تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

كېۋەز «راك كېسىلى» قىيىن مەسىلىسىنى شىنجاڭ مۇشۇنداق ھەل قىلدى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سارىنا

نۇرغۇن پاختىكار ۋە سورت يېتىشتۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار مۇنداق بىر قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەنىدى: تەجرىبە مۇھىتىدا كۆپلىگەن كېۋەز سورتلىرىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش ئىپادىسى ياخشى بولسىمۇ، چوڭ ئېتىزغا كىرگۈزۈلۈپ تېرىلغاندىن كېيىن ئاسانلا كېسەل تېگىپ ھوسۇلى كېمىيىپ كېتىدۇ. بۇ خىل پەرقنى كېۋەز «راك كېسىلى» دەپ ئاتىلىدىغان سارغىيىپ سولىشىش كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقارغان. يېقىندا، كەسىپ تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان بۇ ئاغرىق نۇقتا بۆسۈش خاراكتېرلىك ھەل قىلىش لايىھەسىگە ئېرىشتى.

8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، كېۋەز سارغىيىپ سولىشىش كېسىلى سۈنئىي كېسەللىك تەجرىبە بازىسى سانجى دۆلەتلىك يېزا ئىگىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ئۈلگە رايونىدا رەسمىي قۇرۇلدى، مەملىكەت بويىچە ئۆسۈملۈك قوغداش ساھەسىدىكى 30 نەچچە مۇتەخەسسىس نەق مەيدانغا كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىشنى قانات يايدۇردى.

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسۈملۈك قوغداش تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى چېن جيېيىن مۇنداق تونۇشتۇردى: سارغىيىپ سولىشىش كېسىلى ھازىر پاختا ئىشلەپچىقىرىشىدا ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئەڭ قىيىن بولغان كېسەللىك زىيانداشلىقىنىڭ بىرى. بۇ كېسەللىك باكتېرىيەسى كېۋەزنىڭ تومۇر دەستىسىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۆسۈملۈك تۈپىنىڭ ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ئادەتتىكى دورىلار سىڭىپ كىرىپ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەللىك باكتېرىيەسى تۇپراقتا ئۇزاق مەزگىل مەۋجۇت بولۇپ، كېۋەزلىككە قايتا - قايتا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئىلگىرى بۇ ساھەدە بىرلا خىل باكتېرىيە تۈرىنى تەجرىبە قىلىش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشچانلىق سىنىقى قانات يايدۇرۇلغان بولسىمۇ، ئېتىزدىكى مۇرەككەپ، كۆپ خىل باكتېرىيە تۈپى مۇھىتىنى تەقلىد قىلىشقا ئامالسىز قالغاچقا، كۆپلىگەن كېۋەز سورتىنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشچانلىق ئىپادىسىنىڭ مۇقىم بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

«ئوخشاش بولمىغان كېسەل پەيدا قىلىش تىپىدىكى كېسەللىك باكتېرىيەسى ئوخشاش بولمىغان ۋىرۇس تۈپىگە ئوخشايدۇ، بىرلا خىل باكتېرىيە تۈرىنى تەجرىبە قىلغاندا، ئېتىزنىڭ ھەقىقىي مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ» دېدى چېن جيېيىن چۈشەندۈرۈپ.

تېخنىكىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش ئۈچۈن، 2023 - يىلىدىن بۇيان، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي قىسىم يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزى، ئۆسۈملۈك قوغداش تەتقىقات ئورنى بىرلىكتە پەن تەتقىقاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، باكتېرىيە تۈرىنى سىستېمىلىق يىغىش ھەم گېن گۇرۇپپىسى تەرتىپىنى ئۆلچەپ ئانالىز قىلىش ئارقىلىق، سارغىيىپ سولىشىش كېسىلى باكتېرىيەسىنىڭ جەمئىي سەككىز خىل كېسەللىك پەيدا قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە يۇقۇملانغان كېۋەزدە ئاساسلىقى تۆت خىل كېسەللىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. پەن تەتقىقات كوللېكتىپى 48 مو تەجرىبە ئېتىزىنى 16 مۇستەقىل تەجرىبە رايونىغا ئايرىپ، ئوخشاش بولمىغان كېسەللىك پەيدا قىلىدىغان باكتېرىيە تۈپىنى رايونلارغا ئايرىپ ئەملەپ، ئۈچ يىلدا ئۆلچەملەشكەن كېۋەز سارغىيىپ سولىشىش كېسىلى سۈنئىي كېسەللىك تەجرىبە بازىسىنى قۇردى.

بۇ سۈنئىي كېسەللىك تەجرىبە بازىسى ئوخشاش بولمىغان كېۋەز سورتىنىڭ كېسەللىك باكتېرىيەسىگە تاقابىل تۇرۇشچانلىقىنى دەل جايىدا تەكشۈرۈپ ئۆلچەپ، كېۋەز سورتىنىڭ ئېتىزدىكى كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشچانلىق ئىپادىسى مۇقىم بولماسلىقتىن ئىبارەت كەسىپتىكى قىيىن مەسىلىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، سارغىيىپ سولىشىش كېسىلى باكتېرىيەسى 38 ئۆسۈملۈك ئائىلىسىدىكى 660 خىلدىن ئارتۇق ئۆسۈملۈككە يۇقىدىكەن، بۇ سۈنئىي كېسەللىك تەجرىبە بازىسى كېۋەزنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشچانلىقى بويىچە سورت يېتىشتۈرۈش تەتقىقاتىغا مۇلازىمەت قىلىپلا قالماي، يەنە تۈرلۈك ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشچانلىقىنى باھالاش خىزمىتىگە تىرەك بولىدىكەن. نۆۋەتتە، بۇ سۈنئىي كېسەللىك تەجرىبە بازىسىغا تايىنىپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تېخنىكىسى يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى ئاساسلىق كېڭەيتىدىغان تېخنىكا قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، شىنجاڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىدا كېڭەيتىپ قوللىنىلماقتا.

جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي قىسىم يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جيا جىنلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە بۇ پەن تەتقىقات سۇپىسىغا سىجىل تايىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتتا ماس يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېسەللىك زىيانداشلىقى مېخانىزمى تەتقىقاتى ۋە سورتنىڭ كېسەلگە تاقابىل تۇرۇشچانلىقىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، غەربىي شىمال يېزا ئىگىلىك بىيوبىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.