالدىراش بولۇپ كەتكەنىدى. كۆپچىلىك يېڭىلا ئۈزۈلگەن ساپاق - ساپاق ئۈزۈملەرنى يەشىكلەرگە رەتلىك قاچىلاپ، ئۈمىدكە تولغان ھالدا سېتىۋېلىش سودىگەرلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىغا كېلىپ ئاپتوموبىللارغا قاچىلاپ سىرتقا توشۇپ كېتىشىنى كۈتۈۋاتاتتى.

بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن سۈن ۋېيچېڭ شۇ جايدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچى بولۇپ، كۆپ يىللىق ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، پەرۋىش قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە. بۇ يىل سۈن ۋېيچېڭ ئۆستۈرگەن 50 مو يازلىق قارا ئۈزۈم، كۆك ياقۇت ئۈزۈمنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلاتتى. «قاراڭ، بۇ يىلقى ئۈزۈمنىڭ دانىلىرى تەكشى، ئەتلىك، شىرنىلىك ھەم تاتلىق، قەنت تەركىبى يۇقىرى بولۇپلا قالماي، يەنە ساقلاشقا چىداملىق.» سۈن ۋېيچېڭ مۇخبىرغا پىشقان ئۈزۈملەرنى كۆرسەتكەچ، مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە ئۈزۈملەر پىشىپ بازارغا سېلىنىش مەزگىلىگە كىردى، ھەرقايسى جايلاردىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشىك ئالدىمىزغا كېلىپ ئۇدۇللىشىپ زاكاز قىلىپ سېتىۋالدى.

بۇ خۇشاللىق پۈتۈنلەي يېڭى بولغان ئۆسۈشكە پايدىلىق باكتېرىيە ئارقىلىق ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنىڭ پايدىسىدىن كەلگەن. 2025 - يىلى، شىنجاڭ ۋېيكاڭ يېزا ئىگىلىك بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن شىنجاڭ جۇڭرۇن دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىرلىكتە ئۆسۈشكە پايدىلىق باكتېرىيە ئارقىلىق ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تەجرىبە ئېتىزىدا ئۈزۈم ئۆستۈرۈپ، ئىزدىنىش ئارقىلىق ئۈنۈمىنىڭ خېلى ياخشى بولغانلىقىنى بايقاپ، بۇ يىل ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى 300 موغا كېڭەيتتى.

«ئىلگىرى ئۈزۈم ئۆستۈرگەندە، ئۈزۈمزارلىقتىكى ئوت - چۆپلەرنى ئوتاش، كېسەللىك - ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت پۈتكۈل جەرياندا بوشىشىپ قېلىشقا بولمايتتى، ئەگەر قىروسىمان پاختىلىشىش كېسىلى، ئاق توزان كېسىلىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچرىغاندا، قايتا - قايتا دورا چېچىشقا توغرا كېلەتتى. بۇنداق بولغاندا تۇپراق ئاسانلا قېتىۋېلىپ، ئۆستۈرۈلگەن ئۈزۈملەردە مېۋە دانىسىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى تەكشى بولماسلىق، ساپاقتىكى ئۈزۈملەرنىڭ پىشىش دەرىجىسى بىردەك بولماسلىق، سىرتى پىشىپ، ئىچى پىشماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر كېلىپ چىقاتتى.» سۈن ۋېيچېڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئۆسۈشكە پايدىلىق باكتېرىيە ئارقىلىق ئۈزۈم ئۆستۈرۈش يېڭى تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئۆز ئېتىزىمدا كىچىك دائىرىدە سىناق قىلدىم.

ئويلىمىغان يەردىن، ئۆستۈرۈش ئۈنۈمى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى.

شىنجاڭ جۇڭرۇن دېھقانچىلىق - ئورمانچىلىق تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئۆسۈملۈك قوغداش خادىمى ساۋ جيەنمىن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز شىنجاڭ ۋېيكاڭ يېزا ئىگىلىك بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ئاچقان مۇرەككەپ مىكرو ئورگانىزملىق باكتېرىيە دورىسىنى كىرگۈزدى، ئۇنىڭ تەركىبىدە بېلېس سپورىلىق تاياقچە باكتېرىيەسى، قاتقان سپورىلىق تاياقچە باكتېرىيەسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان بەش خىل ئۆسۈشكە پايدىلىق باكتېرىيە بار. سۇ - ئوغۇت نىسبىتىنى تەڭشەپ ئېچىتىش تېخنىكىسىغا تايىنىپ، نىسبەت بويىچە سۇيۇلدۇرۇپ تەڭشىگەندىن كېيىن، بىر قىسمى ئۈزۈمنىڭ شاخ - يوپۇرماقلىرىغا پۈركۈلىدۇ، بىر قىسمى تېمىتىپ سۇغىرىش سىستېمىسى ئارقىلىق ئۈزۈمنىڭ يىلتىز قىسمىغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلىدۇ.

«بۇ، ئېتىز تۇپرىقىنىڭ <ئۈچەي - ئاشقازان>ىغا ئۆسۈشكە پايدىلىق باكتېرىيە تولۇقلىغانغا ئوخشاش بولۇپ، تۇپراقتىكى باكتېرىيە توپىنى تېز سۈرئەتتە قايتا تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، شاخ، قىغدىكى ئورگانىك ماددىلارنى ئۈنۈملۈك پارچىلاپ، ئۈزۈم بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ پايدىلىنالايدىغان ئوزۇقلۇققا ئايلاندۇرىدۇ، يەنە زىيانلىق كېسەللىك باكتېرىيەلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلىيەلەيدۇ» دېدى ساۋ جيەنمىن.

ئېتىزلاردا ئەمەلىي ئۆلچەنگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆسۈشكە پايدىلىق باكتېرىيە ئارقىلىق ئۈزۈم ئۆستۈرۈش تەجرىبە ئېتىزىدا كېسەللىك - ھاشارات زىيانداشلىقىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەن، خىمىيەۋى ئوغۇت ئىشلىتىش مىقدارى ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق ئەندىزىسىگە سېلىشتۇرغاندا %15 ئازايغان، كېسەللىك - ھاشارات زىيانداشلىقىغا دېھقانچىلىق دورىسى پۈركۈش مىقدارى ئۈچتىن بىر قىسىم تۆۋەنلىگەن.

يېڭى تېخنىكا ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچىلەرنى نەپكە ئېرىشتۈردى. سۈن ۋېيچېڭ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: ئۆسۈشكە پايدىلىق باكتېرىيەنى ئوزۇق قىلغان ئۈزۈمنىڭ دانىسى تەكشى، پۈتۈن ساپاق ئۈزۈم تەڭ پىشىدىغان، تەمى تاتلىق، ساقلاش، توشۇشقا تېخىمۇ چىداملىق بولۇپ، ھەر كىلوگىرامىنىڭ سېتىلىش باھاسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن تۆت يۈەن يۇقىرى بولدى.

شىنجاڭ ۋېيكاڭ يېزا ئىگىلىك بىيوپەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئۆسۈملۈك - تۇپراق ساغلاملىقى ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەسئۇلى گو ياڭتاۋ مۇنداق دېدى: بۇ ئۆسۈشكە پايدىلىق باكتېرىيە ئارقىلىق ياخشىلاش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، ئىلگىرى بۇغداي، قوناق، شال قاتارلىق ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدىغان تۇپراقنى ياخشىلاشتا ۋە ئېكولوگىيەلىك ئايلانما تېرىقچىلىقتا ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكەنىدۇق، كېيىنكى قەدەمدە، كارخانىمىز ئۆسۈشكە پايدىلىق باكتېرىيە ئارقىلىق ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچىلەرنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.